قىشتىكى ئەھمىيەتلىك سەپەر - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
بۈگۈن : , ياشلار بايرىمىغا يەنە -7 كۈن بار
| تىزىملىتىش | سېستىمىغا كىرىش | ئىزدەش | تەكلىپ - پىكىر | باش بەت قىلىۋېلىڭ

باش بەت خەلىقئارا
مەملىكەت
شىنجاڭ
مەدىنىيەت
ئىقتىساد
تەنتەربىيە
كۆڭۈل ئېچىش
پەن - تېخنىكا
سۈرەتلىك

 
 
 
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
   ئاۋات خەۋەرلەر

 

ئۇيغۇر دېھقان پە..
جەنۇب ئاۋىئاتسىي..
شىنجاڭدا كەڭ كۆل..
XJTV« ئىستىقبال سە..
كۆيۈمچان باغۋەن ..
بۇلتۇر شىنجاڭدا ..
4-نۆۋەتلىك «جەلپك..
‹‹ مەشرەپ›› ئېلېكت..

   تەۋسىيە خەۋەرلەر

 

ئۇيغۇر دېھقان پە..
‹‹ مەشرەپ›› ئېلېكت..
ئۈرۈمچى شەھىرى ئ..
شىنجاڭ لىللا خەل..
ئۇيغۇر ئاكادېمىك..
دېكتورى ئابدۇقاد..

   ئاۋات خەۋەرلەر

 

ئۇيغۇر قىزى ئايگۈل مەمەت ئامېرىكا تالانت سەھنى..
قىرىندىشمىز راھىلەگە بىلەت تاشلاپ قويايلى!..
داڭلىق بالا چولپانىمىز ئېرفان ئېيتقان ناخشا:«B..
گۈزەل ئۇيغۇر قىزلىرى..
غۇلجىدا غەلىتە مەخلۇق بايقالدى..
گۇما ناھىيسىدە تېرورلىق ۋەقەسى يۈز بەردى..
1931-يىلىدىكى ئەزىزانە يۇرتىمىز قەشقەرنى ‍كۆرۈ..
ئۇيغۇر دېھقان پەرھاتنىڭ 12 مىليونلۇق قوي..
خوتەن ۋىلايىتىدىكى قارىقاش دەرياسىغا تۇيۇقسىز ..
شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت قىزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي كىي..

خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
قىشتىكى ئەھمىيەتلىك سەپەر
  • مەنبە: www.uycnr.com
  • 2012-03-02 07:48
  • ئىنسان ھاياتىدا نۇرغۇن سەپەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەھمىيەتلىك، ئۇنتۇلغۇسىز تەسىراتلارنى قالدۇرىدىغىنى ھامان ئاز بولىدۇ. 2011-يىلى دېكابىردا ئادىل دارۋازلىق شىركىتى تەشكىللىگەن «سەھراغا سالام» ھال سوراش، ئويۇن قويۇش ئۆمىكى بىلەن قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىنىڭ يېزا - قىشلاقلىرىدا 20 نەچچە كۈن يۈردۈم، بۇ 20 نەچچە كۈنلۈك سەپەر مەن ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك سەپەر بولدى.
    سەھراغا سالام
    ئادىل ھوشۇر جەنۇبىي شىنجاڭدا ھەقسىز ئويۇن قويۇش، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش پىلانىنى بۇلتۇر نويابىردا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، مەدەنىيەت نازارىتى، سېرك ئۆمىكى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇن، تارماقلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، بۇ ئىشقا جىددىي تۇتۇش قىلدى. ئۇنىڭ ئالدىرىشىدا مۇنداق سەۋەبمۇ بار ئىدى:
    2010-يىلى قىش كۈنلىرىنىڭ بىرى ئىدى، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ئوچار يېزىسى بوزغۇن كەنتىگە كېلىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ تۇپراق بېشىنى يوقلاپ قايتىۋاتقان ئادىل ھوشۇر نۇرغۇن كىشىنىڭ يول بويىدىكى كۆمۈر دۆۋىسى ئەتراپىدا خالتا، داسلارغا كۆمۈر ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بۇنىڭغا قىزىقىپ قالدى. شۇ چاغدا ئۇ بۇ دېھقانلار بىلەن ئەھۋاللىشىپ، ئۇلارنىڭ قىشلىق كۆمۈرنى بىراقلا سېتىۋېلىشقا قۇربىتى يەتمىگەچكە، ئىككى - ئۈچ كۈندە بىر قېتىم ئازراقتىن كۆمۈر سېتىۋېلىپ قالايدىغانلىقىنى ئۇقۇپ ئويلىنىپ قالغانىدى. ئۇ ئادىل دارۋازلىق شىركىتىنى قۇرغان بەش يىلدىن بۇيان، ھەر يىلى يۈز نەچچە مىڭ يۈەن ئەكىلىپ يېڭىسار ناھىيەسىدىكى قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە ياردەم قىلىپ كېلىۋاتاتتى، بۇ قېتىممۇ مەخسۇس شۇ ئىش ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلگەنىدى. شۇڭا، بۇ قېتىمقى دېھقانلاردىن ھال سورايدىغان ئىشنى كېچىكتۈرۈپ قويسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، دەرھال شىركەتتىكىلەرنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئىككى كۈن ئىچىدىلا 350 توننا كۆمۈر، 300 خالتا ئۇن، 300 خالتا گۈرۈچ، 300 تۇڭ ياغ ئەكىلىپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ غېمىنى يېنىكلەتكەنىدى.
    − بالام، بىزگە ئويۇن قويۇپ بېرەلەسىزمۇ؟ − دېدى بىرەيلەن شۇ ئارىلىقتا ئادىل ھوشۇرنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، − بىزگە كۆمۈر، ئۇن، ياغ ئەكەپسىز، سىزگە كۆپ رەھمەت، تىرىشساقلا، پۇل تاپساقلا ئۇ نەرسىلەرنى سېتىۋالالايمىز، لېكىن دار ئويۇنىنى كۆرىمىز دەپلا كۆرەلمەيمىز، بولسا بىزگە ئويۇن قويۇپ بەرگەن بولسىڭىز.
    شۇ چاغدا ئادىل ھوشۇر بۇ كىشىگە:
    − بولىدۇ تاغا، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن سىلەرگە ئويۇن قويۇپ بېرەي، − دەپ ۋەدە بەردى.
    بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ يېڭىيەر يېزىسىدا كاتتا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتنى ئادىل ھوشۇر ھېلىقى كىشىنىڭ، شۇنداقلا شۇ كىشىگە ئوخشاش سەنئەتخۇمار خەلقنىڭ ئارزۇسىنى، مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن 90 نەچچە مىڭ يۈەن چىقىرىپ ئۇيۇشتۇرغانىدى، شۇ كۈنى دار ئويۇنى ئوينالغاندىن سىرت، ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسى ۋە بەيگە ئۆتكۈزۈلۈپ، يېڭىسار ناھىيەسىدىكى ۋە ئەتراپتىكى ناھىيەلەردىكى 70 مىڭغا يېقىن كىشىنى جەلپ قىلدى، كىشىلەر ئادىل ھوشۇردىن سۆيۈندى. شۇ چاغدا ئادىل ھوشۇر يەنە بىر ئۇلۇغ ئىشنى كۆڭلىگە پۈككەنىدى... 
    شۇنداق قىلىپ، ئۇ تونۇلغان سەنئەتكارلار، شىنجاڭ سېرك ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى، ئادىل دارۋازلىق شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرىدىن 27 كىشىلىك «سەھراغا سالام» ھال سوراش، ئويۇن قويۇش ئۆمىكى تەشكىللەپ، 2011- يىلى 8-دېكابىر قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىنىڭ يېزا - قىشلاقلىرىغا يۈرۈپ كەتتى.
    «يېزىمىزغا چولپان كەلدى»
    دېكابىردىكى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا - قىشلاقلىرى قار - مۇز بىلەن قاپلىنىپ كەتمىسىمۇ، ئاچچىق سوغۇق شامال ئادەمنى خېلىلا توڭدۇراتتى. قىشتىكى بۇ ئارىسال مەزگىلدە دېھقان - چارۋىچىلار مەدەنىيەت - سەنئەتكە، ئىللىقلىققا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولاتتى. ئادىل ھوشۇرنىڭ ھال سوراش ئۆمىكى دەل شۇ پەيتتە دېھقانلار ئارىسىغا باردى.
    ھال سوراش ئۆمىكىدىكىلەر ئولتۇرغان ئاپتوبۇس 21-دېكابىر ئەتىگەن سائەت 10لاردا قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئوغۇساق يېزىسى يۇقىرىقى ئوغۇساق كەنتىدىكى ئاددىي مەيدانغا كەلدى، يەرگە پالاس سېلىنىپ، ئاددىي سەھنە ھازىرلانغانىدى، ئويۇن باشلىنىشقا يەنە تۆت سائەت بولسىمۇ، دارۋازلىق شىركىتىنىڭ خادىملىرى بىر كۈن بالدۇر كېلىپ تارتىپ قويغان دارنىڭ ئەتراپىغا نۇرغۇن كىشى يىغىلغانىدى.
    ئويۇن ئەسقەر رېقىپنىڭ رىياسەتچىلىكىدە باشلاندى، ئالدى بىلەن ئادىل ھوشۇر ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 30 كىشىگە 1000 يۈەندىن پۇل تارقىتىپ بەردى.
    − ئازغىنە كۆڭلۈم، قوبۇل قىلىڭلار، − دەيتتى ئۇ ھەر بىر كىشىگە پۇل بېرىۋېتىپ.
    − رەھمەت بالام، تېخىمۇ ئەزىز بولارسىز، − دېدى ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم پۇلى بىلەن تۇرمۇشىنى قامداپ كېلىۋاتقان 78 ياشلىق رابىخان روزى.
    سەنئەت نومۇرلىرى باشلاندى، شىنجاڭ سېرك ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى «گۈل نېمىشقا بۇنچە قىزىل» دېگەن مۇزىكىغا كەلتۈرۈپ، قىپقىزىل كۆڭلەكلىرىنى لەپىلدىتىپ ئۇسسۇلغا چۈشتى، شىنجاڭ سېرك ئۆمىكىنىڭ ئارتىسى غەيرەت ئېزىز قول ماھارىتى كۆرسەتكەندە ھەممەيلەن ئۇنىڭ قول ھەرىكىتىنىڭ چاققانلىقىغا ھەيران قالدى. ئادىل دارۋازلىق شىركىتىنىڭ بالىلىرى ئورۇنلىغان «مەشىق» ناملىق قىزىقارلىق سېرك ئويۇنى ھەممەيلەننى كۈلدۈرۈپ، ئۈچەيلىرىنى ئۈزۈۋەتكىلى تاس قالدى. ئارقىدىن ئادىل ھوشۇر ئەسقەر رېقىپ ئېيتقان «ئۇيغۇر ئوغلى» ناملىق ناخشا ساداسى ئىچىدە شاگىرتى ياقۇپجان بىلەن دارغا چىقتى، ئىككىيلەن داردا تەڭشەك تۇتماي مېڭىش، بېشىچىلاپ تۇرۇش، ۋېلىسىپىت مىنىش، پۇتىغا تەخسە باغلاپ، كۆزىنى تېڭىپ مېڭىش، دارغا پۇتىنى ئېلىپ قويۇپ ساڭگىلاش قاتارلىق نومۇرلارنى كۆرسەتتى. ئۇلار داردىن چۈشكەندە، ھاياجانلانغان كىشىلەر ئۇلارنى قۇچاقلاپ، قوللىرىنى چىڭ سىقىپ، ئۇلارغا رەھمەت ئېيتتى.
    − بۈگۈن يېزىمىزغا چولپان كەلدى، − دېدى ئوغۇساق يېزىسىدىن كەلگەن ھوشۇر جۈمە، ئۇنىڭ ھاياجانلانغىنىدىن ئاۋازى تىترەيتتى، − بۇ چولپانلارنى بۇرۇن تېلېۋىزوردا كۆرگەنىدىم، بۈگۈن ئۆز يېرىمىزدە كۆرۈپ، بەك خۇش بولدۇم.
    قىممەتلىك سوۋغات
    جېنىم ئاتا تۇردۇڭمۇ ئامان،
    بۇ يىل ھوسۇل بەردىمۇ خامان.
    ياكى چېھرىڭ بولدىمۇ سامان،
    سالام سەھرا، ئامان بول ئامان.
    ...
     ئەسقەر رېقىپ «سەھراغا سالام» ناملىق بۇ ناخشىسىنى ھەر بىر يېزىغا بارغاندا قەلب سوۋغىسى سۈپىتىدە خەلققە سۇناتتى، خەلق ئۇنىڭغا رەھمەت، ھەشقاللا ئېيتاتتى. 
    − ئەسقەرجان ئۇكام، بايا ئېيتقان ناخشىلىرى ماڭا بەك ياقتى، سىلەرگە نېمە دەپ رەھمەت ئېيتىشنى بىلەلمىدىم، بۇ ئاددىي بولسىمۇ كۆڭلۈم، − دېدى بىرەيلەن 21-دېكابىر گۇما ناھىيەسىنىڭ كۆكتېرەك يېزىلىق 2-باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئەمدىلا ناخشىسىنى تۈگەتكەن ئەسقەر رېقىپنىڭ ئالدىنى توسۇپ ھەم يانچۇقىدىن بىر نەرسىنى چىقىرىپ ئەسقەرنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى، ئۇ ئۈچ تال ياڭاق ئىدى.
    − رەھمەت ئاكا، بۇ مەن ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك سوۋغا، − دېدى ئەسقەر ئۇ بەرگەن سوۋغاتنى چىڭ تۇتۇپ.
    بىر كۈنى ئارتىسلار تاماق يەۋاتقاندا، گۇما ناھىيەسىنىڭ كۆكتېرەك يېزىسى يېڭى كەنتىدىن بولغان مۇھەممەد ئۆمەر ئىككى قوغۇننى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ، ئۇلارنى ئىزدەپ كەلدى:
    − ئادىلجان ئۇكام، بۇ ئۆزۈم ساقلىغان قوغۇنلار ئىدى، ئاددىي كۆرمەي قوبۇل قىلساڭلار، خۇش بولاتتىم، − دېدى ئۇ.
    − رەھمەت ئاكا، بۇ سوۋغات ئاددىي ئەمەس، سىلەرنىڭ خۇشاللىقىڭلار مېنىڭ خۇشاللىقىم، − دېدى ئادىل ھوشۇر قوغۇننى قوش قوللاپ ئېلىپ. مۇھەممەد ئۆمەر قوغۇننى ئۆز قولى بىلەن تىلىپ، ئۆمەكتىكىلەرنىڭ قوللىرىغا تۇتقۇزۇپ، ئۇلارنىڭ ئېغىز تەگكىنىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئادىل ھوشۇرنىڭ بىللە تاماق يېيىش تەكلىپىگە رەھمەت ئېيتىپ كېتىپ قالدى... 
    ئەل دۇئاسىدىن ئەر كۆكىرەر
    «دۇنيادا ئەڭ قاتتىق نەرسە موھتاجلىق، بىراۋنىڭ سىزگە ھاجىتى چۈشكەندە ئىمكانىيىتىڭىز بار تۇرۇقلۇق ياردەم قولىڭىزنى سۇنمىسىڭىز، بۇ ئەخلاقسىزلىقتۇر». ئادىل ھوشۇر كۆپ يىللاردىن بۇيان، بۇ سۆزنى ئۆزىگە مىزان قىلىپ كەلدى. بۇ قېتىملىق سەپەردە ئادىل ھوشۇر شىركىتىدىن 1 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇل چىقاردى، قۇرۇلغىنىغا ئەمدىلا بەش يىل بولغان شىركەت ئۈچۈن بۇ ئاز پۇل ئەمەس ئىدى.
    − ئادىل ھوشۇر بۇ قېتىم ناھىيەمىزدىكى نامرات ئاھالىلەرگە پۇل ئىئانە قىلدى، نادىر سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى. ئۇ يەنە يېقىندا ناھىيەمىزگە يېمەك - ئىچمەك، مېھمانساراي، چوڭ تىپتىكى ئويۇن كۆرسىتىش قاتارلىقلار بىرلەشتۈرۈلگەن دارۋازلىق مەيدانى قۇرۇشقا مەبلەغ سالدى، بۇ تۈر پۈتسە، ئىش كۈتۈپ تۇرغان بىرمۇنچە ياش ئىشقا ئورۇنلىشالايدۇ، ئادىلنىڭ بۇ قۇرۇلۇشىنى ئېتىبار سىياسەتلەر بىلەن قوللايمىز، ئادىلنىڭ شىركىتىنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز، − دېدى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى ئەنۋەر تۇرسۇن.
    − ئادىلنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيىتى بىزنى بەكمۇ خۇش قىلدى، بۇ پائالىيەت ناھىيەمىزدە ئاممىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى تەشۋىق قىلىش، ئىلغار مەدەنىيەت ئارقىلىق ئاممىنى يېتەكلەش ھەم شۇ ئارقىلىق جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئادىلنىڭ ناھىيەمىزگە يەنە كېلىشىنى، مەبلەغ سېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ۋە قوللايمىز، −− دېدى خوتەن ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى ئەكبەر ئابدۇقادىر.
    − خەلقنىڭ قوللىشى بولمىغان بولسا، بۈگۈنكى نەتىجىگە ئېرىشەلمەيتتىم، بۇ قېتىملىق سەپىرىمدىن ئىنتايىن رازى بولدۇم، − دېدى ئادىل ھوشۇر، − جاڭ چۈنشيەن سېكرېتار يېقىندا ئىلغار مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلقنى يېتەكلەش، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، دېگەن سۆزنى قىلدى، مەن بىر سەنئەتكار بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇنىڭدىن كېيىنمۇ كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا بېرىپ، ئاممىنى مەدەنىيەت مېۋىلىرىدىن ھەقىقىي بەھرىمەن قىلىشقا، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشكە تىرىشىمەن. 
    خاتىمە
    ھال سوراش ئويۇنى 29-دېكابىر خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىدە ئاياغلىشىپ، ئويۇن قويۇش ئۆمىكىدىكىلەر ئولتۇرغان ئاپتوبۇس قۇملۇق تاشيولى ئارقىلىق ئۈرۈمچىگە قاراپ ماڭدى. ئادىل ھوشۇرنىڭ بۇ ئۆمىكى بۇ قېتىم قەشقەر كوناشەھەر، قەشقەر يېڭىشەھەر، يېڭىسار، يەكەن، قاغىلىق، گۇما، قاراقاش، خوتەن، كېرىيە ناھىيەلىرىنىڭ يېزا - قىشلاقلىرىدا ئويۇن قويدى، 500 گە يېقىن نامرات، مېيىپ، ئاجىز كىشىگە ۋە ئوقۇش نەتىجىسى ياخشى ئوقۇغۇچىلارغا 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ياردەم قىلدى.
    ئاپتوبۇس قۇملۇق تاشيولىدا تېز ئىلگىرىلىمەكتە. ھەممەيلەن دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ بۇ قېتىملىق سەپىرىگە ئۆز كۆڭلىدە باھا بەرمەكتە. مەنمۇ ئويلىنىپ قالدىم، ھەممىلا يەردە ئىلغار مەدەنىيەت ئارقىلىق ئاممىنى يېتەكلەش، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇرچىمىزنى قانچىلىك ئادا قىلىۋاتىمىز؟ خەلق ھەقىقىي ئېھتىياجلىق جايلارغا بېرىپ، ئۇلار ھەقىقىي ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى ئاتا قىلالىدۇقمۇ؟ مېنىڭچە، بۇ ھەممەيلەن ئويلىنىشقا تېگىشلىك ئىش.
    [ئاپتورى :   مەنبەسى :   ۋاقتى : 2012-3-4 20:13:47  كۆرۈلۈشى : 576 قېتىم]

      
    بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !
    خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
    ....سۇپۇن زاۋۇتىغا ئەر-ئايال،قىز-ئۇغۇل خىزمەتچى قۇبۇل قى..
    ئايدا 200 نەچچە يۇەن تۆلەپ داڭلىق ماركىدىكى كومپىيۇتىر،..
    جىىدى ئەرزەن باھادا سىيتلىدۇ!
    مېنرالسۇزاۋۇتىغا10نەپەر خىزمەتچى قۇبۇل قىلمىز
    كەشتە ئىشلەش زاۋۇتىمىزغا جىددىي 5نەپەر قىز ئىشچى ئالىم..
    مايلېق مۇتسېكلېتنېڭ LPG سۇيۇقلاندۇرۇرغان گاز قۇرۇرمرسې..
    ھۇكىمەت تارمىقىدا ئىشلەپ كوپ پۇل تاپقۇڭىز بارمۇ؟
    ھۆكۇمەت ئورنىدا ئىشلەپ ،ھۆكۇمەتنىڭ رەسمى ئىشچىسى بولۇ..
    ئۆي سېتىۋالىدىغانلارغا تەۋسىيە !!!!!كۆرۈپ بىقىڭ !!!
    قارقات ئىچىملىك زاۋۇتىمىزغا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىر..
    {پۇل تىپىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بۇ يەردە}
    ئاق ئۇغۇت زاۋۇتىمىزغا 15 نەپەر خىزمەتچى قۇبۇل قىلمىز.
    پور- خىش زاۋۇتىمىزغا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 50 ن..
    ...پۇيىز ئستانسنڭ كۇمۇر پىڭلاش ئورنىغا 30نەپەر ئەر ئىشچى..
    جىددى قوغداش خادىمى قوبۇل قىلىمىز
    180مىڭ يۇەن ئەتراپىدا جىددى ئۆي سىتۋالمىز.
    ھەركەتلىك | فانتازيىلىك | قورقۇنۇچلۇق | ئۇرۇش | بوكىس | ئۇيغۇرچە | قىسىملىق | كارتون | كومىدىيىلىك | مۇھەببەت
    پىچاقچى
    قەھرىمان
    كۆڭۈلدىكىدەك مۇھەببە
    گىگانىتلار 3-بۈلۈم
    چەۋەنداز مۈشۈك
    يېڭى ‹غەرىپكە ساياھە
    ناتىۋانلار 1-72
    قىساسكار ئاشىق 1 -10
    قىزىم نەدە؟ 1 - 104
    كورتلار ۋادىسى - ئىر

    شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى  (2010 - 5 - 17)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682