ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ قۇلاق تېشىش ئادىتى - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
بۈگۈن : , بالىلار بايرىمىغا يەنە -311 كۈن بار
| تىزىملىتىش | سېستىمىغا كىرىش | ئىزدەش | تەكلىپ - پىكىر | باش بەت قىلىۋېلىڭ

باش بەت خەلىقئارا
مەملىكەت
شىنجاڭ
مەدىنىيەت
ئىقتىساد
تەنتەربىيە
كۆڭۈل ئېچىش
پەن - تېخنىكا
سۈرەتلىك
 
 
 
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
   ئاۋات خەۋەرلەر

 

بارلىق تورداشلار..
نەچچە ئون مىڭلىغ..
مۇسۇلمانچە تائام..
دوپپا مەدىنىيىتى..
ئامېرىكا تالانتل..
موڭغۇلىيە مەدەنى..
قەدىمىي دولان نا..
پۈتۈن دۇنيادىكى ..

   تەۋسىيە خەۋەرلەر

 

مۇسۇلمانچە تائام..
دوپپا مەدىنىيىتى..
كىرىتىئان لونارد..
15-نۆۋەتلىك كۈزلۈ..
گېرمانىيەنىڭ مىي..
ئۇيغۇر قىزلىرىنى..

   ئاۋات خەۋەرلەر

 

دۈبەي يەلكەنلىك مېھمانسارىيى..
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىك ئادەتلىرىگە نەزەر..
دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قىبلىگاھى _(كەبە)..
رۇسىيەدىكى قانلىق ئىت تالاشتۇرۇش مۇسابىقىسى..
96 ياشلىق «پاھىشە» ھازىرمۇ «خىزمەت» قىلىۋېتىپت..
شەھەرلىك سۈن ۋۇكۇڭنى زىيارەت..
ئافغانىستاندىكى ساۋاتسىز چالا قارىملار قانداق ..
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قۇراق بويۇملىرى..
ھەقىقى بەخىت نىمە؟..
بۆشۈك ۋە بۆشۈكتە بالا بېقىش ئادىتىمىز..

 
ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ قۇلاق تېشىش ئادىتى
بۇ

 

 

ئۇيغۇرلاردا قىز بالا يەتتە ياشقا كىرگەندە قۇلىقىنى تېشىپ ھالقا سېلىپ قويۇش ئادىتى بار بولۇپ، بۇ ئادەت ناھايىتى ئۇزاق زامانلاردىن بېرى ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلمەكتە. گەرچە بۇ ئادەت ئالاھىدە بىر مۇراسىم شەكلىنى ئالمىغان بولسىمۇ، ئاتا-ئانىنىڭ زىممىسىدىكى چوقۇم ئۆتەشكە تېگىشلىك بىر مەسئۇلىيەت، دەپ قارىلىدۇ. بۇ ئادەتكە ئاتىلار ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىسىمۇ، ئانىلار بىر خىل مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن قارايدۇ. ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئۈچ ياشقا كىرگەندىن باشلاپ قۇلىقى تېشىلىدۇ. ئەنئەنىۋى قۇلاق تېشىش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددىي ھەم بىخەتەر بولۇپ، كىشىلەر قىزلىرىنىڭ قۇلىقىنى تەشتۈرۈشتە بىرەر موماينى تەكلىپ قىلىدۇ. موماي قىزنىڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىنى قوناق ياكى چىگىت بىلەن ئۇزاق ئۇۋۇلاپ، قۇلاق يۇمشىقىنىڭ قېنىنى قاچۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن يىڭنە بىلەن قۇلاقنى تېشىدۇ-دە، ئىچىگە سۈپۈرگە تېلى ياكى چاي شامىسىنى سانجىپ قويىدۇ. ناۋادا قۇلاقتىكى ئەسلىي تېشىلگەن تۆشۈك پۈتۈپ قالسا، بۇزۇلۇپ كەتسە، ئاندىن 2-قېتىم يەنە تۆشۈك تېشىدۇ. قىز بالىنىڭ قۇلىقىنى تەشكەندە ئۇنىڭ چىدىماي يىغلاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا بىر-ئىككى تال تۇخۇم ياكى بىرەر نەرسە يىگۈزۈپ قويىدۇ. قىزلارنىڭ قۇلىقىنى تەشكۈزگەن كۈنى ئانىسى ئۇلارغا چىرايلىق بىر جۈپ ھالغا ياكى بىرەر سوۋغات ئېلىپ بېرىش بىلەن قىزىنىڭ كۆڭلىنى ئالىدۇ ھەمدە بىرەر ئايغىچە ئۇنىڭ قۇلىقىنىڭ ئەتراپىغا يارا-چاقىلارنىڭ چىقىپ قالماسلىقى ئۈچۈن مايلاپ، ھەر خىل مەلھەملەرنى سۈرتۈپ تۇرىدۇ. قۇلاق ئاساسەن ئۆرۈك چېچەكلىگەن پەيتلەردە تېشىلىدۇ.
ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ قۇلاق تېشىش ئادىتى شەكىللەنگەندىن كېيىن، شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا قىز-ئاياللارغا ھەر خىل ھالقا، مۇنچاقلارنى سوۋغا قىلىش ۋە تويلۇق ئۈچۈن قۇلاققا ئاسىدىغان ھەر خىل زىبۇ زىننەت بۇيۇملىرىنى سوۋغا قىلىش ئادىتى شەكىللەندى.
شۇنىڭدىن كېيىن مەخسۇس ھالقا ۋە زىبۇ زىننەتنى ياساش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھۈنەر تۈرى مەيدانغا كەلدى. ئۇيغۇرلار ئۇلارنى ھالقا، سۆكە، مۇنچاق، زىرە، سىرغا قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتايدۇ. ئۇلار بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە قىزلارنىڭ تويلۇقىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇپ قالدى. ئۆز بەدىنىگە مەلۇم زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاش ۋە ئېسىش بىلەن بەدەن گۈزەللىكىنى ئاشۇرۇش ئىستىكى ئۇيغۇرلاردا ناھايىتى بۇرۇنلا شەكىللەنگەن.
قۇلاق تېشىپ ھالقا ئېسىش ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ياسىنىش ئادىتى. بۇ ئۇيغۇر زىبۇ-زىننەت مەدەنىيىتىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

[ئاپتورى :   مەنبەسى :   ۋاقتى : 2011-9-8 15:46:08  كۆرۈلۈشى : 1504 قېتىم]

 

شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى  (2010 - 5 - 17)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682