خۇجۇدىن شىنجاڭغا ياردەمگە بارغان دوختۇر تاڭ چىڭخۇ ئاقسۇنىڭ 2011-يىللىق «10 مۇنەۋۋەر شەخس»ىنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى |

خۇجۇدىن شىنجاڭغا ياردەمگە بارغان دوختۇر تاڭ چىڭخۇ يېقىندا ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ 2011-يىللىق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدىكى «بەش بىر» يارقىن قۇرۇلۇشى − «10 مۇنەۋۋەر شەخس»نى باھالاشتا شەرەپكە ئېرىشىپ، جېجياڭ ئۆلكىسىدىن 7-تۈركۈمدىكى شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ بىردىنبىر ۋەكىلى سۈپىتىدە «10 مۇنەۋۋەر شەخس»نىڭ بىرى بولۇپ سايلىنىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە كەلپىن ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تاڭ چىڭخۇغا بولغان ئىشەنچى ۋە شىنجاڭغا ياردەمگە بارغان كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنى نامايان قىلدى.
تاڭ چىڭخۇ بىر يىلدىن بۇيان كەلپىن ناھىيەلىك دوختۇرخانىنىڭ بۆلۈم-ئىشخانىلىرى تولۇق بولماسلىق، ئەسلىھەلىرى كونا، ئىختىساسلىقلىرى كەم بولۇش، شۇنداقلا تىل بىلمەسلىك، مىللىي ئۆرپ ئادەت يات بولۇشتەك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، خۇجۇ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى ۋە دوختۇرخانا رەھبەرلىرىنىڭ غەمخورلۇقى، قوللىشى ئاستىدا شىنجاڭغا ياردەمگە بارغان دوختۇرلار بىلەن بىللە، يېزا-بازارلارنى ئارىلىدى، تەشۋىق قىلدى ۋە خالىس دىياگنوز قويۇپ، يەرلىكتىكى پۇقرالار بىلەن يۈز تۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ داۋالىنىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، دوختۇرلار بىلەن ئاغرىقلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىدى. «جەنۇبىي تەيخۇ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئاۋانگارت داۋالاش ئەترىتى» ئىلغارلاردىن-مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېزىلاردا سەييارە كېسەل كۆرۈپ، 1000دەك ئادەمگە دىياگنوز قويۇپ، خۇجۇدىن شىنجاڭغا ياردەمگە بارغان دوختۇرلارنىڭ ياخشى تېببىي ئىستىلىنى نامايان قىلدى.
[ئاپتورى : مەنبەسى : ۋاقتى : 2012-3-1 19:15:18 كۆرۈلۈشى : 213 قېتىم] |
|