• ۋەتەننى كۆپ كۈيلىگەن بىر شائىرغا

    Mar 31, 2009


    ئا.جالالىدىن:ۋەتەن ۋە ئىمان

    -ۋەتەننى كۆپ كۈيلىگەن بىر شائىرغا

    ۋەتەن دەپ توۋلىدىڭ ئىمانىڭ قېنى؟
    قەلەملەر تەۋرەتتىڭ ، ۋىجدانىڭ قېنى؟
    تاڭلارنىڭ ئىشقىدا گۈلخانمەن دېدىڭ،
    كۆڭلۈك ئاسمىنىدا چولپانىڭ قېنى؟
    قەلەمنى مەشئەل دەپ مۈدۈرۈپ ئۆتتۈڭ،
    ئۆپكەڭمۇ يوغىناپ ،يۆتىلىپ ئۆتتۈڭ.

    ۋەتەنگە ئىخلاستا باقساڭ ئېڭىشىپ ،
    قەۋمىڭ يىلتىزى ياتار چىرمىشىپ
    چاقنايدۇ مازاردا فوسفور يالقۇنى
    كۆكتىكى يۇلتۇزلار بىلەن سىردىشىپ.
    بۇ يەردە بۇغرا ھەم ئوغۇز ياتىدۇ،
    قوقاسقا ئايلانغان يۇلتۇز ياتىدۇ.

    سەپ تۈزۈپ ھەررەڭدە پەسىللەر ئۆتتى
    «ۋەتەن » دەپ باھادىر نەسىللەر ئۆتتى.
    ئەۋلاتقا پەقەتلا ۋەتەن قالىدۇ
    باشلاردىن نى ئەقىل
                      نەقىللەر ئۆتتى...
    ۋەتەن چۆچەك ئەمەس ، سەجدىگاھىڭدۇر،
    ۋەيا ئەرمەك ئەمەس ، باشپاناھىڭدۇر.

    «ۋەتەن -جانان »دېدىڭ ،جانان تېپىلار،
    ۋەتىنىڭ بولسىلا ھامان تېپىلار.
    غۇربەتتە تېنىگەن ساياقلارغىمۇ،
    شاھانە قەسىر ھەم ئايۋان تېپىلار.
    بەزىدە ۋەتەنسىز سۇلتان بولىدۇ،
    ئۆزىنىڭ گۆشىگە ئوتۇن بولىدۇ.

    ۋەتەن ئەسقاتىدۇ ئۆلگەنلەرگىمۇ،
    نەپسىنىڭ ئوتىدا كۆيگەنلەرگىمۇ.
    ھەتتا، ئوسمىسىنى سېتىپ خوتۇنىنىڭ،
    بىر ئۆمۈر تاماشا كۆرگەنلەرگىمۇ.
    لېكىن ھاقارەتتە قالدى قەبرىسى
    تالاي ئاھانەتتە قالدى نەۋرىسى.

    ۋەتەن ئىمان بىلەن بىر تەن ئەمەسمۇ؟
    ۋەتەن ئىمانسىزغا ماتەم ئەمەسمۇ؟

    1999-يىلى ،ئۈرۈمچى

     

     





    评论

  • بۇ شېئىرنى يوللاپ قويغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت!
    داۋاملىق قوللىشايلى....

    http://moyunqur.blogbus.com