شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى
يېقىندا، جۇڭگو دۆلەتلىك مۇزىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاياللار-بالىلار 10 يىللىق تەرەققىيات مۇۋەپپىقىيىتى كۆرگەزمىسى پۈتۈن مەملىكەت كۆز تىكىدىغان مۇھىم نۇقتا بولۇپ قالغان،بولۇپمۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى شىنجاڭ كۆرگەزمە زالىنىڭ قويۇق مىللىي ئۇسلۇبى ھەر تەرەپتىن كەلگەنلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالغان.
يېرىم مېتىر ئېگىزلىكتىكى «ئەپەندى»، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ چىۋەر قوللىرى بىلەن نەق مەيداندىلا توقۇپ چىقىرىلغان نەپس گېلەم.....قاتارلىقلار ساراينىڭ شىنجاڭ مىللىي زالىغا قەدەم تەشرىپ قىلغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان. 10 يىلدىن بۇيانقى شىنجاڭ قىز-ئاياللىرى ۋە بالىلىرىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرىنى تولۇق نامايان قىلىش ئۈچۈن، بۇ قېتىملىق ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىللەپ كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرغان سۈرەت، خەت، مېدىيا، ماددىي بۇيۇم قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرى نەق مەيداندا كۆرگەزمە قىلىنىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىدە ئاساسلىقى شىنجاڭدا پارتىيە- ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى ئاستىدا، ئاياللار - بالىلار تەرەققىيات سىتېراتېگىيسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىدە بارلىققا كەلگەن 10 يىللىق تەرەققىيات نەتىنجىسىنى نامايان قىلىش، شىنجاڭ قىز-ئاياللرىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىكى ئەمەلىيەت جەريانىدا جارى قىلدۇرغان زور تۆھپلىرىنى نامايان قىلىش، ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتىنى مەركەز قىلىپ، ئاياللار-بالىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپىئەتىنى قوغداپ، «مۇستەھكەم بازا» ۋە «ئىللىق ئائىلە» قۇرۇش خىزمىتى نەتىنجىسىنى نامايان قىلىش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان.