• يان تىلىفوننى رىمونت قىلىشنىڭ ئادەتتىكى تەرتىپى-------- كاشىلىنى تەكشۈرۈش

    Jul 8, 2010


    يان تىلىفوننى رىمونت قىلىشنىڭ ئادەتتىكى تەرتىپى-------- كاشىلىنى تەكشۈرۈش

    يان تىلىفون رىمونت قىلغاندا دوسلار ھەرگىزمۇ ئالدىراقسانلىق قىلماي، كاشىلىنى ياخشى تەكشۈرۈش كىرەك. بۇنىڭ ئاساسلىق جەريانى تۆۋەندىكىچە.
    1.سوراش
    خېرىداردىن كاشىلا پەيدا بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى،  يان تېلىفوننىڭ قانچە يىل ئىشلىتىلگەنلىكى، ئىلگىرى رېمونت قىلىنىش ئەھۋال قاتارلىقلارنى ئىگەللىشىمىز لازىم. چۈنكى بۇلار يان تېلىفوننى رېمونت قىلىشتا پايدىلىنىش ماتېرىيالى قىلىنىدۇ.
    2. كۆرۈش
    يان تىلىفوننىڭ سىرتقى قېپىنىڭ زەخمىلەنگەن ياكى زەخمىلەنمىگەنلىكى، كۆرسىتىش ئېكرانىنىڭ نورمال- نورمال ئەمەسلىكى، سىگنال ئەھۋاللىرى. ئاڭلاش ۋە سۆز يەتكۈزگۈچنىڭ نورمال ياكى نورمال ئەمەسلىكى، يان تىلىفونغا سۇ كىرىپ كەتكەن-كەتمىگەنلىكى قاتارلىق ئەھۋاللار تەكشۈرىلىدۇ. بۇ ھەم كاشىلا ئورنىغا ھۆكۈم قىلىشنىڭ يىپ ئۇچى ۋە كىيىنكى خىرىدار بىلەن بولغان ئىختىلاپنىڭ ئالدىنى ئىلىشى دىيىشكىمۇ بولىدۇ.
    3.ئاڭلاش
    يان تېلىفوندىن ئاڭلىنىۋاتقان ئاۋازنىڭ سۈپىتى، ئاۋاز مىقدارى ۋە سۆزگە شاۋقۇن ئارىلاشقان- ئارىلاشمىقانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن بەزى كاشىلار دائىرىسىگە ھۆكۈم قىلىمىز.
    4.تۇتۇپ كۆرۈش
    تېلىفونغا توك ئۆتكۈزگەندىن كىيىن ئۇنىڭ دېتال ۋە زاپچاسلىرىنىڭ سىرتقى يۈزىنى قول بىلەن تۇتۇپ قىزىش بارمۇ-يوق. قايسى دىتاللار قىزىۋاتىدۇ شۇنى ئىنىقلايمىز.  ئادەتتە قىزىغان دىتال بۇزۇلغان بولىدۇ.
    5.تەھلىل قىلىش
    كۈزىتىش ئارقىلىق ئىگەللىگەن ئەھۋال، ئىلگىرى ئۆگەنگەن بىلىم ۋە توپلانغان تەجرىبىلەرگە يان تېلىفون توك يولىنى ئۆلچەپ ئېرىشكەن بەزى سانلىق مەلۇماتلارنى قوشۇپ كاشىلا دائىرىسىنى بەلگىلەپ رېمونت قىلىش ئۇسۇلىنى بىكىتىمىز.

     

     

     

    شەپقەت بىلوگى
    ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ