ناخشا شاھى ۋاڭ لىخوڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ مەشئەل يەتكۈزگۈچىسى بولدى |

تېڭشۈن تاماشا تورى تەيۋەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خەۋىرى، جۇڭگونىڭ داڭلىق ناخشا چولپىنى ۋاڭ لىخوڭ ئىككىنچى قېتىم ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزگۈچى بولغان بولۇپ، ئەنگلىيىنىڭ مانچېستېرغا كېلىپ مەشئەل يەتكۈزگەن. قىسقىغىنە440مېتىر ئارىلىقتا ۋاڭ لىخوڭ پەيدا بولۇشى بىلەن مەستانىلىرى ۋە نەق مەيداندىكىلەر ئۇنى ئورىۋېلىپ ئىمزا قويۇپ بېرىشىنى ئۆتۈنگەن. شۇنىڭ بىلەن مۇساپە بىر سائەتكە ئۇزارتىلغان.

ۋاڭ لىخوڭ 6-ئاينىڭ 24-كۈنى مانچېستېردا لوندون 2012-يىللىق ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزگۈچى بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ نومۇرى 155-نومۇر. ئۇ يەنە تۆت نەپەر جۇڭگولۇق مەشئەل يەتكۈزگۈچى بىلەن بىرگە مانچېستېر شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىن يولغا چىقىپ، 440مېتىر يول يۈرۈپ مەشئەل يەتكۈزۈش مۇساپىسىنى تاماملىغان. ۋاڭ لىخوڭ بۇ قېتىم مەشئەل يەتكۈزگۈچى بولغانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال بولغان.

ۋاڭ لىخوڭ 20نەپەر مەشئەل يەتكۈزگۈچىنىڭ ئىچىدە 15-بولۇپ مەشئەل يەتكۈزگۈچى بولغان بولۇپ، مانچېستېردا مەستانىلىرىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولغان. نۇرغۇن مەستانىلىرى ئۇ مەشئەل يەتكۈزۈۋاتقاندا ئۇنىڭ ئىمزا قويۇپ بېرىشىنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە سۈرەتكە چۈشۈشنى تەلەپ قىلغان.
ئۇ ماشىنىغا قايتىپ كەلگەندە مەستانىلىرى ماشىنىنى ئورىۋېلىپ، مېڭىش ۋاقتىنى بىر سائەت كېچىكتۈرگەن. ئاخىرىدا شۇ يەرلىك ساقچىلارنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن قۇتۇلۇپ چىققان. نەق مەيداندىكى چەتئەللىكلەر« بۇنداق ئەھۋال پەقەت جاستېن پەيدا بولغاندىلا يۈز بېرەتتى» دېيىشكەن.
[ئاپتورى : مەنبەسى : ۋاقتى : 2012-6-25 16:53:53 كۆرۈلۈشى : 853 قېتىم] |
|