شياڭگاڭلىق داڭلىق كىنو چولپىنى چېڭلوڭنىڭ شىنلاڭ مىكرو بىلوگىغا مۇشۇ ئاينىڭ 21-كۈنى يوللىغان ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ئۇ شۇ كۈنى كەنېس (Cannes) تە بولۇپ، ئۆزى باش رول ئالغان «12 مۆچەل» ناملىق كىنو توغرىسىدا توختىلىپ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېگەن:« ‹12 مۆچەل› ناملىق كىنو مەن رول ئالغان ئەڭ ئاخىرقى ھەرىكەتلىك كىنو بولۇپ قالىدۇ. تۈنۈگۈن مەن ئويغىنىپلا، ناھايىتى چۆچۈپ كەتتىم. چۈنكى مەن ئۆزۈمنىڭ خەۋەردىن ئەمدى ئۆزۈمنىڭ دەم ئالماقچى ئىكەنلىكىمنى، ئەمدى ھەرىكەتلىك كىنولاردا رول ئالمايدىغانلىقىمنى كۆرگەنىدىم. مەن بۇ يەرگە شۇنى سىلەرگە دېگۈم كېلىۋاتىدۇ:« مەن دەم ئېلىشقا چىقمايمەن. بۇ ھەرگىزمۇ ھەرىكەتلىك كىنولاردا رول ئالمايمەن، دېگىنىم ئەمەس، مەن بەك خەتەرلىك ھەرىكەتلىك كىنولاردا ئەمدى رول ئالمايمەن، ئۆزۈمنى كۆپرەك ئاسرىمىسام بولمايدۇ، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ مەنىلىك ئىشلارنى قىلىپ، سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى كىنولارنى ئىشلەيمەن».چېڭلۇڭ ھەقىقەتەنمۇ دۇنياغا تونۇلغان، ئىسمى-جىسمىغا لايىق كىنو چولپانلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاجايىپ يۇمۇرىستىك خاراكتېرى ۋە خەتىرى يۇقىرى روللارنى ئەپچىللىك بىلەن ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنداپ دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان كىنو مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، دۇنيا كىنوچىلىق مۇنبىرىدە ئۆچمەس ئابىدە تىكلىگەن. 1954-يىلى تۇغۇلغان چېڭلوڭ يەنە ئىككى يىلدىن كېيىن 60 ياشقا كىرىدۇ. ئۇ بۇ قېتىم كەنېستە ئۆزىنىڭ ئەمدى خەتىرى يۇقىرى بولغان روللارنى ئالمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشتا دەل ياشىنىپ قالغانلىقى ۋە بۇ خىل روللارنى ئېلىشقا بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ يار بەرمەيدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتقان بولۇشى مۇمكىن. بىر قېتىملىق تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا رىياسەتچى ئۇنىڭ كىنو ئىشلەپ جەريانىدا نۇرغۇن قېتىم يارىلانغانلىقىنى تىلغا ئالغاندا ئۇ «شۇنداق، كىنو ئىشلەش جەريانىدا نۇرغۇن قېتىم يارىلاندىم» دېگەن ۋە بېشىدىكى تارتۇقنى كۆرسەتكەن. تۆۋەندە ئولتۇرغان تاماشىبىنلار بۇنى كۆرۈپ، كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالغان.ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ نەتىجىلىرى بىلەن كىنوچىلىق ساھەسىدىكى نۇرغۇنلىغان مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن، 1988-يىلى «خەلقئارا ياش سودىگەرلەر جەمئىيىتى تەشكىلاتى» تەرىپىدىن«دۇنيادىكى 10 چوڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ياش» نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ كەم-كەمدىن تېپىلىدىغان تالانت ئىگىسى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ماھارىتى بىلەن جۇڭگو كىنوچىلىقىنىڭ سەۋىيىسىنى بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈردى. بىز ئۇنىڭ بۇندىن كېيىن، سالامەتلىكى ۋە بەدەن قۇۋۋىتى يار بەرگەن ئاساستا تېخىمۇ ئېسىل كىنولارنى تەقدىم ئېتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.چىڭلۇڭنىڭ شىنلاڭ بلوگى: http://blog.sina.com.cn/jackiechanشىنلاڭ مىكرو بلوگى: http://weibo.com/jackiechanچېڭلۇڭنىڭ بىر قسىىم رەسىملىرى:
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى (2010 - 5 - 17) , خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn , ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928 , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 , 新ICP备10201682号