ئافغانىستاندىكى ساۋاتسىز چالا قارىملار قانداق مەيدانغا كەلگەن؟ - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
بۈگۈن : , بالىلار بايرىمىغا يەنە -311 كۈن بار
| تىزىملىتىش | سېستىمىغا كىرىش | ئىزدەش | تەكلىپ - پىكىر | باش بەت قىلىۋېلىڭ

باش بەت خەلىقئارا
مەملىكەت
شىنجاڭ
مەدىنىيەت
ئىقتىساد
تەنتەربىيە
كۆڭۈل ئېچىش
پەن - تېخنىكا
سۈرەتلىك
 
 
 
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
   ئاۋات خەۋەرلەر

 

بارلىق تورداشلار..
نەچچە ئون مىڭلىغ..
مۇسۇلمانچە تائام..
دوپپا مەدىنىيىتى..
ئامېرىكا تالانتل..
موڭغۇلىيە مەدەنى..
قەدىمىي دولان نا..
پۈتۈن دۇنيادىكى ..

   تەۋسىيە خەۋەرلەر

 

مۇسۇلمانچە تائام..
دوپپا مەدىنىيىتى..
كىرىتىئان لونارد..
15-نۆۋەتلىك كۈزلۈ..
گېرمانىيەنىڭ مىي..
ئۇيغۇر قىزلىرىنى..

   ئاۋات خەۋەرلەر

 

دۈبەي يەلكەنلىك مېھمانسارىيى..
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىك ئادەتلىرىگە نەزەر..
دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قىبلىگاھى _(كەبە)..
رۇسىيەدىكى قانلىق ئىت تالاشتۇرۇش مۇسابىقىسى..
96 ياشلىق «پاھىشە» ھازىرمۇ «خىزمەت» قىلىۋېتىپت..
شەھەرلىك سۈن ۋۇكۇڭنى زىيارەت..
ئافغانىستاندىكى ساۋاتسىز چالا قارىملار قانداق ..
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قۇراق بويۇملىرى..
ھەقىقى بەخىت نىمە؟..
بۆشۈك ۋە بۆشۈكتە بالا بېقىش ئادىتىمىز..

 
ئافغانىستاندىكى ساۋاتسىز چالا قارىملار قانداق مەيدانغا كەلگەن؟
تەخمىنەن 500 يىل بۇرۇن موغول خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى بابۇر ئۇرۇش قىلىپ گۈزەل مەنزىرىلىك كابۇل(ئافغانىستان پايتەختى)غا كەلگەندە ھاياجانلانغان ھالدا: كابولنىڭ تاغلىرى ئاجايىپ ھەيۋەتلىك، ھاۋاسى تولىمۇ يېقىشلىق ئىكەن، ئېگىزدىن نەزەر سالغاندا، بۇ يەر خۇددى بىپايان كۆلگە ئوخشايدىكەن، تاغ-دەريالار كۆكەرگەندە ئۈچ بىپايان دالا گۈزەل كەلگۈسىدىن بېشارەت بېرىدىكەن، دېگەن. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن باشلاپ خۇددى جەننەتكە ئوخشايدىغان بۇ گۈللۈك شەھەر كۈچلۈك دۆلەتلەر تەرىپىدىن ۋەيران قىلىندى. ھازىر كابول شەھىرىنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۇرۇش جاراھىتىنى كۆرگىلى بولىدىغان بولغاچقا، خېلى تەسەۋۋۇر كۈچىگە ئىگە كىشىلەرمۇ ئەينى يىللاردا بۇ يەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ.
   بۇ يەردە قانداق بالا-قازالار يۈز بەردى؟ ئەينى يىللاردا شائىرلار توپلاشقان، ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئەزىمەتلەر ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلگەن ئافغانىستاندا ھازىر 10 مىليوندىن كۆپ ئادەم ساۋاتسىز، ئۇلار ئافغانىستان ئومۇمىي ئاھالىسىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ئون يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا ئافغانىستاندا نۇرغۇن قىران ياش ئۆلۈپ كەتتى. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندا ئافغانىستاندا ھايات قالغانلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى 15 ياشتىن كىچىك بالىلار بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ يەردە تالىبان ئەسەبىي ھۆكۈمىتى زۇلمەتلىك ھۆكۈمرانلىقنى يولغا قويۇپ، ئەدەبىي ئىجادىيەت، ھەتتا مۇزىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق سەنئەت ئىجادىيىتىنى چەكلىدى.
   ئافغانىستان ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان «لەگلەك قوغلىغان ئادەم» ناملىق ئەسەر ئۆز ۋاقتىدا تىل ۋە دۆلەت چېگرىسىنى ھالقىپ دۇنيا خەلقىنى تەسىرلەندۈرگەنىدى. لېكىن ئافغانىستان زېمىنىدا بۇ كىتابنى بىلىدىغانلار ساناقلىقلا ئىكەنلىكىنى كىم تەسەۋۋۇر قىلالايدۇ. ھەتتا بۇ كىتاب كىنو قىلىپ ئىشلەنمەكچى بولغاندا، رېژىسسورمۇ ئادەم بومبا ھۇجۇمى، پارتلىتىش كۆپ يۈز بېرىدىغان بۇ يەردە مەنزىرە تاللاشقا جۈرئەت قىلالمىغان. تالىبان قوراللىق كۈچلىرى قايتا باش كۆتۈرگەن بۇ دەۋردە ئامىر بىلەن ھەسەننىڭ رولىنى ئالغان كىچىك ئارتىسلارمۇ ئېكسترىمىزچىلارنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن تەھدىت سېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلىپ، چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەن.
  ئىلگىرى قوشنا دۆلەت پاكىستاندا سەرگەردان بولۇپ ھازىر يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن ھېلىم: 30 يىلدىن كۆپرەك ئۇرۇش ئوتىنى بېشىدىن كەچۈرگەن ھەر بىر ئافغانىستانلىق ئۇرۇش تەسۋىرلەنگەن بىر جانلىق ئەدەبىي ئەسەر بولۇپ قالدى. لېكىن ئارىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىگە كۆڭۈلدىكى ئازابىنى دۇنيا خەلقىگە ئىزھار قىلىۋېلىش پۇرسىتى مەڭگۈ بولمايدۇ. چۈنكى ئۇزاققىچە بېسىمدا ياشىغانلىقىمىز ئۈچۈن بىزدە غەزەپلىنىشتىن باشقا يول قالمىدى. ھايات قېلىشمۇ بىر مەسىلە بولۇپ قېلىۋاتقان بۇ دۆلەتتە ھازىر جاننى ساقلاپ قېلىش  بىردىنبىر ئارزۇيىمىزدۇر. قىسقىسى، ئافغانىستاندا كىشىلەرنىڭ يېزىق ئۆگىنىشى بەسى مۈشكۈل، دېدى.     
(«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» دىن)
[ئاپتورى :   مەنبەسى :   ۋاقتى : 2012-1-31 21:01:06  كۆرۈلۈشى : 3119 قېتىم]

 

شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى  (2010 - 5 - 17)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682