تۈنۈگۈن ئامېرىكىدا iPhone4 يانفونى پارتلاپ كەتكەن - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
بۈگۈن : , ياشلار بايرىمىغا يەنە -8 كۈن بار
| تىزىملىتىش | سېستىمىغا كىرىش | ئىزدەش | تەكلىپ - پىكىر | باش بەت قىلىۋېلىڭ

باش بەت خەلىقئارا
مەملىكەت
شىنجاڭ
مەدىنىيەت
ئىقتىساد
تەنتەربىيە
كۆڭۈل ئېچىش
پەن - تېخنىكا
سۈرەتلىك

 
 
 
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
   ئاۋات خەۋەرلەر

 

ئەڭ نوچى تاغتۇرا..
Photoshop CS6نى چۈشۈرد..
نوكىيانىڭ ھەشەمە..
بىرىنچى ئەۋلاد iP..
Kaspersky تەجرىبىخان..
iPhoneنىڭ سېتىلىش م..
شىنلاڭ ۋە تېڭشۈن..
پۈتۈن مەملىكەتتى..

   تەۋسىيە خەۋەرلەر

 

دۇنيا بويىچە ئەڭ..
بۇ «دوزاخ ئىشىكى..
پاكىستانلىق 16 يا..
iPhone 4S نىڭ ۋاقىتلى..
Facebook نۇرغۇن كىشى..
ئالىملار ئىنسانل..

   ئاۋات خەۋەرلەر

 

ئالىملار ئىنسانلار چاشقاندىن تەدرىجى تەرەققى ق..
ئۈرۈمچىدە قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى..
پاكىستانلىق 16 ياشلىق كومپىيوتىر ئىنژىنىرى ئال..
دۇنيا بويىچە ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر 10 چوڭ شىركە..
ئوباما «قارا بۆلجۈرگەن» دىن بىزار بولغانلىقىنى..
تاشقى پېلانىت ئادىمىنى بايقاش..
ئېينىشتېيننىڭ قارىشىچە كەلگۈسى بىر پارچە زۇلمە..
iPhone5 نى سېتىۋالامسىز ياكى بەش خالتا ئالمىمۇ..
جۇڭگودىكى ئەڭ سىرلىق ئون داڭلىق مەكتەپ..
يەر شارىنىڭ ئورنى يۆتكەلدى..

خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
تۈنۈگۈن ئامېرىكىدا iPhone4 يانفونى پارتلاپ كەتكەن
  • مەنبە: news.xinhuanet.com
  • 2012-03-23 07:12


  • تۈنۈگۈن ئامېرىكىدا پارتىلاپ كەتكەن iPhone4

    تۈنۈگۈن،ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن  iPhone4يانفونى پارتىلاش خەۋىرى،بۇ ئېنتىرنېت تورى ۋە مىكرو بلوگ قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق شىددەت بىلەن پارتىلاش خاراكتېرلىك خەۋەرگە ئايلىنىپ قالغان.نېمىشقا ئۇنداق كۆپ ئادەم ھېچقانداق ئېغىر ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمىگەن مەسلىگە بۇنچىلىك دەرىجىدە ئېتبار بىلەن قارايدۇ؟
      چۈنكى بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى كىشلەردە ھەمدە ئۆزىمىزدە ئالما يانفونى 24سائەت يېنىمىزدىن ئايرىلمايدۇ،ھەممە ئادەمگە ئايان ئالما يانفونى دۇنيادىكى ئەقلىيفوننىڭ بايراقدارى،ئۇنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ئىقتىدارى ھەم تاشقى كۆرۈنۈشى ھەممە ئادەمنى جەلپ قىلىدۇ،كۈندۈزى ئۇنىڭدا تېلېفون پاراڭلىشىپ تورغا چىقىمىز،كىنو كۆرىمىز،شۇڭا باتارىيەسى تېزلا تۈگەيدۇ،كەچتە،يېنىمىزدىكى توكقا چېتىپ قويۇپ يېرىم كېچىدە تېلېفون ياكى ئۇچۇر كېلىپ قالسا كۆرۈشكە ئەپلىك بولسۇن ئۈچۈن يېنىغا قويۇپ قويىمىز،ئۇنى ياستۇقىمىزنىڭ يېنىغا ياكى كارىۋات بېشىغا قويۇپ قويۇپ ياتىمىز.
      شۇڭا تۈنۈگۈن،iPhoneيانفونىغا مۇناسىۋەتلىك يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ خەتەرلىك تەرەپلىرىنى سۆزلەپ ئۆتمەكچى.
    بىر نۇقتىغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك:نۆۋەتتە بىز بىلىدىغان بارلىق iPhoneيانفونلىرىغا مۇناسىۋەتلىك «پارتىلاش»ۋە «كۆيۈپ كېتىش»خەۋەرلىرى ئىچىدە،ھېچقايسى بىر خەۋەر پۈتۈنلەي ئىسپاتقا ئىگە ئەمەس،ھەمدە بۇ ۋەقەلرنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىگە مانۇسىۋەتلىك چۈشەندۈرۈش،نوپۇزلۇق چۈشەندۈرۈش ياكى تېخنىكىلىق دوكلات يوق.شۇڭا تۆۋەندىكى ئۇچۇرلانى كەڭ iPhoneئابونتلىرىنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنىمىز.بۇنىڭدىن سىرت بىز يەنە iPhoneنىڭ باتارىيەسى ھەم ئىشلىتىش تېمپىراتۇرىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىگە كىچىك تەجىربىلەرنى ئېلىپ باردۇق،ھەمدە ئەقلىيفونغا توك قاچىلاش توغۇرسىدا تۈرلۈك پىكىرنى ئوتتۇرىغان قويىمىز:
    مېنىڭ iPhoneيانفونۇم كارىۋات بېشىدا «زىت-زىت»قىلغان ئاۋازنى چىقاردى
    بۇ ھەپتە چارشەنبە سەھەر6:30دا،ئامېرىكا كولورادو ئىشتاتىدىكى 51ياشلىق ئايال iPhone4يانفونىنىڭ«زىت-زىت»قىلغان ئاۋازىدىن ئويغۇنۇپ كەتكەن،ئۇ شۇ چاغدا iPhone4يانفونىدىن ئىس كۆتۈرىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن.«مەن يانفونۇمنى كارىۋات بېشىدا توك قاچىلاشقا ئادەتلىنىپ قالغان،شۇڭا توك قاچىلىنىۋاتقان يانفون مەندىن پەقەت 30.4سانتېمېتىرلا يىراقلىقتا ئىدى،ئۆينىڭ ئىچىدە سۇلىياۋ كۆيگەندەك پۇراق پەيدا بولدى،يەنە تېخى زىت-زىت قىلىپ ئاۋاز چىقىپ يانفونۇمنىڭ يۈزى ئاستا-ئاستا يېرىلىشقا باشلىدى،مەن بەك قورقۇپ كەتتىم،شۇنىڭ بىلەن ئۇنى كومپىيۇتېر سومكىسىغا ئوراپلا ھاجەتخانىدىكى سۇ ئىدىشىغا تاشلىۋەتتىم».
    ئۇ يەنە ئۆيىدىكى ئىس-تۈتەكتىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ھېچقانداق سىگنال بەرمىگەن،ئۇ توك يوللىرىنى ئوڭشايدىغان ئۇستامنى چاقىرىپ چېتىلغۇچلارنى تەكشۈرۈتكەن بولسىمۇ ھېچقانداق چاتاق چىقمىغانلىقى ئېنىقلانغان،ئىشمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان بۇ خانىم بۇ ئىشنى Mashable(ئېنتېرنىت خەۋەر بلوگى،2005-يىلى7-ئايدا قۇرۇلغان،دۇنيادىكى زىيارەت قېلىش قېتىم سانى ئەڭ يۇقىرى بلوگلارنىڭ بىرى)قا ئاشكارلىغان،ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئىشنى ئالما شىركىتىگە دوكلات قىلغانلىقىنى،لېكىن ئالما شىركىتىنىڭ مەنىسىز گەپلەرنى قىلىپ مەسئۇلىيەتتىن باش تارتقانلىقى،يەنە تېخى جامائەت ئالدىدا بۇ ئىشنى چۈشەندۈرۈشنى رەت قىلغانلىقىنى ئېيىتقان.
       «شىركەتنىڭ بۇنداق ئىشتىن ئۆزىنى چەتكە تارتىشىنى توغرا چۈشەنگىلى بولىدۇ،لېكىن بىز ئىستىمالچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزگە خەتەر ئېلىپ كەلمەيدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىشىمىز كېرەك،مېنىڭچە بۇنداق ئىشنى چوقۇم ئاشكارىلاش كېرەك»دېگەن بۇ ئايال.


    ئۆتكەن يىلى بىرازىلىيەلىك ئايال موتانىڭ تۇيۇقسىز ئۆزلۈكىدىن كۆيۈپ كەتكەن iPhone4
     يانفونى

    بۇ ئايال ئالما شىركىتىنىڭ تۆۋەندىكى چارىلەرنى قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلغان:ھەربىر iPhoneيانفونغا ئاگاھلاندۇرۇش خەتچە«باتارىيەگە تايىنىپ توك يەتكۈزىدىغان مەھسۇلاتلار ئاسان پارتىلايدۇ»دېگەندەك،ئەگەر مۇشۇنداق ئاگاھلاندۇرۇش سۆزلىرى بولسا مەنمۇ ئۇنى بىرياقتىن توكقا چېتىپ بېشىمغا قويىۋالمايتىم،بۇنداق ئادەتلىنىپ قالغانلار ھەقىقەتەن ساماندەك دېگەن.
      بۇنىڭدىن سىرت،بۇ ئايال ئالما شىركىتىنىڭ ئەڭ يېڭى مەھسۇلاتى iPhone4sنى پارتىلاپ كەتكەن iPhone4يانفونىغا ئالماشتۇرماقچى بولغان،ئالما شىركىتى ئاخىرىدا ئۇنىڭغا يەنىلا iPhone4يانفونغا ئالماشتۇرۇپ بېرەلەيدىغانلىقىنى ئېيىتقان.
    ئالما شىركىتى ھازىرغا قەدەر بۇ ئىشقا ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەن.
    چەتئەل تاراتقۇلىرى ئالما يانفونى پارتىلىغانغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرنى ھەدىدىن زىيادە بەرگەن
    چەتەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،بۇ ئامېرىكىدىكى بىرىنچى قېتىم يۈز بەرگەن ئالما يانفونى پارتىلاش ۋەقەسىكەن،لېكىن ئالما يانفونى ئوت ئېلىپ كۆيۈپ كېتىش بىرىنچى قېتىم يۈز بېرىشى ھېسابلانمايدۇ.ئەنگلىيە BBCقاتارلىق تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،2011-يىلى11-ئاينىڭ25-كۈنى،ئاۋىستىرالىيەلىك Regional Expressئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ZL319نومۇرلۇق يولوچىلار ئايروپىلانى سىدنىيغا ئۇچۇپ كېتىۋاتقاندا بىر يولۇچى جايىدا ئولتۇرالمايلا قالغانلىقىنى،يانچۇقىنى ئۇرىۋاتقانلىقىنى يەنە تېخى يانچۇقىدىن قويۇق ئىس-تۈتەك چىقىۋاتقىننى بايقىغان،«نېمىگە ئوت كەتكىننى بىلمىدىم،يانچۇقۇمدىكى چىقىرىپ تاشلاپ ئاندىن ئالما يانفونۇمدىن ئىس چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم،ئۇ چاغدا يانفونۇم ئېتىك ھالەتتە ئىدى»دېگەن ئەر يولۇچى.
     بىر ئاي ئۆتمەيلا،بىرازىلىيەدىمۇ iPhone4ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن،ئامېرىكىلىق ئايالنىڭ iPhone4ۋەقەسىگە ئوخشاش بىر موتا ئىسىملىك ئايال iPhone4نى كارىۋات بېشىغا توكقا چېتىپ قويۇپ ئۇيقۇغا چۈشۈپ كەتكەن،يېرىم كېچىدە بۇ ئايال قويۇق ئىس-تۈتەكتىن ئويغىنىپ كەتكەن،ئەينى ۋاقىتتا iPhone4يانفونى ئۇنىڭغا يېقىن يەردە بولۇپ،پەقەت 15سانتېمېتىر ئارىلىق باركەن،ئۇ ۋاقتىدا بايقىغاچقا ھېچقانداق يارلىنىش ئەھۋالى يۈز بەرمىگەن،لېكىن رەسىمدىن iPhone4نىڭ كۆيۈپ ماكچىيىپ كەتكىننى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
      2009-يىلى8-ئاينىڭ24-كۈنى سەھەر سائەت ئۈچلەردە،26ياشلىق فىرانسىيەلىك ئامالىق قوغدىغۇچى ئالما يانفونىدا ئۇچۇر يوللاۋاتقاندا ئېكران يۈزى تۇيۇقسىز پارتىلاپ ئۇنىڭ كۆزىگە ئەينەك پارچىسى كىرىپ كەتكەن،قاتتىق غەزەپلەنگەن بۇ يىگىت ئالما شىركىتىدىن تۆلەم تەلەپ قىلغان.
       بۇ يىگىت ئالما يانفونىنىڭ پارتىلىشىدىن يارىلانغان بىردىنبىر ئادەم ئەمەس،ئۇنىڭ يانفونىدىن ئىش چىقىشتىن بۇرۇن،فىرانسىيەدىكى 18ياشلىق بالا ئالما يانفونىدا ئويۇن ئويناۋاتقاندا زىت-زىت قىلىپلا پارتىلاپ كەتكەن،ئەينى ۋاقىتتا يانفون ئۇنىڭ چىرايىدىن 30سانتېمېتىر يىراقلىقتا بولۇپ،ئۇنىڭ كۆزى يارىلانغان.بۇنىڭدىن سىرت،پارژدىكى 80ياشلىق بوۋاينىڭ ئالما يانفونىنىڭ كۆرسىتىش ئېكرانى قولىدا تۇرۇپلا پارتىلاپ كەتكەن.
      فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئىستاتىسكا قىلىشىچە،يېقىندا 10نەپەر فىرانسىيەلىك ئىستىمالچى ئۆزلىرىنىڭ ئالما يانفونىنىڭ پارتىلاپ كەتكەنلىكى ياكى يېرىلىپ كەتكەنلىكىنى ئېيىتقان،يەنە بىر ۋەقە گوللاندىيەدە يۈز بەرگەن بولۇپ،بىر ئەر ئالما يانفونىنى ماشىنىسىدا قويۇپ قويغان،قايتىپ كېلىپ قارىسا يانفونىغا ئوت ئېلىپ كەتكەن بولۇپ،ماشىنا ئورۇندۇقىمۇ كۆيۈپ تۈگىشىپ كەتكەن.
      مەسىلە زادى نەدىن كۆرۈلدى؟
    باتارىيەنىڭ قىززىپ كېتىشى ئەڭ گۇمانلىق سەۋەب
     ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن ئەڭ يېڭى iPhoneۋەقەسىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتى تېخى چىقمىدى،لېكىن بۇنىڭدىن بۇرۇن يۈز بەرگەن iPhoneۋەقەلىرىدىن شۇنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى،ھەممىسى باتارىيەگە بېرىپ چېتىلغان،لىتىي ئىئونلۇق باتارىيە قىززىپ كەتسە بىخەتەرلىككە تەسىر كۆرسىتىدۇ.مەسلەن ئاۋىستىرالىيەدە يۈز بەرگەن «ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىش ۋەقەسى»:يولۇچىنىڭ كۆيۈپ كەتكەندىن كېيىن رەسىمگە تارتىۋالغان ئالما يانفونىنىڭ كەينىدىن بارماق چوڭلۇقتىكى كۆيگەن ئىزنى كۆرگىلى بولىدۇ،بۇ دەل باتارىيە بار يەر،بۇ يەر كۆيۈپ تۆشۈك بولۇپ قالغان بولۇپ،ئىچىدىكى باتارىيە ئېرىپ كەتكەن.
    سېئاتل Kiroتېلىۋىزىيە ئىستانىسى 2009-يىلى مۇنداق خەۋەر قىلغان،ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكا ئىستىمال مەھسۇلاتلىرى بىخەتەرلىكى كوممتىتىدىن 800بەتلىك iPodنىڭ كۆيۈپ كېتىش ياكى نۇر چىقىرىش توغرىسىدىكى ئەرزىيەت ئەنزىلىرىنى تاپقانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
     2009-يىلى8-ئايدا،«نىيويورك ۋاقىت گېزىتى»مۇنداق خەۋەر قىلغان،ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەيئەت تەسىس قىلىپ iPodۋە iPhoneنىڭ پارتىلاش ئېھتىماللىقىغا قارىتا تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغان،ئالما شىركىتىمۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇ خىزمەتكە ماسلىشىپ بەرگەن.
      ئالما شىركىتى،بۇ پارتىلاش ۋەقەلىرىنى يەككە ھادىسە دېگەن.قول كومپىيۇتېرلىرىنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىش ۋەقەلىرىمۇ يۈز بەرگەن،2008-يىلى Sonyشىركىتى قول كومپىيۇتېر باتارىيەلىرىنى يىغىۋالغان،شۇڭا iphoneنىڭمۇ ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىش ئېھتىماللىقى بار،چۈنكى ئۇلار باتارىيەسىگىمۇ Sonyشىركىتى باتارىيە تېخنىكىسىنى قوللانغان.
      
    ئۆتكەن يىلى خاڭجۇدىمۇ مۇشۇنداق ۋەقەدىن ئىككىسى يۈز بەرگەن
    ئالما يانفونىغا مۇناسىۋەتلىك «پارتىلاپ يېرىلىش»
    2011-يىلى6-ئاينىڭ2-كۈنى كەچتە،ياڭ ئەپەندى بىر ئائىلە كىشلىرى تېلىۋىزور كۆرگەندە ئالما يانفونىنى كۈلداننىڭ يېنىغا قويۇپ قويغان،ئۇخلىغاندىمۇ شۇ يەرگە قويۇپ قويۇپ يېتىۋەرگەن،يېرىم كېچە بولغاندا مېھمانخانا ئۆيدىن پارتىلىغان ئاۋاز كەلگەن،يانفون قويغان ئۈستەل ئەينىكى چېقىلىپ كەتكەن بولۇپ،ھەممە يەر ئەينەك پارچىسى بىلەن تولغان ،لېكىن يەرگە پارتىلاپ چۈشكەن iPhone4يانفون ھېچقانداق بولمىغان.يەنە بىر ئىش 2011-يىلى8-ئاينىڭ16-كۈنى،چۈشتىن كېيىن خاڭجۇلۇق يۇەن ئەپەندى ئىشلىتىۋاتقان iPhone4يانفونىنىڭ تۇيۇقسىز پارتىلاپ كەتكىننى ئېيىتقان.
     ئالما شىركىتى ئېتراپ قىلىپ:بىرىنچى ئەۋلاد iPod Nanoباتارىيەلىرىنىڭ خېيىم-خەتىرى بارلىقىنى ،2005-يىلى9-ئايدىن 2006-يىلى12-ئاي ئارلىقىدا بىرىنچى ئەۋلاد iPod Nanoقىززىپ كەتسە خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان بولغاچقا،شۇ يىلى بازارغا سالغان بارلىق باتارىيەلىرىنى يىغىۋالغان،لېكىن نۆۋەتتە يۈز بەرگەن پارتىلاپ كېتىش ھەم ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىپ كېتىش ۋەقەلىرىگە قارىتا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن.


    2009-يىلى فرانسىيە ئامالىق قوغدىغۇچىسى بۇئادىنىڭ iPhoneسى پارتىلاپ كەتكەن


    خاڭجۇلۇق يۇەن ئەپەندىنىڭ iPhone4يانفونى

    [ئاپتورى :   مەنبەسى :   ۋاقتى : 2012-3-25 20:03:32  كۆرۈلۈشى : 231 قېتىم]

      
    بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !
    خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
    شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىردىن جىددىي 20نەپەر خىزمەتچى ق..
    شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىردىن جىددىي خىزمەتچى قۇبۇل قى..
    بىڭىگۇر زاۋۇتىغا جىددى قىز -ئوغۇل  خىزمەتچى قۇبۇل قىلىم..
    تۈرك تىلى ئۈگنېشنى خالامسىز ؟
    ھۆكۇمەت ئورنىدكى پويىز ئىستانىسنىڭ ۋاگۇن تازلاش ئورنى..
    ئېش ئىزدگۇچىلەرگە خوش خەۋەر..............
    ھۆكۇمەت ئورنىدا ئىشلەپ جىق پۇل تىپىپ باي بولۇشنى ئويلا..
    ھۆكۈمەت تارمىقدىكى سۇلياۋ گۈەنزە تۇربا زاۋۇتىغا جىددى..
    ساندۇقلۇق مال يۆتكەش ئورنىمىزغا جىددىي خىزمەتچى قۇبۇل..
    قىزلارغا خوش- خەۋەر.
    ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى ئوغۇت بىسىپ چۇشۇرۇش ئورنىغا جىدد..
    ئىلىكتىر ئۈسكۈنلىرى زاۋۇتىغا جىددى 80 نەپەر خىزىمەتچى ق..
    مىنرال سۇ زاۋۇتى،ئىچىملىك بېسىپ چۇشۇرۇش ئورنىغا جىددى..
    كۇنلۇكى100_150يۇەندىن 20نەپەر كۇنلۇك ئىشچى قۇبۇل قىلمىز،
    شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىردىن ھۆكمەت تارمىقدىكى ساندۇ..
    ئىلمىي مالاقە لازىممۇ!
    ھەركەتلىك | فانتازيىلىك | قورقۇنۇچلۇق | ئۇرۇش | بوكىس | ئۇيغۇرچە | قىسىملىق | كارتون | كومىدىيىلىك | مۇھەببەت
    پىچاقچى
    قەھرىمان
    كۆڭۈلدىكىدەك مۇھەببە
    گىگانىتلار 3-بۈلۈم
    چەۋەنداز مۈشۈك
    يېڭى ‹غەرىپكە ساياھە
    ناتىۋانلار 1-72
    قىساسكار ئاشىق 1 -10
    قىزىم نەدە؟ 1 - 104
    كورتلار ۋادىسى - ئىر

    شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى  (2010 - 5 - 17)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682