كورىيە چولپىنى جاڭ دوڭجيەننىڭ جۇڭگودىكى تەسىر كۈچى شىددەت بىلەن ئۆرلەۋېتىپتۇ |


6-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىن كورىيىنىڭ SBS TV دا قويۇلۇۋاتقان »مۆتىۋەرلەر خىسلىتى«ناملىق فىلىمنىڭ باش رولچىلىرى بىلەن بۇ فىلىمنى ئىشلەشكە قاتناشقانلار مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىردى. پائالىيەتكە فىلىمدىكى باش قەھرىمانلاردىن جاڭ دوڭجيەن، جىن خېنا، جىن شيۇلۇ، جىن مىنجوڭ، لى جوڭخې قاتارلىقلار قاتناشتى.

بۇ فىلىمدە ئاساسلىقى تۆت ئوتتۇرا ياش مۆتىۋەرلەر بىلەن تۆت گۈزەلنىڭ رومانتىك مۇھەببەت ھېكايىسى سۆزلەنگەن بولۇپ، ۋەقەلىكى ھەم تەسىرلىك ھەم ناھايىتى قىزىقارلىق ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ فىلىم جۇڭگودا قۇيۇلۇشى بىلەن كورىيە فىلىم ھەۋەسكارلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ زور تەسىر پەيدا قىلغان. بۇ فىلىمدە باش رول ئالغان جاڭ دوڭجيەنمۇ زور ئالقىشقا ئېرىشىپ، تەسىر كۈچى شىددەت بىلەن ئۆرلەشكە باشلىغان.


[ئاپتورى : مەنبەسى : ۋاقتى : 2012-6-25 16:57:48 كۆرۈلۈشى : 1491 قېتىم] |
|