• يانفون بېزەك ئاسقۇلىرىنىڭ نۇر چاقناش پىرىنسىپى

    Jun 22, 2010


    يانفون بېزەك ئاسقۇلىرىنىڭ نۇر چاقناش پىرىنسىپى
    يوللىغۇچى سەبورى    ||مۇنبەردە كۆرۈش||

    نېمە ئۈچۈن جوڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش GSM يانفونلىرىنىڭ بېزەكلىرى جوڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش CDMA يانفونلىرىدا نۇر چاقناتمايدۇ؟ بۇنى CDMA ۋە GSM يانفونلىرىنىڭ خىزمەت پىرىنسىپىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ، GSM يانفونى ئاۋاز ئۇچۇرىنى پىرىسلىغاندىن كېيىن تارقىتىدۇ، يەنى ئارىلىق ئىمپۇلىسى خىزمەت قىلىدۇ، خىزمەت قىلغاندا تارقىتىش قۇۋۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق ئاۋازنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ، باشقا ۋاقىتلاردا تارقىتىش ئېلىپ بارمايدۇ. بىراق CDMA يانفونلىرى بولسا ئاساسلىق نىشانلىق ئانتىنا سېستىمىسى ئىشلەتكەن بولۇپ، ئاساسىي ئاپپارات يانفوننىڭ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى بايقىسا، دەرھال نىشان سېستىمىسىنى يانفون يۆنىلىشىگە قارىتىپ قوزغىتىدۇ شۇنداقلا يانفوننىڭ ئەڭ ئىقتىسادچىل بولىدىغان تارقىتىش قۇۋۋىتىنى ھېسابلاپ چىقىپ، يانفوننىڭ تارقىتىش قۇۋۋىتىنى بىر ئاز تۆۋەن سەۋىيەدە ساقلايدۇ، دىمەك CDMA يانفونلىرىنىڭ سېستىمىسى ئاساسىي ئاپپاراتنىڭ نىشان سېستىمىسىدىكى ئالاھىيدىلىكتىن تولۇق پايدىلىنىش ئارقىلىق يانفوننىڭ ئەڭ تۆۋەن قۇۋۋەت ھالىتىدە خىزمەت قىلىش مەقسىتىگە يەتكەن (بۇ كۆپچلىككە مەلۇملۇق بولغىنىدەك، CDMA يانفون باتارىيەلىرىنىڭ سېغىمىنىڭ GSM يانفونلىرىنىڭ سېغىمىغا قارىغاندا كىچىك بولسىمۇ يەنىلا ئۇزاق ۋاقىت ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى). بۇنداق بولغاندا CDMA يانفونلىرى ئىزچىل ئۇچۇر تارقىتىش ھالىتىدە خىزمەت قىلىدۇ، GSM يانفونلىرى بولسا ئىمپۇلىسلىق خىزمەت شارائىتىدا تۇرۇپ خىزمەتكە كىرگەندە يۇقىرى قۇۋۋەت بىلەن سېگنال تارقىتىدۇ.

    شۇڭلاشقا بازارلاردىكى كۆپ قىسىم يانفون ئاسقۇلىرى GSM يانفونلىرىنىڭ ئىمپۇلىسلىق خىزمەت پىرىنسىپىغا ئاساسەن ياسالغان. شۇڭلاشقا بۇ ئاسقۇلار CDMA يانفونلىرىدا خىزمەت قىلالمايدۇ.

    نۆۋەتتە بىر قىسىم شىركەتلەر CDMA يانفونىنىڭ سېستىمىسىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، CDMA يانفونلىرىغا ماس كېلىدىغان نۇر چاقناتقۇچ بېزەك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، CDMA يانفونىنىڭ خىزمەت قىلىشىغا تۇتىشىدىغان مەخسۇس IC (توپلاشتۇرۇلغان توك يولى) نى بازارغا سالغان.

    يۇقىرىقىغا ئاساسەن ئويلىنىپ كۆرۈڭ:
    يانفون چاپلانمىلىرىنىڭ نۇر چاقناش پىرىنسىپى قانداق بولىدۇ؟
    نېمە ئۈچۈن NOKIA ماركىلىق يانفونلارغا نۇر چاقنايدىغان چاپلانمىلار ئىشلىتىلسە باشقا يانفونلارغا قارىغاندا ئۈنۈمىي ئالاھىيدە ياخشى بولىدۇ؟

     

    يانفۇن نۇر چىقىرىدىغان بىزەكلىرى GSM دە ئىشلەيدىغانلىرى . ئادەتتە يانفۇن كۈتۈش ھالىتىدە تۇرغاندا چاقنىمايدۇ بىراق يانفۇن كىرگەن تىلىفۇن ، ئۇچۇر قاتارلىقلارنى قوبول قىلغاندا ياكى تىلفۇن ئۇرغان ، ئۇچۇر يوللىغان چاغدا يىقىن ئەتىراپتىكى ئۆزى تەۋە ئادىرىستىكى (بىرلەشمە ياكى كۆچمە ) خەۋەرلىشىش ئانتىناسى بىلەن كۈچلۈك رادىئاتسىيەلىشىدۇ . (ئەلۋەتتە بۇ خىل رادىئاتسىيە ئادەم بەدىنىگىمۇ زىيانلىق) مانا مۇشۇ كۈچلۈك رادىئاتسىيە يانفۇن ئەتىراپىدىكى ھەرقانداق نەرسىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ . بىزەك چاقنىغۇچقا كەلسەك ئادەتتە يانفۇن تارقىتىش-قوبۇللاش ئانتىنىسنىڭ ئەتىراپىغا رادىئاتسىيە ئەڭ كۆپ تارقىلىدىغان ئورنىغا ئورنىتىلىدۇ . بىزەك چاقنىغۇچقا توك مەنبەسى ئۈچۈن رادىئاتسيە سەزگۈچى ئىندۇكتىپ (سىم ئورام) بۇنىڭ رولى يانفۇن تارقىتىش-قوبۇللاش جەرياندىكى رادىئاتسىيەنى ئاجىز توك ئىقىمغا ئايلاندۇرىدۇ، يورۇقلۇق چىقىرىشقا ئىنتايىن ئاجىز توكتا ( تەخمىنەن 0.5ۋۇلىت، نەچچە مىكرو ئامپىر) رەڭلىك نۇر چىقىرىدىغان ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا ئىشلىتىلىدۇ . بۇنداق بولغاندا چاقنىغۇچقا ئايرىم توك مەنبەسى كەتمەيدۇ .ھەم يانفۇن نورمال تارقىتىش-قوبۇللاش ئىلىپ بارغاندا ئۆزلىگىدىن قوزغىلىپ چاقنايدۇ





    评论

  • تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش بەرگەنلىكىڭىزگە تەشەككۈر.