ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 13-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالىملار: ياپونىيەدىكى كۈچلۈك يەر تەۋرەش يەر شارى ئورنىنىڭ 25 سانتىمېتىر يۆتكىلىشىگە سەۋەب بولدى ھەمدە يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش سۈرئىتىنى ئۆزگەرتىپ، يېنىڭ دەرىجىدە كۈننىڭ ئۇزراپ كېتىشىنى پەيدا قىلدى، دېگەن.تورونتو ئونىۋېرسىتىتىنىڭ پىروفېسورى ئاندىرو مەيېئېر: بۇ يۆتكلىش يەر شارىنىڭ يانتۇلىقى بىلەن پەسىلنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، دېگەن.ئامېرىكا گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ گېئولوگى دانيىل: دېڭىز ئاستىدىكى غايەت زور يېرىلىش سەۋەبىلىك ياپونىيەنىڭ دېڭىز قىرغىقى لىنيەسىدىمۇ ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، خونسىيۇ ئارىلىنىڭ ئورنىمۇ 2.4 مېتىر يۆتكىلىپ كەتتى، دېگەن. توكيو ئونىۋېرسىتېتىنىڭ مۇتەخەسىسى: كېيىن تېخىمۇ كۆپ يەر تەۋرەش يۈز بېرىشى مۇمكىن، شۇڭا توكيو خەلقى ھەر ۋاقىت ھوشيار تۇرۇشى كېرەك، دېدى. ___ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى (2010 - 5 - 17) , خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn , ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928 , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 , 新ICP备10201682号