خوتەن شۆبە ھەربىي رايونىنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى 10-مارت گۈرۈچ ۋە ئۇن قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئېلىپ كەلدى. دۆلەت يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش تورىنىڭ ئۆلچەپ بېكىتىشىچە، 9-مارت سائەت 6:50تە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ ناھىيەسىدە 6.0 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى 30 كىلومېتىر ئىكەن. يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، شىنجاڭ خوتەن شۆبە ھەربىي رايونى دەرھال «يەر تەۋرەشكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى»نى قوزغىتىپ، دەل ۋاقتىدا يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئىشتابى تەشكىللىدى، لوپ ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمى تەۋەلىكىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى غوللۇق خەلق ئەسكەرلىرىنى دەرھال ئاپەت رايونىغا بېرىپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا تەشكىللەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا 20 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، سۇ قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى، شۇنداقلا ئاپەتكە ئۇچرىغان 13 ئائىلىگە ھال سوراش پۇلى بەردى.
ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 10-مارت سائەت 19غىچە، خوتەن شۆبە ھەربىي رايونى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن 2000 ئادەم(قېتىم) ئوفىتسېر-ئەسكەر ئەۋەتىپ، ئاممىغا 100دىن ئارتۇق چېدىر تىكىشىپ بەرگەن، 1000 ئېغىزدىن ئارتۇق خەتەرلىك ئۆينى بىر تەرەپ قىلىشىپ بەرگەن. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شياڭ ۋېنجۈن فوتوسى)