ئۇيغۇر قىز - ئاياللىرى ئەزەلدىن كەشتە تىكىشكە ماھىر بولۇپ، قۇمۇل قىز - ئاياللىرىنىڭ چىۋەرلىكى بۇ جەھەتتە ئالاھىدە گەۋدىلىنىدۇ. ئۇلار تەبىئەتتىكى ئۆزلىرىنىڭ گۈزەللىك كۆز قارىشىنى ئەڭ گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان گۈل - گىياھ، ئوت ــ چۆپ، تاغ - تىزمىلىرى، ئېقىن سۇ قاتارلىقلارنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈپ تەسەۋۋۇر قىلىپ، يىڭنە ۋە رەڭلىك يىپ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى نامايەن قىلىدىغان گۈزەل سۈرەتلەرنى دوپپا، ياقا، يەڭ، ياستۇق، داستىخان، پەردە، يوتقان - كۆرپە قاتارلىقلارغا كەشتىلەپ چىقىپ، ئۆزىنىڭ چېۋەرلىكى ۋە ئىجادكارلىقىنى نامايەن قىلىدۇ .
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى (2010 - 5 - 17) , خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn , ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928 , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 , 新ICP备10201682号