تېڭشۈن تورىنىڭ 23-مارتتىكى خەۋىرى، چەتئەل تارقاتقۇچىلىرىنىڭ دوكلات قىلىشىغا ئاساسلانغاندا، يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، ئالما شىركىتىنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد iPad تەكشى تاختىلىق كومپيۇتېرىدا زەرەتلەش تاماملانغاندىن كېيىن، يەنە تەخمىنەن بىر سائەت ئۆتكەندە ئاندىن توكنىڭ تولۇق قاچىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن.
ئامېرىكىدىكى داڭلىق سۈرەت سىناپ ئۆلچەش ئورگىنى Displaymate Technologies دىكى Raymond Soneira دوكتۇر يېڭى تىپتىكى iPad غا قارىتا سىناش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن سىستېمىدا ئېلېكتر مىقدارىنىڭ %100 بولغانلىقى، لېكىن زەرەتلەش تاماملانغاندىن كېيىن يېڭى iPad نىڭ يەنە تەخمىنەن بىر سائەت سەرپ قىلىپ 10 ۋات ئېلېكتر مىقدارى قوبۇل قىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەنلىكىنى بايقىغان.
يېڭى iPad نىڭ يۇقىرى پەرقلەندۈرۈشچانلىقتىكى ئېكرانى ۋە ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان تۆت يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچى ئۈچۈن، ئالما شىركىتى باتارېيە ھەجمىنى چوڭايتقان ھەمدە باتارېيە سىغىمىنى %70 ئاشۇرغان. يەنى يېڭى iPad غا 42.5 ۋاتلىق باتارېيە سەپلەنگەن، لېكىن 2 iPadكە سەپلەنگىنى بولسا 25 ۋاتلىق لىتىي باتارېيىسى ئىدى.
ئەلۋەتتە، باتارېيىنىڭ چوڭايتىلىشى يېڭى iPad غا تەسىر ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ مەھسۇلات شەكلىنىڭ تېخىمۇ قېلىن ۋە ئېغىر بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بىر قىسىم سىناقلار كومپيۇتېرنىڭ ئىشلىتىلىش جەريانىدا بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ تېخىمۇ قىزىيدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. لېكىن ئالما شىركىتى مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا يېڭى iPad نىڭ قىزىپ كېتىش مەسىلىسىنى ئىنكار قىلغان.
لېكىن Soneira دوكتورنىڭ بايقىشى بىر قىسىم يېڭى iPad ئىشلەتكۈچىلەر بايقىغان مەسىلىنى ئىسپاتلاپ چىققان: باتارېيىنىڭ چوڭايتىلىشى زەرەتلەش ۋاقتىنى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ئىككى ھەسسە ئۇزارتىۋەتكەن. ئەگەر زەرەتلەشنى تولۇق تاماملىماقچى بولسىڭىز، ئېكراندا ئېلېكتر مىقدارى %100 كۆرسىتىلگەندە، ئالدىراپ زەرەتلەشنى توختاتماڭ. Soneira سىستېمىدا زەرەتلىنىش تاماملانغاندىن كېيىن، يېڭى iPad نىڭ يەنىلا تەخمىنەن بىر سائەت ئەتراپىدا داۋاملىق زەرەتلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى بايقىغان.
Soneira دوكتورنىڭ تەكشۈرۈشى يەنە قايسى دەرىجىدىكى يورۇقلۇق دەرىجىسىدە باتارېيىنى ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقى مەسىلىسىنى چۈشەندۈرگەن. ئەلۋەتتە، ئىشلەتكۈچىلەر يورۇقلۇق دەرىجىسىنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە تەڭشەپ توك تېجەيدۇ، لېكىن بۇنداق قىلىش كۆرۈشكە پايدىسىز. Soneira دوكتۇر يورۇقلۇق دەرىجىسىنى ئوتتۇراھال ھالەتكە تەڭشىگەندە يېڭى iPadنى 11.6 سائەت ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.