-
يان تىلىفوننىڭ ئاددىي ئىشلەش پرىنسىپى
يان تېلېفوندا، تېلېگراف-ئېلىكتىر ماگنىت دولقۇنىنىڭ تارقىلىشىنى ۋاستە قىلغان سىمسىز خەۋەرلىشىش شەكلى قوللىنىپ خەۋەرلىشىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇنى ئىشلىتىش ۋاقىت ۋە ئورۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. يان تېلېفون ئەمەلىيەتتە بىر ئېلىكتىر-ماگنىت دولقۇن قوبۇللىغۇچ بىلەن ئېلىكتىر-ماگنىت دولقۇن تارقاتقۇچنىڭ بىرىكمىسىدىن ھاسىل بولغان مەھسۇلات. ئۇنىڭ توكى ئۇلانسا ئاپتوماتىك ھالدا يېقىن ئەتراپتىكى سىمسىز ئاساسىي پونكىتنى تاپىدۇ. ئاساسىي پونكىت يان تېلېفون سىگنالىنى كوممۇتاتۇرغا كىرگۈزۈپ، يان تېلېفوننىڭ مۇشۇ تۈردىكى ھوقۇقلۇق ئابونت ياكى ئەمەسلىكىنى ئېنىقلاپ جەزملەشتۈرگەندىن كىيىن، ئابونت تېلېفون بېرىشكە ۋە تېلېفون قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ. بۇ جەريان كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك بولغان ۋاقىت ئىچىدىلا ئورۇندىلىدۇ. بۇ چاغدا ئابونت چاقىرغان نومۇر سىگنالى ۋە باشقا ئۇچۇرلار سىمسىز ئاساسىي پونكىتنىڭ سىگنال يولى ئارقىلىق كوممۇتاتۇرغا يەتكۈزىلىدۇ. ئەگەر ئىزدىگىنى يان تېلېفون ئابونتى بولسا كوممۇتاتۇر بارلىق ئاساسىي پونكىتلار ئارقىلىق ئىزدەيدۇ ھەمدە قارشى تەرەپنىڭ يان تېلىفونىغا بۇ سىگنال كىرىدۇ، نەتىجىدە قارشى تەرەپ بىلەن تېلىفونلاشقىلى بولىدۇ. ئادەتتە سىگنال قوبۇل قىلالماسلىق، سۆز چۈشۈپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار ئۇلاش جەريانىدا سىگنال يولى بىسىق بولۇش، بوشلۇقتىكى تېلېگراف دولقۇنى كاشىلىغا ئۇچراش ۋە قاپلاش دائىرىسىدىن چىقىپ كېتىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كۆرۈلىدۇ.شەپقەت بىلوگى
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ历史上的今天: