تۆنۈگۈن iPhone 4S جۇڭگونىڭ ئىچكى رايونلىرىدا رەسمىي سېتىلىشقا باشلىدى. بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، شىدەن ئالما مەھسۇلاتلىرى دۇكىنىدىكى iPhone 4S نىڭ بىرىمۇ قالمىغان. بۇ خىل ئەھۋال باشقا سېتىش دۇكانلىرىدىمۇ كۆرۈلگەن بولغاچقا، نۇرغۇن ئالما ھەۋەسكارلىرى روھى چۈشكەن ھالدا دۇكان ئالدىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. شۇنىڭ بىلەن، تۈنۈگۈن سائەت 12:00دە ئالما شىركىتى مۇنداق باياناتنى ئېلان قىلغان:«نۆۋەتتە iPhone 4S سېىتىش دۇكانلىرىدا تۈگەپ بولدى». ئابونتلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، بېيجىڭ ۋە شاڭخەيدىكى پارچە سېتىش دۇكانلىرى iPhone 4S نى سېتىشنى ۋاقىتلىق توختاتقان.
iPhone 4S ھازىرغىچە نۇرغۇن دۆلەتلەردە سېتىلغان، ئەمما بۇنداق سېتىشتىن توختىتىدىغان ئىش قەتئىي كۆرۈلۈپ باقمىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش، ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ قاتتىق دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغاپ، كىشىلەر تاماق يېگەچ ۋە ئۆز-ئارا گۇڭۇر-مۇڭۇر بولۇشقاندا ئالدى بىلەن تىلغا ئالىدىغان قىزىق نۇقتا تېمىسىغا ئايلاندى. نۆۋەتتە، گەرچە ئالما تور بېكىتىدىن iPhone 4S نى ئالدىن زاكاز قىلغىلى بولسىمۇ، ئەمما مالنى كەم دېگەندە ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئاندىن تاپشۇرۇپ ئېلىشقا بولىدىكەن.
بۇ خىل ئەھۋال بىر قىسىم ئالما ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئىچىنى سىقىپ قويغان. نۆۋەتتە، iPhone 4S نىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋەن باھاسى 5500 يۈەندىن يۇقىرى بولۇپ، ئەڭ يۇقىرىسىمۇ 8000 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ئىكەن. بۇ باھاسى ئالما شىركىتى تەرەپ بېكىتكەن باھادىن 1000-2000 يۈەنگىچە يۇقىرى ئىكەن. قارىغاندا، مال كەملىك سەۋەبىدىن «سۇ مال» نىڭ باھاسى چۈشمەيدىغاندەك قىلىدۇ.