• بەس سىڭلىم!ئىسلامچە كېيىنىمەڭ

    Mar 15, 2009


    بەس سىڭلىم!ئىسلامچە كېيىنىمەڭ

     


    ئەي ئوماق سىڭلىم ياخشىمۇسىز ؟بەلكىم مەن بىلەن كۆزلىرىڭىزنى ياشلىغان ھالدا ئۇچرىشىپ قىلىشنى قەتئىي ئويلىمىغان بولىشىڭىز مۇمكىن ،ئەپسۇس بۈگۈن دەل شۇ ئويلىمىغان ئىش يۈز بەردى ،سىز بۈگۈن كۆز يېشىڭىزنى سۈرتكىنىڭىزچە كۆز ئالدىمىدىن غايىپ بولدىڭىز ،بۈگۈنكى سىز مەن ئۈچۈن ناتۇنۇش ئەمەسسىز (گەرچە مەن سىز ئۈچۈن ناتۇنۇش بولساممۇ )بۈگۈنكى سىز ياغلىقنى ئېڭىكىڭىزدىن چېگىۋالغان ،خوپ ياراشقان ئىسلامچە كېيىنىۋالغان بولسىڭىزمۇ مەن ئۈچۈن يەنىلا ناتۇنۇش ئەمەسىز ،...بىلەمسىز بۇنداق كېيىنىشىڭىز يولدىن ئۆتىۋاتقان ھەرقانداق بىر ۋىجدانلىق ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ دېققىتىنى تارتماي قالمايتتى ...ئەجبا سىزدەك <<شەرمى ھايالىق >>،<<پەرىشتە سۈپەت>>قىزنىڭ كۆڭلىگە كىممۇ ھاقارەت قىلغاندۇ؟!
    ئېسىڭىزدىمۇ ؟سىز ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىغا ئوقۇشقا كەلگەندە بەك سەبىي بىر قىز ئىدىڭىز (ئەمما سىز ئۇۋاقىتتا ئىسلامچە كېيىنمەيتتىڭىز) ئەتراپىڭىزدىكىلەرنىڭ ھەممىسى سىزگە ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن قارىشاتتى،چۈنكى سىز40نەپەر ساۋاقدىشىڭىزنىڭ ئىچىدە تىكەندەك بىرتال ئۇيغۇر ،يەنە كېلىپ بىرتال شىنجاڭلىق ئىدىڭىز ،ئىقتىسادىي شارائىتىڭىزمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى ،شۇنداق بولسىمۇ سىز تىرىشىپ ئۆگەندىڭىز ،مانا تۇنجى مەۋسۈملىۈك ئالىي مەكتەپ ھاياتىڭىز تۈگەي دېگەندە تۇرمۇش پۇلىنىڭ غېمى يۇرتنى ،ئاتا-ئانىنى سېغىنىش ھېسياتى سىزنى قىيناۋاتقاندا سىز ئۆزىڭىزنى نەقەدەر بىچارە،نەقەدەر يالغۇز ھېس قىلدىڭىز ھەم ئادىتىڭىز بويىچە يالغۇز جايغا بېرىپ راسا ئېسەدەپ يىغلىدىڭىز ،ئەتىسى سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزدا جىق ئۆزگىرىش بولدى ،ئەڭ مۇھىمى سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا بىر خەنزۇ يىگىت پەيدا بولدى ،سىز ئۇنىڭ بىلەن دوست بولۇپ ئۆتىتىڭىز ،ئۆگىنىشتە بىللە بولدىڭىز سىز ئۆزىڭىزنىڭ بىر ھەقىقىي ئۇيغۇر قىزىغا خاس غۇرۇرىڭىزنى ئۇنۇتماسلىققا تىرىشتىڭىز يۇ-،ئاخىرى ۋىجدانىڭىزغا خىلاپ ھالدا ئەشۇ باي خەنزۇ ساۋاقدىشىڭىز بىلەن يۈردىڭىز ،ئوچۇقىنى ئېيتقاندا مۇەببەتلەشتىڭىز ، شۇندىن باشلاپ سىز ۋە يات تائىپىدىن بولغان يىگتىڭىز <.<دىسكوخانە>><<قەھۋەخانە>><<قاۋاقخانە>>لەرنىڭ داۋاملىق مېھمىنىغا ئايلىنىشتىڭلار...سىزنىڭ سورۇنلىرىڭىز ۋە ئارلىشىدىغان كىشىلەرنىڭ خىلى ۋە سانى كۆپىيىشكە باشلىدى ...، بۇ جەرياندىكى نۇرغۇن ئىشلارنى سۆزلەپ ئولتۇرماي.. سىزنىڭ ئىدىيىڭىزمۇتلەق ئۆزگەردى مانا ئوقۇشىڭىزغا ئىككى يىل بولدى ،سىز شۇ تەرىقىدە يۈرىۋەردىڭىز ،...........................
    سىز ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىڭىزنى بۇ ناتونۇش خەنزۇ شەھىرىدە تېكەندەك يالغۇز ھېس قىلغان بولسىڭىز ،ئەمدىلىكتە سىزگە سىز توغرۇلۇق كەينىڭىزدىن بولۇنغان ھەرخىل گەپلەر ھەمراھ بولغىلى باشلىدى ،سىز شۇندىلا بۇمەكتەپنىڭ باشقا سىنىپلىرىدا ،بۇشەھەرنىڭ باشقا مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ بارلىقىنى ئەسكە ئالدىڭىز ..ئەپسۇس تولىمۇ كېچىكىپ ئەسكە ئالدىڭىز..،قىسقىسى سىز يىنىكلىك قىلدىڭىز ...ياق سىز بىر مىللەت قىزلىرىنىڭ يۈز ئابرويى بىلەن ئويناشتىڭىز،... ..سىز يەنە شۇ بۇرۇن يىغلىغان ئورنىڭىزغا بېرىپ يەنە بۇرۇنقى ئادىتىڭىزبويىچە قاتتىق يىغلىدىڭىز.......
    ئەتىسى سىز تۇرمۇشىڭىزتۈپتىن ئۆزگەرگەندەك قىلاتتى سىز بېشىڭىزغا ياغلىق ئارتىپ ئىسلامچە كېيىندىڭىز ..سىنىپىڭىزدىكى خەنزۇ ساۋاقداشلىرىڭىز سىزدىكى بۇ 180گرادۇسلۇق ئۆزگىرىشتىن بەكمۇ ھەيران قېلىشتى ،بۇ پەخىرانە ئىشتىن قىسقىسى مەنمۇ باشقا قېرىنداشلارمۇ بەك مەمنۇن بولدۇق سىز ھېلىقى خەنزۇ بايۋەتچى بىلەن باردى –كەلدىنى ئازايتقاندەك قىلدىڭىز ،....بۇ ئىشىنىڭ خۇلاسىسىمۇ ؟ياق بۇ جەريانى خالاس !سىز قەتئىي ئۆزگەرمىدىڭىز چۈنكى سىز كېچىگە مۇراجەت قىلدىڭىز سىز تاسقى قىياپەتتە تامامەن ئىككى ئادەمگە ئايلانغانىدىڭىز ،يەنى سىز كۈندۈزى تاشقى كۆرۈنۈشتە ئىسلامچە كېيىنگەن بىر <<پەرىشتە سۈپەت>>،مۇسۇلمان قىزغا ،كېچىسى زامانىۋى كېيىنگەن بىر خېنىمغا ئايلىنىپ بۇرۇنقى سەنەمگە دەسسىدىڭىز ..... ......بۇ جەرياندا سىز نۇرغۇنلىغان سەمىمىي نىيەت قىز يۇرتداشلىرىڭىزنىڭ نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالمىدىڭىز ....
    مانا بۈگۈن سىز بىر نەچچە غۇرۇرلۇق ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ نەسىھىتىنى ئىلىك ئالمىدىڭىز شۇ سەۋەپلىك ئۇلار سىزنى ھاقارەتلىك تىللار بىلەن تىللىدى ،ئاخىرى سىز ئاھانەتكە چىدىماي كۆزىڭىزگە ياش ئېلىپ ئۇلاردىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇپ كەتتىڭىز ..دەل ماڭا ئۇچراپ قالدىڭىز................
    سىڭلىم مېنىڭ سىزگەشۇنداق دېگۈم كېلىدۇ <<سىز ئۇ ياغلىق ۋە ئىسلامچە كېيىمنى باشقىلارنى ئالداش ئۈچۈن كەيگەن بولسىڭىز سىز خاتا ئويلاپسىز ،سىزئىسلامچە كېيىمنى كەيمەڭ !؟
    مېنىڭ يەنە جەمىئتىمىزدىكى ئىنتايىن ئاز سانلىق ئىسلامچە كېيىنگەن ۋەكېيىنمەكچى بولغان قىزلىرىمىزغاشۇنداق دېگۈم كېلىدۇ << سىز ئۇ ياغلىق ۋە ئىسلامچە كېيىمنى يېگىتلەرنىڭ دېققىتىنى تارتىشنى،گۈزەللىك ۋە سۆلەت
    قوغلىشىشنى مەقسەت قىلغان بولسىڭىز ،بولدى بەس ! سىزئىسلامچە كېيىمنى كەيمەڭ !؟ ،
    ئاپتورى:كەنجى ئەپەندى