شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر كوللېكتىپ نامىدا يىغىنغا تۆت چوڭ تەكلىپنى سۇنماقچى |

4-مارت چۈشتىن كېيىن، 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا قاتنىشىدىغان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر يىغىن ئېچىپ، كوللېكتىپ نامىدا يىغىنغا سۇنىلىدىغان تۆت تۈرلۈك مۇھىم تەكلىپنى مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللىدى.
شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
بۇ تۆت تۈرلۈك تەكلىپ ‹‹ شىنجاڭدا دۆلەت دەرىجىلىك كۆمۈر بازىسى قۇرۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپ›› ، ‹‹ ئۈرۈمچىنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قۇرۇلۇش تۈرىنى دۆلەتنىڭ ‹‹ 12-بەش يىللىق›› نۇقتىلىق مەخسۇس تۈر پىلان قۇرۇلۇشىغا كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكىپ››، ‹‹ شىنجاڭ بانكىسى قۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ›› ۋە ‹‹ جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىغا مالىيە تولۇقلىمىسى بېرىش توغرىسىدىكى تەكلىپ›› قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كۆپچىلىكنىڭ قىزغىن مۇزاكىرەسى ئارقىلىق، شىنجاڭدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىردەك بۇ تەكلىپنى كوللېكتىپ نامىدا يىغىنغا سۇنۇشنى قارار قىلدى.
چوڭ يىغىن ھەيئەت رىياسىتىدىنىڭ يىغىن قارارىغا ئاساسەن، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ ، لايىھە تاپشۇرۇش ۋاقتى 9-مارت سائەت 12 گىچە قىلىپ بېكىتىلدى. مەنبە: uyghur.people.com.cn
[ئاپتورى : مەنبەسى : ۋاقتى : 2012-3-7 21:32:13 كۆرۈلۈشى : 117 قېتىم] |
|