شىنجاڭدىكى مۇلازىمەت سودا كەسىپلىرى بازارنى قانداق ئىگىلىيەلەيدۇ - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
بۈگۈن : , ياشلار بايرىمىغا يەنە -7 كۈن بار
| تىزىملىتىش | سېستىمىغا كىرىش | ئىزدەش | تەكلىپ - پىكىر | باش بەت قىلىۋېلىڭ

باش بەت خەلىقئارا
مەملىكەت
شىنجاڭ
مەدىنىيەت
ئىقتىساد
تەنتەربىيە
كۆڭۈل ئېچىش
پەن - تېخنىكا
سۈرەتلىك

 
 
 
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
   ئاۋات خەۋەرلەر

 

ئۇيغۇر دېھقان پە..
جەنۇب ئاۋىئاتسىي..
شىنجاڭدا كەڭ كۆل..
XJTV« ئىستىقبال سە..
كۆيۈمچان باغۋەن ..
بۇلتۇر شىنجاڭدا ..
4-نۆۋەتلىك «جەلپك..
‹‹ مەشرەپ›› ئېلېكت..

   تەۋسىيە خەۋەرلەر

 

ئۇيغۇر دېھقان پە..
‹‹ مەشرەپ›› ئېلېكت..
ئۈرۈمچى شەھىرى ئ..
شىنجاڭ لىللا خەل..
ئۇيغۇر ئاكادېمىك..
دېكتورى ئابدۇقاد..

   ئاۋات خەۋەرلەر

 

ئۇيغۇر قىزى ئايگۈل مەمەت ئامېرىكا تالانت سەھنى..
قىرىندىشمىز راھىلەگە بىلەت تاشلاپ قويايلى!..
داڭلىق بالا چولپانىمىز ئېرفان ئېيتقان ناخشا:«B..
گۈزەل ئۇيغۇر قىزلىرى..
غۇلجىدا غەلىتە مەخلۇق بايقالدى..
گۇما ناھىيسىدە تېرورلىق ۋەقەسى يۈز بەردى..
1931-يىلىدىكى ئەزىزانە يۇرتىمىز قەشقەرنى ‍كۆرۈ..
ئۇيغۇر دېھقان پەرھاتنىڭ 12 مىليونلۇق قوي..
خوتەن ۋىلايىتىدىكى قارىقاش دەرياسىغا تۇيۇقسىز ..
شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت قىزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي كىي..

خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
شىنجاڭدىكى مۇلازىمەت سودا كەسىپلىرى بازارنى قانداق ئىگىلىيەلەيدۇ
  • مەنبە: www.uycnr.com
  • 2012-03-02 07:51
  • 2012--يىلى 3-فېۋرال چۈشتىن كېيىنكى ئون نەچچە مىنۇت ۋاقىت شىنجاڭ قارلۇق ئاخبارات پەن-تېخنىكا چەكلىك (مەسئۇلىيەت) شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى پەخىردىن شېرىپنى نەچچە كۈنگىچە ھاياجانغا سالدى. بۇ كۈنى ئۇ كەسىپداشلىرى بىلەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا كەلگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەنگە شىركەت مۇستەقىل لايىھەلىگەن جاڭ شۇجىنىڭ كارتون ئوبرازىنى كۆرسەتتى. ئىككى ئۆلچەملىك، ئۈچ ئۆلچەملىك بۇ كارتون ئوبراز نەچچە كۈندىن بۇيان ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە مىكرو بىلوگلاردا كەڭ تارقالدى.
    «شىنجاڭ زامانىۋى مۇلازىمەت سودا كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش ئەۋزەللىكىگە ئىگە، شۇڭا بۇ ساھەدە زور نەتىجە قازىنىپ، شىنجاڭ زامانىۋى مۇلازىمەت سودا كەسپىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىشىڭلار كېرەك!» جاڭ چۈنشيەننىڭ 3-فېۋرال قىلغان بۇ سۆزى قارلۇق شىركىتى ۋەكىللىكىدىكى شىنجاڭ مۇلازىمەت سودا كارخانىلىرىدىكىلەرنىڭ روھىنى ئۇرغۇتتى.
    ئۇنداقتا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مۇلازىمەت سودا كەسپىنىڭ ھازىرقى ھالىتى قانداق؟ تەرەققىيات نۇقتىسى قايسى؟ ھازىرقى بازار شارائىتىدا قانداق قىلغاندا پۇت تىرەپ تۇرغىلى بولىدۇ؟ مۇشۇ مەسىلىلەردە مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆز قاراشلىرىغا نەزەر سالايلى .
    ھازىرقى ھالەت: مۇلازىمەت ئېكسپورتى مۇقىم ئاشماقتا
    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىنىشچە، شىنجاڭنىڭ سودا مۇلازىمەت ئىمپورت ۋە ئېكسپورتى ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلگەن. 2010-يىلى شىنجاڭنىڭ مۇلازىمەت سودا ئىمپورت - ئېكىسپورت سوممىسى 1 مىليارد 52 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، %32.96 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت قىممىتى 589 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا، ئىمپورت قىممىتى 463 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئاكتىپ بالانىس شەكىللەنگەن. 2011-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭ مۇلازىمەت سودا ئېكسپورت سوممىسى 243 مىليون 633 مىڭ 700 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 30 مىليون 693 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى %14.41بولغان. مۇلازىمەت سودا ئىمپورت سوممىسى 177 مىليون 800 مىڭ 200 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 1414 مىليون 812 مىڭ 600 ئامېرىكا دوللىرى كېمەيگەن.
    قىيىن نۇقتا: شىنجاڭ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى قالاق
    ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلگەن يۇقىرى ئۆرلىگەن قىزىل رەڭلىك رەقەملەرنى كۆرۈپلا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇلازىمەت سودا كەسپىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ئىنتايىن ياخشى، دەپ قارىساق سەل ئالدىراقسانلىق قىلغان بولىمىز. ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ئازراق، خەلقئارا ۋە تەرەققىي قىلغان ئۆلكە، رايونلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا تەرەققىياتى ئاستىراق، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىز مۇلازىمەت كەسپىدىكى يېتەرسىزلىك.
    ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ GDP دا ئىگىلىگەن نىسبىتى 2002-يىلىدىن باشلاپ يىلدىن-يىلغا كېمەيگەن، گەرچە 2006-يىلى قايتىدىن ئېشىشقا باشلىغان بولسىمۇ، 2010-يىلىغا كەلگەندە يەنىلا %32.5نى ئىگىلەپ، خەلقئارالىق ئوتتۇرىچە سەۋىيە %10.6 پوئېنتتىن تۆۋەن بولۇپ، غەربىي رايوندا ئارقىدىن سانىغاندا 1-ئورۇندا تۇرغان.
    شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى چىن شياۋ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى مۇلازىمەت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتى يېتەرلىك ئەمەس، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى قالاق، ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرىدىكى مۇلازىمەت 1 -، 2 - كەسىپنىڭ تەرەققىيات تەلىپىنى قاندۇرالمايدۇ، ئۇچۇر، ئەشيا ئوبوروتى، قانۇن، مەسلىھەت سوراش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرىدىكى كەسىپلەر باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا. يېقىنقى بىر قانچە يىلدا، شىنجاڭ مۇلازىمەت سودىسى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ مەملىكەت بويىچە مۇلازىمەت سودىسى ئومومىي مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئىزچىل %0.3 ئەتراپىدا بولدى، بۇ شاڭخەينىڭ %2گىلا توغرا كېلىدۇ.
    ئىگىلىنىشچە، شىنجاڭنىڭ مۇلازىمەت سودا ئىمپورت - ئېكسپورت قۇرۇلمىسىدا، تېخنىكا كۆجۈملەشكەن، مەھسۇلات قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى يېڭىدىن گۈللەنگەن مۇلازىمەت سودىسىنىڭ تەرەققىياتى قالاقراق بولۇپ، ئەمگەك كۆجۈمى ۋە مەھسۇلات قوشۇلما قىممىتى تۆۋەن ئەنئەنىۋى مۇلازىمەت سودىسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى چوڭ بولماقتا. 2010-يىلى شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تىپىدىكى مۇلازىمەت سودا ئىمپورت - ئېكسپورت سوممىسىنىڭ بارلىق مۇلازىمەت سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %40 بولغان؛ ساياھەت، خەلقئارا تىرانسپورت، توپ ۋە پارچە سېتىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئەنئەنىۋى مۇلازىمەت سودا قىممىتىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %71 بولغان، ئۇچۇر، مەسلىھەت سوراش، پۇل مۇئامىلە، سۇغۇرتا، مەدەنىيەت قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن مۇلازىمەت سودىلىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %29كىمۇ يەتمىگەن. 2010-يىلى مەملىكىتىمىز مۇلازىمەت ساھەسىدىكى 500 كۈچلۈك كارخانا ئىچىدە شىنجاڭ كارخانىلىرى ئاران سەككىز بولۇپ، %0.1نى ئىگىلىگەن.
    ئەۋزەللىك: تىل ۋە رايون ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ تەرەققىي قىلغىلى بولىدۇ
    قىيىنچىلىق بىلەن پۇرسەت دائىم بىرگە كېلىدۇ، شىنجاڭنىڭ مۇلازىمەت سودا كەسپى باشقا ئۆلكە ۋە رايونلار بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان تىل ۋە رايون ئەۋزەللىكىگە ئىگە، نۇرغۇن كارخانا بۇ نۇقتىنى بايقىغاچقا، بازارنى ئىگىلەپ، تۈرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن شىنجاڭغا كۆز تىككەن.
    شىنجاڭ جامائەت ئۇچۇر كەسپىي پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرېكتورى لى يىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر مەملىكىتىمىزدە ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىياغا يۈزلەندۈرۈلگەن، كۆپ تىللىق چاقىرىش مەركىزى سىستېمىسى يوق، كارخانىلار بۇ سودا پۇرسىتىنى كۆزلەپ، 20 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق كۆلەمگە ئىگە 1000 ئورۇنلۇق كۆپ تىللىق چاقىرىش مەركىزى سىستېمىسى قۇرۇپ، رۇس تىلى، ئىنگلىز تىلى، قازاق تىلى، ئەرەب تىلى قاتارلىق كۆپ تىل مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇشنى ئويلىشىۋاتىدۇ.
    «كۆك ئالما» سانلىق مەلۇمات مەركىزىنىڭ شىنجاڭ تارمىقىمۇ نەزەرىنى ئەرەب ئەللىرى بازىرىغا تىكتى. «كۆك ئالما» شىركىتى دەسلەپتە 10 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە تاشقى ھۆددىگەرلىك مۇلازىمەت ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى ئاساس قىلىپ، خەلقئارا مۇلازىمەتنىڭ تاشقى ھۆددىگەرلىك ئىقتىدارىنى ئاشۇرماقچى بولدى.
    بازارغا نىسبەتەن كارخانىلارنىڭ سېزىمى ئۆتكۈر بولىدۇ. «جامائەت»، «كۆك ئالما» قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇلازىمەت سودا كارخانىلىرى ھەرىكەتكە كېلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا مۇلازىمەت مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا قەد كۆتۈرۈشكە باشلىدى. چېن شياۋ مۇنداق دېدى: بۇ، ئاپتونوم رايونىمىز مۇلازىمەت سودىسىنىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىيات يۈزلىنىشى بولۇپ قالدى. 
    «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مۇلازىمەت سودا تەرەققىياتىنىڭ 12-بەش يىللىق يىرىك پىلانى پىروگراممىسى»دا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىدىكى شىنجاڭ مۇلازىمەت سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 1 مىليارد 52 مىليون دوللارلىق ئاساسى 2015-يىلىغا بارغاندا ئىككى قاتلىنىپ، 3 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈلىدىكەن؛ شىنجاڭنىڭ مۇلازىمەت سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي سوممىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى مۇقىم ئاشۇرۇلۇپ، مۇلازىمەت سودىسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى مەملىكەتنىڭ ئىلغار سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مۇلازىمەت مەھسۇلاتلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە يۈزلەنگەن ئاساسلىق ئېكسپورت رايونىغا ئايلاندۇرۇلىدىكەن.
    [ئاپتورى :   مەنبەسى :   ۋاقتى : 2012-3-4 20:14:32  كۆرۈلۈشى : 236 قېتىم]

      
    بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !
    خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
    كۇنلۇكى100_150يۇەندىن 20نەپەر كۇنلۇك ئىشچى قۇبۇل قىلمىز،
    شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىردىن ھۆكمەت تارمىقدىكى ساندۇ..
    ئىلمىي مالاقە لازىممۇ!
    بىنا ئۆي ئىجارىگە بېرىلىدۇ
    80توننا مىغىز كۈنجۈر سېتىلىدۇ
    ....سۇپۇن زاۋۇتىغا ئەر-ئايال،قىز-ئۇغۇل خىزمەتچى قۇبۇل قى..
    ئايدا 200 نەچچە يۇەن تۆلەپ داڭلىق ماركىدىكى كومپىيۇتىر،..
    جىىدى ئەرزەن باھادا سىيتلىدۇ!
    مېنرالسۇزاۋۇتىغا10نەپەر خىزمەتچى قۇبۇل قىلمىز
    كەشتە ئىشلەش زاۋۇتىمىزغا جىددىي 5نەپەر قىز ئىشچى ئالىم..
    مايلېق مۇتسېكلېتنېڭ LPG سۇيۇقلاندۇرۇرغان گاز قۇرۇرمرسې..
    ھۇكىمەت تارمىقىدا ئىشلەپ كوپ پۇل تاپقۇڭىز بارمۇ؟
    ھۆكۇمەت ئورنىدا ئىشلەپ ،ھۆكۇمەتنىڭ رەسمى ئىشچىسى بولۇ..
    ئۆي سېتىۋالىدىغانلارغا تەۋسىيە !!!!!كۆرۈپ بىقىڭ !!!
    قارقات ئىچىملىك زاۋۇتىمىزغا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىر..
    {پۇل تىپىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بۇ يەردە}
    ھەركەتلىك | فانتازيىلىك | قورقۇنۇچلۇق | ئۇرۇش | بوكىس | ئۇيغۇرچە | قىسىملىق | كارتون | كومىدىيىلىك | مۇھەببەت
    پىچاقچى
    قەھرىمان
    كۆڭۈلدىكىدەك مۇھەببە
    گىگانىتلار 3-بۈلۈم
    چەۋەنداز مۈشۈك
    يېڭى ‹غەرىپكە ساياھە
    ناتىۋانلار 1-72
    قىساسكار ئاشىق 1 -10
    قىزىم نەدە؟ 1 - 104
    كورتلار ۋادىسى - ئىر

    شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى  (2010 - 5 - 17)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682