شاڭخەي خەلقئارالىق كىنو بايرىمىدا ئىران فىلىمى مۇكاپاتلاندى |

6-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئىراننىڭ « ئېيىق» ناملىق فىلىمنىڭ رېژىسسورى كېسىلو.مەسۇم ئەڭ ياخشى كىنو مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلماقتا.
شۇ كۈنى، 15-قېتىملىق شاڭخەي خەلقئارالىق كىنو بايرىمى «ئالتۇن مۇكاپات»تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى شاڭخەي تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئىراننىڭ «ئېيىق»ناملىق فىلىمى ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. جۇڭگونىڭ «پەۋقۇلئاددە سىرلىق تەكشۈرۈش»ناملىق فىلىمنىڭ رېژىسسورى گاۋ چۈنشۇ ئەڭ ياخشى رېژىسسور مۇكاپاتىغا نائىل بولدى. ئەڭ ياخشى ئايال ئارتىس ۋە ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا رۇسىيە ۋە مېكسىكا ئارتىسلىرى ئېرىشتى.بۇ قېتىملىق كىنو بايرىمىدا جەمئىي 106 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 1643فىلىم ئىچىدە 17 فىلىم ئالتۇن مۇكاپات تالىشىشى باسقۇچىغا كىرگەن.

رۇسىيىنىڭ «قوماندانلىق قىلغۇچى»ناملىق فىلىمىدىكى باش پېرسوناژ ۋالدېمىر.فېرناندېز ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

مېكسىكا «قايغۇ-ھەسرەتنىڭ چۈشكە ئايلىنىشى»فىلىمىدىكى باش پېرسوناژ ئۇرسۇلا.پۇلۇنېيدا ئەڭ ياخشى ئايال ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى لى بىڭبىڭ جۇڭگونىڭ«پەۋقۇلئاددە سىرلىق تەكشۈرۈش»ناملىق فىلىمنىڭ رېژىسسورى گاۋ چۈنشۇغا ئەڭ ياخشى رېژىسسور مۇكاپاتىنى تارقاتتى.

[ئاپتورى : مەنبەسى : ۋاقتى : 2012-6-25 16:49:35 كۆرۈلۈشى : 700 قېتىم] |
|