پۈتۈن دۇنيادىكى قېرىنداشلارنىڭ قۇتلۇق نورۇز بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن! - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
بۈگۈن : , ياشلار بايرىمىغا يەنە -7 كۈن بار
| تىزىملىتىش | سېستىمىغا كىرىش | ئىزدەش | تەكلىپ - پىكىر | باش بەت قىلىۋېلىڭ

باش بەت خەلىقئارا
مەملىكەت
شىنجاڭ
مەدىنىيەت
ئىقتىساد
تەنتەربىيە
كۆڭۈل ئېچىش
پەن - تېخنىكا
سۈرەتلىك

 
 
 
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
   ئاۋات خەۋەرلەر

 

دوپپا مەدىنىيىتى..
ئامېرىكا تالانتل..
موڭغۇلىيە مەدەنى..
قەدىمىي دولان نا..
پۈتۈن دۇنيادىكى ..
2012-يىللىق نورۇزل..
دۈبەي يەلكەنلىك ..
سۈننەت تويلارغا ..

   تەۋسىيە خەۋەرلەر

 

دوپپا مەدىنىيىتى..
كىرىتىئان لونارد..
15-نۆۋەتلىك كۈزلۈ..
گېرمانىيەنىڭ مىي..
ئۇيغۇر قىزلىرىنى..
گۇچۇڭ «ئالماس لو..

   ئاۋات خەۋەرلەر

 

ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىك ئادەتلىرىگە نەزەر..
دۈبەي يەلكەنلىك مېھمانسارىيى..
دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قىبلىگاھى _(كەبە)..
رۇسىيەدىكى قانلىق ئىت تالاشتۇرۇش مۇسابىقىسى..
96 ياشلىق «پاھىشە» ھازىرمۇ «خىزمەت» قىلىۋېتىپت..
شەھەرلىك سۈن ۋۇكۇڭنى زىيارەت..
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قۇراق بويۇملىرى..
ھەقىقى بەخىت نىمە؟..
بۆشۈك ۋە بۆشۈكتە بالا بېقىش ئادىتىمىز..
شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ‹‹ئات مەدەنىيىتىنىڭ نام..

خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
پۈتۈن دۇنيادىكى قېرىنداشلارنىڭ قۇتلۇق نورۇز بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!
  • مەنبە: www.nur.cn
  • 2012-03-21 11:35

  •  

       نەۋرۇز پارسچە «يېڭى كۈن» دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، باھارنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىگە، تەبىئەتنىڭ ئويغانغانلىقىغا ۋە بارلىق مەۋجۇدلارنىڭ قايتىدىن جانلانغانلىقىغا سىمۋول قىلىنىپ ھەر يىلى 21-مارتتا تەبرىكلىنىدۇ. بۇ كۈن ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئوتتۇرا شەرققىچە بولغان رايونلاردىكى نۇرغۇن خەلقلەرنىڭ مىللىي بايرىمى. شۇنداقلا دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇر، ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تاجىك، تاتار قاتارلىق مىللەتلەرگە ئورتاق ئەنئەنىۋى مىللىي بايرام. تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ بۇ بايرامنى تەبرىكلەش ۋە ئۇسۇلى ئوخشىشىپ قالسىمۇ، ئەمما ئادەتلىرىدە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بولىدۇ، مەسىلەن: نەۋرۇزدا نەۋرۇزلۇق تائام تەييارلىنىدىغان بولۇپ، بۇ تائام ئۇيغۇرلاردا «نورۇز ئېشى»، قازاقلاردا «كۆجە»، ئۆزبېكلەردە «سۈمەلەك» دەپ ئاتىلىدۇ. نەۋرۇز سۆزىنىڭ پارسچە Noruz، تۈركچە Newroz، ئۆزبەكچە Navruz، تۈركمەنچە Nowruz، قازاقچە Naurız، قىرغىزچە Nooruz، ئەزەربەيجانچە Novruz، تاتارچىدا Navrez دەپ ئاتىلىدىغانلىقى مەلۇم


      نورۇز تۈركلەرنىڭ تۇنجى مىللىي بايرىمى بولۇپ، تۇنجى قېتىم 2-ئەسىردە پارسچە مەنبەلەردە نامى ئاتالغانلىقى يازما خاتىرلەنگەن.
    خەنزۇچە مەنبەلەردە، ھونلارنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى نەچچە يۈز ئاۋۋال 21-مارتتا يېمەكلىكلەرنى تەييارلاپ يايلاقلارغا چىققانلىقى، باھار بايرىمى ئۆتكۈزگەنلىكى خاتىرلەنگەن. ئۇيغۇرلارنىڭمۇ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىگەنلىك خاتىرلىرى بولغان. ئوسمانىيلارنىڭ «سۇلتانى نورۇز» نامى بىلەن پادىشاھ شەخسەن ئۆزىنى قاتنىشىدىغان بايرام ئىكەنلىكى خاتىرلەنگەن. يېقىنقى ۋاقىتلاردا بولسا، ئاتا تۈركنىڭ نورۇز بايرامى ئۆتكۈزگەنلىكى ۋە ئۆزىنىڭمۇ قاتناشقانلىقى ھەققىدە خاتىرىلەر بار.

     

    http://player.56.com/v_NDE4MTk0MTk.swf

     

           نەۋرۇز تۈركىي قان سېستىمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق بايرىمى، بەش مىڭ يىللىق تۈرك تارىخى بىلەن بىر بولغان بۇ بايرام تۈركلەردە تەبىئەتنىڭ قايتىدىن جانلىنىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. نەۋرۇزنىڭ باشقا بىر نامى Ergenekon، بۇنداق نامنىڭ قويۇلىشى توپىنىڭ يامغۇر سۈيى بىلەن نەملەنگەندىن كېيىن يەنە پارغا ئايلىنىپ قار بولۇپ يېغىپ قىسقا مەزگىللىك ئۇيقۇسىنى باشلىشى ۋە يەنە كەينىدىن باھارنىڭ (نەۋرۇزنىڭ) كېلىشى بىلەن قايتىدىن جانلىنىپ، تىرىلىشى تۈركلەرنىڭ 400 يىل تۆت ئەتراپى ئېگىز تاغلار بىلەن قاپلانغان بىر ۋادىدا ياشاپ يەنە كەينىدىن تاغلاردىن ئېشىپ ھۆرلۈككە ئېرىشىپ يەنە يېڭىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىشىغا ئوخشىغانلىقىدىندۇر.
           نەۋرۇز كۈنىدىن بۇرۇن قازاق خەلقلىرى ئۆيلىرىنى پاكىز تازىلايدۇ، ھەممەيلەن ئەڭ چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىشىدۇ، قوي، كالا، تۆگە ۋە ئات سويۇشىدۇ. چوڭ قازانلاردا كۆجە دەپ ئاتالغان نەۋرۇز ئېشى ئېتىلىدۇ. كۆكپار، قىزقۇۋار، ئات مۇسابىقىسى، چېلىشچىلىق قاتارلىق مۇسابىقىلەرنى ئۇيۇشتۇرىدۇ.
           نەۋرۇز بايرىمىدىن بەش-ئالتە كۈن بۇرۇن ھەربىر تۈركمەن ئائىلىسى ئائىلە سايمانلىرىنى سىرتلارغا ئېلىپ چىقىپ توپا-توزانلىرىنى سۈپۈرۈپ تازىلاپ تازىلىق قىلىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق يېڭى يىلنى پاك-پاكىز كۈتىۋالىدۇ. يېڭى يىلنى پاكىز كۈتىۋىلىش شەرتتۇر. ئۇنىڭدىن سىرت، يىڭى يىلدا يېڭى كىيىم-كېچەكلەر كىيىلىدۇ. ئەگەر دىققەت قىلسىڭىز، تۈرك خەلقلىرى ئىچىدە ئۆزىنىڭ مىللىي كىيىم-كېچەكلىرى بىلەن ئەڭ پەرقلىق بولغان مىللەتنىڭ تۈركمەنلەر ئىكەنلىكىنى بايقايسىز.
           نەۋرۇز كۈنى ئۆزبەكلەردە داستىخانغا «س» ھەرپى بىلەن باشلانغان يەتتە تۈرلۈك يېمەكلىكنى تىزىش ئەنئەنىسى بار. بۇ بايراملىق يېمەكلىكلەر: سامسا، سەۋزە، سىب، سۈمەلەك، سەندانا، سەۋياغ ۋە سۈت. داستىخانغا «س» ھەرپى بىلەن باشلانغان يەتتە تۈرلۈك يېمەكلىك قويۇش شەرت. ئۇيغۇرلار ۋە ئۆزبەكلەردىكى نەۋرۇزلۇق داستىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئوخشاشلىق موللىقى، يېمەكلىكىنىڭ ئوخشاش بولىشى ۋە تاتلىق-تۈرۈملەرنىڭ بولىشىدۇر.
      ئۇيغۇرلاردىمۇ بۇ بايرامغا خېلى ئېتىبار بېرىلىدىغان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ كۈننى ئالاھىدە تەبرىكلەيدىغان بولدى. بۇلتۇرقى «بېيجىڭدا نەۋرۇز» ناملىق سەنئەت كىچىلىگى تېخى يادىمىزدىن چىقىپ كەتمىگەن بولىشى مۇمكىن، بۇ كېچىلىك ئۆزگىچىلىكى بىلەن ھەممەيلەنگە خېلى چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى. ھەريىلى يۇرتىمىز شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆزگىچە تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ ۋە ھەرخىل سەنئەت كېچىلىكلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بۇ بايرامنى تەبرىكلەيدۇ.


     

    نورۇز ئىشى ھەققىدە
           جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىمىزگە نۇرغۇن يېڭىلىقلار كىردى. ئەمما ئەنئەنىۋى يېمەكلىكلىرىمىز ئۆزىنىڭ مول ئوزۇقلۇق قىممىتى، ئىلمىيلىكى، تەمىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، تۈرلىرىنىڭ كۆپ بولىشى بىلەن مىللىتىمىز ئارىسىدىلا ئەمەس، يەنە باشقا مىللەتلەر ئارىسىدىمۇ قىزغىن قارشى ئېلىنىپ كەلمەكتە. مېھماندوست خەلقىمىز ئارىسىدا ھېيت-بايرامدا داستىخاننى مول ھازىرلاش ئەزەلدىن كېلىۋاتقان ئەنئەنە، ھەربىر ھېيت-بايرامدا داستىخاننىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن قوشقۇچى ھەر خىل يېمەكلىكلەر كام بولغان ئەمەس، مەسىلەن: قۇربان ھېيت ۋە روزى ھېيتلاردا داستىخاننىڭ تاجى ساڭزا بولىدۇ، نەۋرۇزدا نەۋرۇز ئېشى ئېتىلىدۇ.
           تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، نەۋرۇز ئېشىنىڭ ئېتىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.


     نورۇز ئېشى يېيىشلىك، ئۆزگىچە تائام بولۇپ، ئۇنى تەييارلاش جەريانى مۇنداق: ھەر يىلى 3 – ئاي كىرىشى بىلەن، يەنى نورۇز كۈنلىرىگە 12-13 كۈن قالغاندا مەلۇم مىقداردىكى بۇغداي (مۇراسىمغا قاتنىشىدىغان ئادەم سانىغا قاراپ) چوڭ تەڭنە (جاۋۇر) گە سېلىنىپ سۇ قۇيۇلۇپ، ئىككى كۈن ئەتراپىدا چىلاپ قويۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇغداي سۈزۈۋېلىنىپ، ئىسسىق ئۆيگە يېيىتىلىپ، ئۈستىگە كىليونكا يېپىلىپ، كۆرپىلەر بىلەن چۈمكىلىپ، ئىلىمان سۇ چېچىلىپ ئىككى كۈن تۇرغۇزۇلىدۇ. بۇ جەرياندا بۇغداي 4 – 5 سانتىمېتىرچە بىخلىنىدۇ. بۇ چاغدا يوغان تاختاي پاكىز يۇيۇلۇپ، بۇغداي مايسىسى تاختاي ئۈستىگە تەكشى يېيىتىپ قويۇلىدۇ. ئۈندۈرمە شۇ ھالەتتە ئىللىق جايدا بىر ھەپتىچە تۇرغاندىن كېيىن يەنە بىر نەچچە سانتىمېتىر ئۆسىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن مايسىنىڭ ئۇچىدىن ئىككى – ئۈچ سانتىمېتىر قىرقىۋېتىلىپ، قالغان قىسمى تازا ئېزىپ – يانجىلىپ ئەلگەكتە سۈزۈۋېلىنىدۇ. بۇ تەرتىپ تاماملانغاندىن كېيىن، داش قازان ئېسىلغان ئوچاققا ئوت قالىنىپ، بىر چارەك (سەككىز كىلوگرام) بۇغداي ئۈندۈرمىسى ئۈچۈن قازانغا بەش كىلوگرام ئەتراپىدا ئۆسۈملۈك يېغى قۇيۇلۇپ، ياغ داغلانغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا بىر چېلەك سۇ قۇيۇپ، ئاندىن بۇغداي ئۈندۈرمىسىنىڭ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈلگەن سۈيى(سۈتى) قۇيۇلىدۇ، ئۇ بىر ئاز قاينىغاندىن كېيىن قازان مۇۋاپىق مىقداردا سۇ بىلەن تولدۇرۇلۇپ يەنە بەش چارەكچە بۇغداي ئۇنى سېلىپ چېلىنىپ، ئون سائەتچە قاينىتىلىدۇ. بۇ جەرياندا قازاندىكى سۇ تەركىبىي پۈتۈنلەي پارغا ئايلىنىپ، ئۇن، ياغ ۋە بۇغداي مايسىسىنىڭ شىرنىسىلا قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن جىگەر رەڭگە كىرگەن، ئاقسىل، ۋىتامىن قاتارلىق ئادەم تېنىگە يېقىشلىق تەركىبلەر مول بولغان، قەنت – شېكەر سېلىنمىسىمۇ شېرىن، يېيىشلىك بولغان بۇ تاڭسۇق تائام تەييار بولغان بولىدۇ. (بۇ مەزمۇن خەلق تورىنىڭ ئۇيغۇرچە قانىلىدىن ئېلىندى.)
    پايدىلىنىلغان مەنبەلەر

     (http://tr.wikipedia.org/wiki/Nevruz)
    (http://tr.wikipedia.org/wiki/Nevruz)
    http://www.forumdas.net/sorular-cevaplar/nevruz-nedir-ve-nevruz-gelince-yapilir-99742/
    http://www.forumdas.net/bunlari-biliyormusunuz/nevruz-nedir-21711
    http://uyghur.people.com.cn/156010/9420928.html
    [ئاپتورى :   مەنبەسى :   ۋاقتى : 2012-3-21 22:06:09  كۆرۈلۈشى : 279 قېتىم]

      
    بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !
    خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
    مىنرال سۇ زاۋۇتى،ئىچىملىك بېسىپ چۇشۇرۇش ئورنىغا جىددى..
    كۇنلۇكى100_150يۇەندىن 20نەپەر كۇنلۇك ئىشچى قۇبۇل قىلمىز،
    شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىردىن ھۆكمەت تارمىقدىكى ساندۇ..
    ئىلمىي مالاقە لازىممۇ!
    بىنا ئۆي ئىجارىگە بېرىلىدۇ
    80توننا مىغىز كۈنجۈر سېتىلىدۇ
    ....سۇپۇن زاۋۇتىغا ئەر-ئايال،قىز-ئۇغۇل خىزمەتچى قۇبۇل قى..
    ئايدا 200 نەچچە يۇەن تۆلەپ داڭلىق ماركىدىكى كومپىيۇتىر،..
    جىىدى ئەرزەن باھادا سىيتلىدۇ!
    مېنرالسۇزاۋۇتىغا10نەپەر خىزمەتچى قۇبۇل قىلمىز
    كەشتە ئىشلەش زاۋۇتىمىزغا جىددىي 5نەپەر قىز ئىشچى ئالىم..
    مايلېق مۇتسېكلېتنېڭ LPG سۇيۇقلاندۇرۇرغان گاز قۇرۇرمرسې..
    ھۇكىمەت تارمىقىدا ئىشلەپ كوپ پۇل تاپقۇڭىز بارمۇ؟
    ھۆكۇمەت ئورنىدا ئىشلەپ ،ھۆكۇمەتنىڭ رەسمى ئىشچىسى بولۇ..
    ئۆي سېتىۋالىدىغانلارغا تەۋسىيە !!!!!كۆرۈپ بىقىڭ !!!
    قارقات ئىچىملىك زاۋۇتىمىزغا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىر..
    ھەركەتلىك | فانتازيىلىك | قورقۇنۇچلۇق | ئۇرۇش | بوكىس | ئۇيغۇرچە | قىسىملىق | كارتون | كومىدىيىلىك | مۇھەببەت
    پىچاقچى
    قەھرىمان
    كۆڭۈلدىكىدەك مۇھەببە
    گىگانىتلار 3-بۈلۈم
    چەۋەنداز مۈشۈك
    يېڭى ‹غەرىپكە ساياھە
    ناتىۋانلار 1-72
    قىساسكار ئاشىق 1 -10
    قىزىم نەدە؟ 1 - 104
    كورتلار ۋادىسى - ئىر

    شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى  (2010 - 5 - 17)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682