تېكەس دىيارىدا نورۇز پائالىيىتىدىن ھۇزۇرلىنىڭ |
مەنبە: www.nur.cn
2012-03-20 04:07

18-مارت،تېكەس ناھىيىسىدە بۇ يىللىق نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تېكەس سەككىز كوچا تور بېكىتى، ئالتۇن شەھەر گىلەم ۋە ئائىلە ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىش شەھەرچىسى،ئەركان ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرى ۋە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن<<تېكەس دىيارىدا نورۇز>>تېمىسىدا نورۇز بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.پائالىيەتكە پىشقەدەم ئەدىب،ئاتاقلىق شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكا غۇلجا ناھىيىسىدىن ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرى نورۇز بايرىمىغا تەييارلانغان ئېسىل سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھوزۇرلىنىش بىلەن بىرگە نورۇز پائالىيەت گۇرۇپپىسى تەييارلىغان نورۇز ئېشىغا ئېغىز تەگدى.

نورۇز سەنئەت كېچىلىكىنىڭ رىياسەتچىلىرى كېچىلىككە رىياسەتچىلىك قىلماقتا

پىشقەدەم ئەدىب،داڭلىق شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكا نورۇزنامە ئوقۇماقتا

ئارتىسلىرىمىز قوش كىشلىك ناخشا نورۇز ناخشىسىنى ئورۇنلىماقتا

يېتىلىۋاتقان ياش ناخشىچى غەيرەت مەمتىمىن ناخشا ئېيتماقتا

نورۇز ئىشتىراكچىلىرى نورۇز ئېشىغا ئېغىز تەگمەكتە
پىشقەدەم سەنئەتكارلىرىمىز خەلق ناخشىلىرىنى ئورۇنلىماقتا

نورۇز ئەھلى مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىغا تون كىيگۈزمەكتە
[ئاپتورى : مەنبەسى : ۋاقتى : 2012-3-21 22:19:03 كۆرۈلۈشى : 167 قېتىم] |
|