• ئانىنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئوغلىغا قىلغان ئاخىرقى سۆزى

    Mar 18, 2009


    ئانىنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئوغلىغا قىلغان ئاخىرقى سۆزى
    بىر جىنايەتچىگە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىدىغان بولغاچقا، ئىجرا قىلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، رەھبەرلىك بىر قانچەيلەننى جىنايەتچىنى ئايرىپ كۆزىتىشكە ئورۇنلاشتۇردى. جىنايەتچى كۆزىتىش كامىرىغا ئېلىپ چېقىلغاندىن كېيىن كۆرۈشۈشكە ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى كىردى. مەن ئاتىغا قارىدىم، ئاتىنىڭ كۆزىدىن ياش تۆكۈلەتتى... ئانىغا قارىدىم، ئانىنىڭ چىرايىدا نە قايغۇرۇش، نە ئېچىنىش ئالامەتلىرى يوق ئىدى. مەن بۇ ئانىنىڭ باغرى تاشمىدۇ ياكى بالىغا ئۆگەيمىدۇ؟ دەپ ئويلاپ قالدىم. ئانا بالىنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ ئولتۇردى ھەم ئانىلىق مېھرى بىلەن :
    -بالام پۇشايمان قىلىۋاتامسەن؟ ئادەم دېگەن شۇنداق نەرسە، بەزىدە ھاياتى بىلەن ئوينىشىدۇ، ھاياتنى قەدىرلىمەيدۇ، پەقەت ھاياتىنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلگەندىلا، ھاياتلىقنىڭ نەقەدەر قىممەتلىكلىكىنى ھىس قىلىدۇ، ئۇ چاغدا ئاللىقاچان كىچىككەنلىكەن بولىدۇ. بىردەمدىن كېيىن بىز مەڭگۈلۈك ئايرىلىمىز، مەن سېنىڭ ياش تۇرۇپلا بۇ دۇنيادىن كېتىدىغانلىقىڭغا  ئېچىنىمەن. سەن قەتلى قىلغان كىشىمۇ ياش ئىدى. شۇ چاغدا ئۇنىڭغىمۇ ئېچىنغان ئىدىم، بىلەمسەن؟ شۇ قىلمىشىڭ ئۈچۈن ھازىرغىچە ساڭا نەپرەتلىنىمەن. سەن بىزنىڭ ئەجرىمىزنى ، مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى دەپسەندە قىلىپلا قالماستىن، ئاشۇ بىگۇناھنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ئەجرى، مېھىر-مۇھەببتىنىمۇ دەپسەندە قىلدىڭ. شۇڭا جازالىنىشىڭ ھەقلىق، مەن سېنى تۇغدۇم ، ئىللىق مېھرىم، ئاپپاق سۈتۈمدە بېقىپ چوڭ قىلدىم، لېكىن سەن....
    بولدى يىغلىما! ياشاش ئارزۇيىڭ بولسىمۇ، ئەمدى ياشىيالمايسەن، چۈنكى سەن ياشاش پۇرسىتىنى ئۆز قولۇڭ بىلەن ۋەيران قىلدىڭ، ئۆزۈڭنىڭ ئەرزىمەس مەنپەئىتىڭ ئۈچۈن  باشقىلارنىڭ ھاياتىغا قەست قىلدىڭ. بۇنداق جازالانغىنىڭ ئۈچۈن قانۇندىن ئاغرىنما، ئۆزۈڭگە نەپرەتلەن. چىن ئىخلاسىڭ بىلەن جازانى قوبۇل قىل. ساڭا بۇنىڭدىن باشقا يول يوق. بەلكىم<ئانا، ئاق سۈتۈڭنى ئاقلىيالمىدىم، ساڭا چىدىغۇسىز ئازاب ئېلىپ كەلدىم، مېنى كەچۈرەسەنمۇ؟ ھاياتىمنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا رازىلىق بېرەرسەنمۇ؟>دېيىشىڭ مۇمكىن، سەن پاك، سەبىي ۋاقتىڭدا مېنى ئەمدىڭ، ئاپپاق سۈتۈم پاك تېنىڭگە سىڭگەن، شۇڭا بەرگەن سۈتۈمگە رازى. بىراق جىنايىتىڭنى قانۇن كەچۈرمىگەندەك، مەنمۇ كەچۈرەلمەيمەن. سەن قەلبىمىزدە ئۆچمەس داغ قالدۇردۇڭ، داداڭ ئىككىمىزنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى يەر بىلەن يەكسەن قىلدىڭ... بىز خوشلىشايلى، كۆزۈمگە قارا، كۆز دىگەن قەلبنىڭ ئەينىكىئى، قانغۇچە قارىۋال....-دېدى.
    مەن نۇرغۇن ئانىلارنى كۆرگەن، ئەمما بۇنداق مەردانە، قەيسەر، سالماق، ھاياتلىقتىكى ئەڭ ئېغىر، ئەڭ قورقۇنۇچلۇق مىنۇنتلاردىمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالايدىغان، بىھۇدە ئازابلانمايدىغان ئانىنى تۇنجى كۆرۈشۈم ئېدى. پەرزەنتىگە كۆيمەيدىغان ئانا يوق. بۇ ئانىمۇ شۇنداق، شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئىچ-باغرىنىڭ قانچىلىك كۆيۈۋاتقانلىقىنى شۇ ئانا ئۆزى بىلىدۇ. ئەلۋەتتە.
    شەپقەت بىلوگى (ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ)
    قانۇنچىلىق گىزىتىدىن ئېلىندى