چەتئەل تاراتقۇلىرىدا خەۋەر قىلىنىشىچە،ئامېرىكا خىزمەتچىلەر باھالاش توربېكىتىGlassdoor دىكى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە،ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كۇك خىزمەتچىلىرى تەرىپىدى 97پىرسەنتلىق يۇقىرى قوللاش نىسبىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ،بۇ ئامېرىكىدىكى شىركەتلەرنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرى(CEO) ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن.
Glassdoor توربېكىتىدىكى بۇ تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ نەتىجىسى خىزمەتچىلەرنىڭ Glassdoor دىكى راي سىناش سوئاللىرىغا بەرگەن جاۋابى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ئىكەن.بۇ سوئاللار بولسا،«سىز بۇ باشلىقنىڭ شىركەتكە رەھبەرلىك قىلىش ئۇسۇلىنى قوللامسىز؟»دىگەنلەردىن ئىبارەت ئىكەن.ئاڭلاشلارغا قارىغاندا،ئالدىنقى 25-ئورۇننىڭ ئىچىگە كىرگەنCEO لار ئامېرىكا بويىچە ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن خوجايىن ھېسابلىنىدىكەن.
«تىم كۇكنىڭ بۇنداق يۇقىرى قوللاش نىسبىتىگە ئېرىشىشىدە مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك سەۋەب بار» دەيدۇ Glassdoor توربېكىتىنىڭ باياناتچىسىSamantha Zupan.«بىرىنچىسى،خىزمەتچىلەرنىڭ دېيىشىچە،ئۇ ۋە ئۇنىڭ باشچىلىقىدىكى شىركەت رەھبەرلىرى رولىنى ھەقىقەتەن ياخشى جارى قىلدۇرغان.ئىككىنچىسى،خىزمەتچىلەر بۇندىن بۇرۇنلا تىم كۇكنىڭ رىۋايەت تۈسىدىكى داڭلىق شەخس جوبىز(Steve Jobs)نىڭ ئورنىنى ئالىدىغانلىقىغا كۆز يەتكەن.ئۈچىنچىسى،مۇتلەق كۆپ قىسىم خىزمەتچىلەر شىركەتنىڭ كارخانا مەدەنىيىتىگە ناھايىتى يۇقىرى باھا بەرگەن،تىم كۇك شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن،كارخانا مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ياخشى ئەھمىيەت بەرگەن.»