• يان تىلىفوننى رىمونت قىلىشنىڭ ئادەتتىكى تەرتىپى---------رىمونت قىلىش جەريانى

    Jul 8, 2010


    يان تىلىفوننى رىمونت قىلىشنىڭ ئادەتتىكى تەرتىپى---------رىمونت قىلىش جەريانى
    1.يان تىلىفوننىڭ سىرتقى قىپىنى توغرا ئىچىش
    بۇ رېمونت قىلىندىغان يان تىلىفوننىڭ سىرتقى قېپىنى قارىغۇلارچە قالايمىقان ئاچماسلىق، ئۇنى تەپسىلىي كۈزەتكەندىن كىيىن ئېھتىيات بىلەن ئېچىش ۋە چىقىرىپ ئىلىنغان ھەرخىل زاپچاسلارنىڭ يوقىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇلارنى مەخسۇس قۇتىغا سېلىش، خالىغانچە تاشلاپ قويماسلىقنى كۆرسىتىدۇ.
    2.يان تىلىفوننىڭ تىزىملىكىنى توغرا باشقۇرۇش   功能菜单
    بۇ رېمونتچى چوقۇم يان تېلىفون قوڭغۇراق ئاۋازىنىڭ تۈرى، چوڭ-كىچىكلىكى ۋە تۇرۇپكىدىن چىققان ئاۋاز مىقدارىنى قانداق تەڭشەشنى؛ قانداق قىلغاندا سىرتتىن بېرىلگەن تېلىفون ئاۋازىنى يان تىلىفوندىن چىقارماسلىقنى؛ ئېكران ئارقا كۆرۈنىشىنى يورۇتقۇچ چىراقنىڭ يورۇشى ۋە ئۆچۈشىنى قانداق كونترول قىلىشنى ؛ تېلىفون نومۇرىنى قانداق قىلىپ ساقلاپ قويۇشنى بىلىشى لازىملىقىنى كۆرسىتىدۇ.
    3.ئالدى بىلەن كاشىلىنىڭ ئاددىسى ئاندىن مۇرەككەپلىكى ئۈستىدە ئويلىنىش
    بۇ كاشىلىنى بىرتەرەپ قىلىشتا كاشىلىنى تان تىلىفون دېتاللىرىنىڭ ياخشى تېگىشمەسلىكى ياكى تىزىملىكنىڭ مۇۋاپىق بىكىتىلمەسلىكى قاتارلىق ئەڭ ئاددى سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان-چىقارمىغانلىقىنى ئالدىدا ئويلىنىش لازىملىقىنى كۆرسىتىدۇ.
    4.ئالدى بىلەن توك مەنبەسىدىكى مەسىلىلەر بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
    5.توك يولى تاختىسىدىكى دېتاللار ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىلىپ، ئاسان ساختا كەپشەرلىنىپ قېلىشى مۇمكىن بولغان دىتاللار موچىن بىلەن تەۋرىتىپ كۆرۈلۈپ ساختا كەپشەرلەنگەن-كەپشەرلەنمىگەنلىكى ئېنىقلىنىدۇ. دىتاللارنىڭ توك يولىدىن ئاجراپ كەتكەن-كەتمىگەنلىكى، كۆيگەن كۆيمىگەنلىكى كۆزدىن كەچۈرۈلىدۇ.
    6.مۇقىم بېسىملىق تۇراقلىق توك مەنبەسى يان تېلىفونغا ئۇلىنىدۇ.
    7.ئاسراش-رىمونت قىلىش باشلىنىدۇ.

     

     

    شەپقەت بىلوگى
    ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ