-
يۈگۈرۈش-ھاياتلىقنىڭ ساغلاملىق سەپىرى
كىشىلەر دائىم قانداق ئۇسۇلدا چىنىقىش ئەڭ ياخشى چېنىقىش بولىدىغاندۇ، دەپ ئويلايدۇ. ئېنىقكى زېرىكمەي يۈگۈرۈش-ئىنسانلارنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ياخشى چېنىقىش ئۇسۇلىدۇر. نۇرغۇن كىشىلەر مېڭىشنى ئەڭ ياخشى چېنىقىش ئۇسۇلى، دەپ قارايدۇ. چۈنكى مېڭىش بىخەتەر، قولايلىق، شارائىتنىڭ چەكلىمىسگە ئۇچرىمايدۇ. نۆۋەتتە مودا بولىۋاتقان سالماق قەدەمدە مېڭىش شوئارىنىڭ ئەمەلىيلىشى كىشىلەرنى چېنىقىشقا ھەرىكەتلەندۈرۈشتىكى ياخشى ئىش، ئەمما بۇنىڭمۇ تولۇقلىمىسا بولمايدىغان تەرەپلىرىمۇ بار. ئەڭ مۇۋاپىق بولغان ساغلاملىق ھەرىكەت تۈرىنى تاللاشتا مەلۇم دەرىجىدە ھەربىر دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ پىسخىكىلىق ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈش كىرەك. مەسىلەن: يۈگۈرۈش بىلەن مېڭىشنى سىلىشتۇرغاندا، يۈگۈرۈش ئادەمنى پىسخىكا جەھەتتىن ياشارتىدۇ، يەنە يۈگۈرۈشنىڭ مېڭىشقا قارىغاندا بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇش ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
ئادەم بۇ دۇنياغا كېلىپ-كەتكىچە: تۇغۇلۇش-يېتىلىش-ئۆمۈلەش-يۈگۈرۈش-يېتىش-ئۆلۈشتەك ھالەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ، بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى، يۈگۈرۈش كىشىلىك ھاياتتىكى يۇقىرى پەللە. يۈگۈرۈش-كىشىلىك ھاياتنى ئەڭ جانلاندۇرىدىغان، ياشلىقنى نامايەن قىلىدىغان ئالتۇن ۋاقىتتۇر، يۈگۈرۈش ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى ئادەمنىڭ چېنىقىش ۋە ساغلاملىق ئالتۇن دەۋرىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئادەتتە بالا تۇغۇلۇپ تۆت-بەش ياشتا يۈگۈرۈشنى ئۆگىنىدۇ. بەزىلەر 70-80ياشقىچە يۈگۈرىدۇ، بەدەننىڭ ئالتۇن دەۋرى شۇنچە ئۇزۇن داۋاملىشىدۇ. بەزىلەر بولسا 30-40ياشقىچە بارمايلا يۈگۈرەلمەيدۇ ياكى يۈگۈرۈشكە جۈرئەت قىلمايدۇ ۋە ياكى ھورۇنلىق قىلىپ يۈگۈرمەيدۇ. دېمەك، بۇنداق كىشىنىڭ ئالتۇن دەۋرى پەقەتلا 30 يىللا بولىدۇ. ئادەمنىڭ ھايات كەچۈرۈش ھالىتىنى تۇرمۇش سۈپىتى، كىشىلىك ھايات قىممىتىنى شۇ كىشىنىڭ يۈگۈرگەن-يۈگۈرمىگنلىكى، يۈگۈرۈشكە جۈرئەت قىلغان-قىلمىغانلىقى، يۈگۈرۈشنى بىلگەن-بىلمىگەنلىكى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر بەلگىلەيدۇ. بەزىلەرنىڭ ياشلىق دەۋرى ئۇزۇنغىچە داۋاملاشسا، بەزىلەرنىڭ قىسقا بولۇپ قالىدۇ، ياشلىقنىڭ قىسقا بولۇپ قىلىشىغا ئەمەلىيەتتە يۈگۈرۈش سەۋەب بولىدۇ.
يۈگۈرۈش- يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارىنى مەشىقلەندۈرۈپلا قالماستىن بەلكى مۇسكۇل كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، ئۇزۇن مۇددەت ئاستا يۈگۈرۈپ بەرسە ئارتۇقچە بولغان ئېنىرگىيىنى خورىتىپ، مايلارنى چىقىرىش، ساغلام گۈزەل بەدەنگە ئىگە قىلىدۇ، تەتقىقاتلاردىن شۇنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى، يۈگۈرۈش بىلەن مىڭىشنى سېلىشتۇرغاندا، يۈگۈرگەندە مۇسكۇللار توپىنىڭ ھەرىكەتكە قاتنىشىشى كۆپ، سوزۇلۇش دائىرىسى كەڭ بولىد: يۈگۈرۈش -قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ، بولۇپمۇ كۆكرەك قىسمىدىكى مىكرو ئايلىنىشنى ياخشىلاشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ؛ يۈگۈرۈش ئادەمنى ساغلام، گۈزەل قىلىدۇ، چۈنكى يۈگۈرگەندە بەدەننى ئاكتىپ ئالغا ئىنتىلدۈرىدۇ.
ئەڭ ئاستا يۈگۈرۈشمۇ ئادەم بەدىنىنى مەركەزگە تەڭشەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ، يۈگۈرۈش ئەرلەر ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق.
يۈگۈرۈش بىرخىل مەدەنىيەت، غەربتىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە يۈگۈرۈش بىرخىل مەدەنىي ئادەت، ئۇ ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ چوڭقۇر سىڭىپ كىرمەكتە، يۈگۈرۈشتە ئىلمىي يىتەكچى بولۇش، يۈگۈرگەندە چوقۇم توغرا يۈگۈرۈش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش لازىم.>شىنجاڭ تەنتەربىيىسى< دىن ئېلىندى
شەپقەت بىلوگى
历史上的今天:
يانفونغا خۇمار بولۇش كېسەللىكى Mar 18, 2009يانفون قىسقا ئۇچۇر ئالدامچىلىقىدىن ھەزەر ئەيلەڭ Mar 18, 2009