ئەنگلىيە رادىيو شېركىتىنىڭ 23-مارتتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، برازىلىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى شەھەر ۋىكتورىيە داكونچۇستا 2013-يىلى 20 مىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا مىكرو ئۆزەك ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەكتەپ فورمىسى كىيگۈزۈش پىلانلانغان. ئوقۇغۇچى دەل ۋاقىتدا مەكتەپكە بارغان ياكى كېچىككەن بولسۇن، ئائىلە باشلىقى بىر دانە قىسقا ئۇچۇرنى تاپشۇۋالىدىكەن. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ دېيىشىچە بۇ چارە ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئاتا-ئانىلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرىستىن قېچىشىنى توسۇيدىكەن.
ۋىكتورىيە داكونچۇستىكى مۇناسۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ دېيىشىچە، 2013-يىلىغىچە، شۇ جايدىكى 14 ياشتىن تۆۋەن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسىگە بۇ خىل مەكتەپ فورمىسى كىيگۈزۈلىدىكەن. ئۆزەك كۆپ ھاللاردا مەكتەپ فورمىسىدىكى ئىزنەكنىڭ ئاستىغا، ياكى يەڭنىڭ ئۆستىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلىدىكەن. ھەر بىر ئوقۇغۇچى مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرسىلا، مىكرو ئۆزەك قىسقا ئۇچۇرنى ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ تېلىفۇنىغا يوللاپ بېرىدىكەن، ئەگەر ئوقۇغۇچى 20 مىنۇتتىن ئارتۇق كېچىكسە، ئائىلە باشلىقى تاپشۇرۋالغان ئۇچۇردا: «سىزنىڭ بالىڭىز مەپتەپكە تېخى يېتىپ كەلمىدى» دېيىلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، شۇ يەرلىك ھۆكۈمەت بۇ تۈر ئۈچۈن 700 مىڭ فونسىتېرلىڭ (4 مىليون 412 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) مەبلەغ سالغان. شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مىنىستىرى، بۇ تەدبىرنىڭ يولغا قويۇلىشىدىكى سەۋەب ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرىستىن قاچقانلىقىنى ئاتا-ئانىلار دائىم بىلەي قالىدىغانلىقىن ئۈچۈن، دېگەن.