-
ئىككىلەنمەڭ، يۈرەكلىك ياشاڭ
دۇنيادا ئوپمۇ ئوخشاش ئىككى كىشىنى تىپش مۇمكىن ئەمەس، بۇ مەنىدىن سىزمۇ، مەنمۇ، باشقىلارمۇ ئوخشاشلا تەڭداشسىز سېھرى كۈچكە ئىگە ئالاھىدە ئادەم. ئەپسۇسلىنارلىقى، كۆپىنچىلەر بۇ دۇنيادا ئۆزىنىڭ ئوخشىشى يوقلۇقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ، خاسلىقىنى نامايەن قىلالماي، ھاياتىنى بىزارلىق، نامراتلىق ئىلكىدە ئۆتكۈزىدۇ. ئۇلارنىڭ ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى بىلەن مەغلۇبىيەت يولى بالا-چاقىلىرىغا ئۇدۇم بولۇپ قالىدىغان يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلىدۇ.
نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىزدىكى ئارتۇقچىلىق ۋە ئاجىزلىقلارنى بايقاشقا كۆپرەك كۈچ چىقىرىشنى خالىمايمىز؟ بۇ ئۇزاق مەزگىل داۋاملىشىپ كەلگەن ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىمىزنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇپ كېتەلمىگەنلىكىمىز بىلەنمۇ، ئۆزىمىزنى ئېتىراپ قىلىش روھىمىزنىڭ كەملىكى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.
پەلسەپە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ھاياتلىق بىلەن دۇنيا ئاللىقاچان پاكىتقا ئايلانغان چىنلىقتۇر. بىز ئۇنىڭ قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلساق، ئۆزىمىز ئۇنىڭ جازاسىغا ئۇچرايمىز. ئوخشاشلا ھاياتلىق گەۋدىسى سۈپىتىدە ياشاۋاتقان ئادەملىكىمىز بىلەن ئۆزىمىزنى بايقاش، ئېتىراپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىساق، توخۇ يۈرەك، چاكىنىلار قاتارىغا ئۆتۈپ قالىمىز. ئەلۋەتتە بۇ دۇنياغا ئادەم سۈپىتىدە ياشاش ھوقۇقى بىلەن كۆز ئاچقان ئىكەنمىز، كەلكۈن مەزگىلىدە دەريادا ئاققان چاۋالاردىن پەرقىمىز بولۇشى كېرەك. بېلىشىمىز كىرەككى، دۇنيادا رولىمىزنى ھېچكىم ئۆزىمىزدەك قاملاشتۇرۇپ ئالالمايدۇ. ناۋادا ماھىر ئارتىس رول ئالدى دىگەندىمۇ، ئۇنىڭ باشتىن-ئاخىرى ئەمەل قىلىدىغىنى تەقلىدچېلىكتىن ئىبارەت بولىدۇ. خالاس، بىزدە ھىچقانداق ئەۋزەللىك، ئارتۇقچىلىق يوقمۇ؟ ئۇندا بولۇشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. كۆپلىرىمىز ئەۋزەللىك، ئارتۇقچىلىقلارنى ۋاقتىدا بايقاپ، قىممىتى بار-يوقلۇقىنى دەڭسەپ كۆرمىگەننىڭلا دەردىنى تارتىمىز، خالاس.
قاراڭ، ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشچە، دۇنياۋى كىنو فىلىم ئارتىسى چېڭ لوڭ زىيادە شوخ بولغاچقا، مەكتەپتە ياخشى ئوقۇيالمىغان، كېيىن ئاتىسى ئۇنى جانبازلىققا تەربىيلىنىشكە بەرگەن، ئۇنىڭ شوخ، قىزىققان، جېدەلخور خاراكتېرى بۇ جايدا تازا ئۈنۈم بېرىپ، جانبازلىقتىكى يۇقىرى ماھارەتلەرنى تېزلا پۇختا ئىگىلەپ تونۇلغان. بىر فىلىم ئىشلىگۈچىنىڭ ئۇنىڭغا كۆزى چۈشكەن ۋە 1 مىليون يۈەنلىك پۇل چېكىنى بېرىپ، ئۇنى ئۆزى ئىشلىمەكچى بولغان فىلىمدە رول ئېلىشقا تەكلىپ قىلغان . شۇنىڭ بىلەن بۇ <يارىماس> يىگىت دۇنياۋى چولپانغا ئايلىنىش يولىغا قەدەم باسقان...شۇنداق، ئەتراپىمىزدىكى ھەر بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىنى تەتقىق قىلساق، شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ ئۆز ئارتۇقچىلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغاندىن باشقا ئالاھىدە خىسلەتكە ئىگە ئەمەسلىكىنى بايقايمىز. مۇشۇ مەنىدىن، شۇغۇللىنىۋاتقان باشقا ئىش-ھەرىكەت، كەسپىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى دەلىللەپ باقساقلا، خىزمەت ۋە تۇرمۇش بسىمىنىڭ قۇل قىلىشىدىن قۇتۇلالايمىز. دېمەك، ئۆز ئەۋزەللىكىمىز، ئارتۇقچىلىقىمىزنى بايقاشقا ماھىر بولۇپ، ئىككىلەنمەي يۈرەكلىك، ئۈمىدۋار ياشىساقلا، قىيىن ئۆتكەللەرنى ھىمىرىپ، ئۇتۇق بوسۇغىلىرىدىن ئاتلىيالايمىز. ھاياتتا ئادەم خاتالىق، مەغلۇبىيەتتىن مۇستەسنا بولالمايدۇ. شۇڭا ئادەم ئۆز خايىشى بويىچە بىرەر ئىش قىلىشتا خاتا قىلىپ قويارمەنمۇ، مەغلۇب بولارمەنمۇ، ياپسام پىشارمۇ، كۆمسەم پىشارمۇ؟ دەپ ئىككىلەنمەسلىكى، بەلگىلىك چەكتە تەۋەككۇلچىلىك روھىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. ئادەتتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلغۇچىلارنىڭ ھېچقايسىسى غەلبىنى ئالدىن كۆرەلمەيدۇ، بەلكى ئۈمىد، جەڭ تاكتىكىسى ۋە شۇنىڭغا ماس قوشۇنغا تايىنىپ غەلبە قىلىدۇ. بۇ مەنتىقىنى خۇسۇسىي تۇرمۇشقا تەتبىقلىساق، ئادەم بەدەل تۆلىمەي، كۈچ- قۇۋۋەت، بايلىقنى سەرپ قىلماي ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيدۇ.
مەيلى قانداقلا بولسۇن، كىشىلىك تۇرمۇشتا قاقشاپ، زارلىنىپ ياشىغاندىن كۈلۈپ ياشىغان مىڭ ئەلا. مۇھىت خۇددى بىر پارچە سىنئەينەككە ئوخشايدۇ، ئۇ دائىم ئوبرازىمىزنى كۆرسىتىپ كۈلسەك كۈلكە بىلەن، غەزەبلەنسەك غەزەب بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ. بۇنىڭ مىسالىدا ئەتراپىمىزدىكى ئادەملەرمۇ شۇنداق، ناۋادا پوزىتسىيىمىزنى ئۆزگەرتىپ، دۈشمەنلىرىمىزگە خۇش چىراي ئاچساق، ئۇلارمۇ بارا-بارا بىزگە خۇش چىراي باقىدىغان بولىدۇ. دېمەك، ھاياتتا ھەربىر قىلمىشىمىزغا لايىق جاۋابقا ئېرىشىمىز. ھاياتتا بىرەر ئىشنى ھۇجۇتقا چېقارماقچى بولغان كىشىنىڭ قاتمۇ قات پېشكەللىككە دۇچ كېلىشى تۇرغانلا گەپ. بۇ قورقۇنچلۇچ ئەمەس، قورقۇنچلۇقى شۇ كىشىنىڭ شۇ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتا ئاخىرىغىچە ئەقىدە، ئىشەنچ، قەتئىي ئىرادە بىلەن بەرداشلىق بېرىش-بېرەلمەسلىكى، ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇش-قىلدۇرالماسلىقىدا، شۇنداق ئىكەن، دىتىڭىز يەتكەن ھەرقانداق ئىشتا ئىككىلەنمەڭ، يۈرەكلىك ياشاڭ!
شەپقەت بىلوگى
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ، رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرمەڭ.
评论
بىز بىلوگلىرىمىزنى ئۆز ئارا ئۇلىنىش قىلىۋالساق قانداق دەيسىز؟ مېنىڭ بىلوگ ئادرېسىم:
http://yolbash.blogbus.com/[defFace:0]