رۇسىيەدىكى قانلىق ئىت تالاشتۇرۇش مۇسابىقىسى - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
بۈگۈن : , بالىلار بايرىمىغا يەنە -317 كۈن بار
| تىزىملىتىش | سېستىمىغا كىرىش | ئىزدەش | تەكلىپ - پىكىر | باش بەت قىلىۋېلىڭ

باش بەت خەلىقئارا
مەملىكەت
شىنجاڭ
مەدىنىيەت
ئىقتىساد
تەنتەربىيە
كۆڭۈل ئېچىش
پەن - تېخنىكا
سۈرەتلىك
 
 
 
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
   ئاۋات خەۋەرلەر

 

بارلىق تورداشلار..
نەچچە ئون مىڭلىغ..
مۇسۇلمانچە تائام..
دوپپا مەدىنىيىتى..
ئامېرىكا تالانتل..
موڭغۇلىيە مەدەنى..
قەدىمىي دولان نا..
پۈتۈن دۇنيادىكى ..

   تەۋسىيە خەۋەرلەر

 

مۇسۇلمانچە تائام..
دوپپا مەدىنىيىتى..
كىرىتىئان لونارد..
15-نۆۋەتلىك كۈزلۈ..
گېرمانىيەنىڭ مىي..
ئۇيغۇر قىزلىرىنى..

   ئاۋات خەۋەرلەر

 

دۈبەي يەلكەنلىك مېھمانسارىيى..
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىك ئادەتلىرىگە نەزەر..
دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قىبلىگاھى _(كەبە)..
رۇسىيەدىكى قانلىق ئىت تالاشتۇرۇش مۇسابىقىسى..
96 ياشلىق «پاھىشە» ھازىرمۇ «خىزمەت» قىلىۋېتىپت..
شەھەرلىك سۈن ۋۇكۇڭنى زىيارەت..
ئافغانىستاندىكى ساۋاتسىز چالا قارىملار قانداق ..
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قۇراق بويۇملىرى..
ھەقىقى بەخىت نىمە؟..
بۆشۈك ۋە بۆشۈكتە بالا بېقىش ئادىتىمىز..

 
رۇسىيەدىكى قانلىق ئىت تالاشتۇرۇش مۇسابىقىسى
  • مەنبە: www.xjtsnews.com
  • 2010-12-03 06:20

        ئىت تالاشتۇرۇش رۇسىيەدە كىشىلەر ئىنتايىن قىزىقىدىغان بىر تۈر بولۇپ ، مۇسابىقىدە ئۇتۇش ئۈچۈن ، بەزى ئىت ئىگىلىرى ئىتقا ستېروئىد يېگۈزۈپ ، تەن قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ ، ھەتتا ئىتنىڭ بەدىنىگە بۆرە مېيى سۈرۈپ رەقىبىگە ھەيۋە قىلدۇرىدۇ. ئىتلار مۇسابىقە جەريانىدا كەسكىن تالىشىپ بىر - بىرىنى تىتما - تىتما قىلىۋېتىدىغانلىقتىن ئېغىر يارىلىنىدۇ ، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىدۇ ، يارىلانغان شۇ ئىتلارنى كۆرگەن كىشىنىڭ ئىچى سېيرىلىدۇ.

     

       رۇسىيە پايتەختى موسكىۋانىڭ جەنۇبىدىكى ئورمان رايونىدا ، بىر توپ كىشىلەر قار بىلەن قاپلانغان ۋاسكىتبول مەيدانىغا توپلىشىپ ، زور قىزىقىش بىلەن قارشىلىشىدىغان ئىككى تەرەپ ماھىرلىرى ـــــ بەدەن ئېغىرلىقى 50 كىلوگىرامدىن ئاشىدىغان ئىككى بۆرە ئىتنىڭ كۆپچىلىكنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولۇشىنى كۈتمەكتە. نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ ئىككى ‹‹ماھىر›› ئىلگىرى سەييارە مۇسابىقىلەردە 42 مەيدان يېڭىلمەسلىكتەك رېكورتنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ئىچىدىكى غەلىبە قىلغۇچىنىڭ مەرتىۋىسى ئۆرلەپ، مەملىكەتلىك ‹‹ئىتلارنىڭ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى›› گە قاتناشتۇرۇلىدىكەن .

     
     
     
       رېپېر باشلاش ئىشارىتى قىلغاندىن كېيىن ، ئىگىسى ئىتنىڭ بوينىدىكى ئارغامچىنى بوشىتىۋەتتى ، ئىككى ئىت شۇئان بىر - بىرىگە تاشلىنىپ، قاۋاپ چىشلەشكىنىچە پومداقلىشىپ كەتتى ، ئۇلار پۈتۈن كۈچى بىلەن رەقىبىنى قارغا يىقىتىش كويىدا بولدى. بەزىدە، بۇ ئىككى جانىۋار ئارقا پۇتى بىلەن ئۆرە تۇرۇۋېلىپ، رەقىبىنى چىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئالدى ئىككى پۇتى بىلەن رەقىبىنى توختىماستىن ئۇردى. ئۈچ قېتىم كۈچ ئېلىشقاندىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرىدا بەدىنى ئېغىررراق بولغان بىرى ئۇتۇپ چىقىپ، كۆكرىكىنى كېرىپ غادايغىنىچە كېيىنكى نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە كىردى.
     
     
     
     
     
     
     
       ئىت تالاشتۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن، ئىگىسى بىر چەتتە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، ‹‹چىشلە، ئوبدان بالام، چىشلە›› دەپ قاتتىق ۋارقىرىغىنىچە ئۆز ماھىرىغا مەدەت بېرىدۇ. ئىت تالاشتۇرۇش تاكى ئىتلارنىڭ بىرى قورقۇپ ياكى ئاغرىققا چىدىماي قاچقانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ. قۇيرۇقىنى قىسىۋېلىش، تۆۋەن ئاۋازدا زارلىنىپ قاۋاش، رەقىبىنى يەنە چىشلەشتىن قېچىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يېڭىلگەنلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئەگەر ئىككى تەرەپ ئۈچىلا قېتىمدا تەڭلىشىپ قېلىپ، يېڭىش - يېڭىلىشنى بېكىتكىلى بولمىسا، ئۇنداقتا مۇسابىقە تەڭلىشىپ قالغانلىق بىلەن ئاياغلىشىدۇ. بەزىدە بىر مىنۇتتىلا يېڭىش - يېڭىلىش بەلگىلىنىدۇ، بەزىدە 45 مىنۇتتىن ئۇزاق داۋاملىشىدۇ.
     
     
       ھازىر، پەقەت موسكىۋادىلا شەھەر باشلىقىنىڭ پەرمانى بىلەن ئىت تالاشتۇرۇش پائالىيىتى چەكلەندى، بىراق ئوتتۇرا ئاسىيادىن كاۋكاز تاغ تىزمىسىنىڭ كەڭ رايونلىرىغىچە، ھەتتا موسكىۋاغا يېقىن جايلاردىمۇ كىشىلەر يەنىلا تۈرلۈك ئىت تالاشتۇرۇش ئويۇنلىرىنى كۆرەلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قاتتىق بېرىلىپ كۆرىدۇ.
  • [ئاپتورى :   مەنبەسى :   ۋاقتى : 2010-12-3 19:04:41  كۆرۈلۈشى : 4767 قېتىم]

     

    شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى  (2010 - 5 - 17)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682