5- ئاينىڭ 20- كۈنى، 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو مۇسۇلمانچە تائام مەدەنىيىتى بايرىمى ئۈرۈمچىدا باشلاندى. بايرام مەزگىلىدە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 111 ئۇستىنىڭ مەھسۇلاتىدىن تاللانغان 180 خىل نان كۆرسىتىلدى. بۇ 180 خىل نان 2011- يىلى 4- ئايدا ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ نان باھالاش كۆرگەزمە پائالىيىتى باشلانغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، شىنجاڭ كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەش، ئەستايىدىل باھالاش ئارقىلىق تاللاپ چىقىلغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئامما كۈندە ئىستېمال قىلىدىغان ھەر خىل نان تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى (2010 - 5 - 17) , خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn , ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928 , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 , 新ICP备10201682号