ئەلەمدار: مۇۋەپپەقىيەت:ئۇزلۇكسسىز تىرىشقانلارغا ....مەغلۇبىيەت يەنىلا شۇ ھۇرۇنلارنىڭ دەسمايىسى. . |
-
2013-09-30
ئىسلام ئەخلاقى (5) - [ئىسلامى تىمىلار]
ئەخلاقنى ئۆلچەيدىغان ئومۇمى پىرىنسىپلار
گۈزەل ئەخلاق بىلەن يامان ئەخلاقنى ئۆلچەيدىغان ئومۇمى پىرىنسىپ ئۈچ بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:بىرىنجى پىرىنسىپ ........
-
2013-09-03
ئىسلام ئەخلاقى (4) - [ئىسلامى تىمىلار]
ئائىلىدىكى ئەھۋالىڭىز ئەخلاقىڭىزغا باھا بىرىدۇ
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ، «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئائىلىسىدىكىلەرگە ئەڭ ياخشى بولغانلاردۇ » دېگەن سۆزى ئىنسان ئەخلاقىنىڭ ھەقىقىتىنى ئۆلچەيدىغان ۋە ئوتت... -
2013-07-25
ئىسلام ئەخلاقى(3) - [ئىسلامى تىمىلار]
نەپىسنى پاكلاش ۋە ئۇنىڭ چارىلىرى
ئىچى گۈزەل بولمىغانلارنىڭ تاشقى گۈزەللىكى پايدىسىز
ئەمما ئىسلاھنى ئىنساننىڭ تاشقى كۈرىنىشىگىلا ( زاھىرى تەرىپىگىلا ) قاراتقاندا بۇ مەقسەت ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ئۇ ۋاقىتتا ( تېشى پارلاق، ئىچى بىكار ) نەرسە بۇلۇپ قالغان بۇلىدۇ . چۈنكى مۇنداق قىلىش تۈۋرۈكسىز ئۆي سالغانغا ئوخشايدۇ . ئاساسى مۇستەھكەم بولمىغان ھەر قانداق بىنا يېقىلىشقا مەھكۇمدۇر .ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنساننىڭ تاشقى كۈرنشى كۆپ ھاللاردا ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئىپادىلەپ بىرەلمەيدۇ . ........
-
2013-07-23
ئىسلام ئەخلاق (2) - [ئىسلامى تىمىلار]
ئىسلام ئەخلاقى 2- قىسىم
ئىنسانلار جەمئىيتى ھەمىشە گۈزەل ئەخلاقلارغا موھتاج
شەك قوبۇل قىلمايدىغان ھەقىقەتلەردىن بىرى شۇكى، دۇنيادا ئىنسانلار توپلىشىپ ياشايدىغان قانداقلا بىر جەمئىيەت بولمىسۇن، ئۇنىڭ ئەزالىرى گۈزەل ئەخلاققا باغلانماستىن، ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى چۈشىنىپ، بىر-بىرىگە يول قويۇپ ۋە بىر-بىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ بەخىتلىك ھالدا ھايات كەچۈرىشى ۋە راۋاج تېپىشى مۇمكىن ئەمەس !ئارىسىدا بىرلىك، ئىناقلىق، ئۆزئارا سۆيگۈ-مۇھەببە ت بولمىغان بىر مىللەت قانداقمۇ پارلاق كىلەچەك قۇرالىسۇن ؟
ئۆزىنىڭ ھەققىنى تەلەپ قىلىش يولىدا دۈشمەنلەرگە ۋە زالىملارغا قرشى شىجائەت قورقماس ئىرادە بولمىغان بىر مىللەت قانداقمۇ ئاسارەتتىن قۇتۇلالىسۇن ؟...............
-
2013-07-15
ھىدايەتنامە - [نادىر تىمىلار]
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
ئۆمۈر مەنزىلىدىن تىنماي ئىزدىدىم مەن ھەقىقەتنى،
تەپەككۇر بولدى بىر ھادى تېپىشتا چىن ھىدايەتنى،
تىلەپ ھەر سۆزگە باي مەنا يەنە جانلىق پاساھەتنى،
دىلىم ئىستەيىتتى ئىزھارگە ھەمىشە مەقبۇل پۇرسەتنى،
كېلىڭ ئەي دوستلىرىم ئەمدى خۇشال باشلايلى سۆھبەتنى.
...................... -
2013-07-06
سابىت داموللام كىم؟ - [نادىر تىمىلار]
سابىت داموللام كىم؟
ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام 1883 - ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪر ﺋﺎﺗﯘﺷﻨﯩﯔﺋﺎزاق ﻛﻪﻧﺘﯩﺪە ﺋﺎﺑﺪۇﻟﺒﺎﻗﻰ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺳﻮدﯨﮕﻪر ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪە ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎن. ﺑﺎشلاﻧﻐﯘچ دﯨﻨﯩﻲ ﺗﻪرﺑﯩﻴﻪﻧﻰ ﺋﺎزاﻗﺘﺎ ﭼﻮڭ ﺋﻪﻟﯩﻤﺎﺧﯘﻧﯘم دﯦﮕﻪن ﻛﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎن. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﻪﺷﻘﻪردﯨﻜﻰﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪدرﯨﺴﻪدە ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن. 1900- ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﻠﯩﺮى ﺑﯘﺧﺎراﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن. 1914- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎملاپ داﻣﻮللا ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘدۇل ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺋﺎزاﻗﻠﯩﻖﻳﯘرﺗﺪاﺷﻠﯩﺮى ﺋﻪڭ ﻛﯚپ ﺋﻮﻟﺘﯘراقلاﺷﻘﺎن ﺳﯜﻳﺪۈﯕﺪە ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﮬﺎﺟﻰ دﯦﮕﻪن ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰى راﺑﯩﻴﻪﮔﻪ ﺋﯚﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﺑﺪۇللا ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻏﯘل ﭘﻪرزەﻧﺖ ﻛﯚرﮔﻪن. ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللاﻣﻨﯩﯔﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﻰ ﺳﯜﻳﺪۈﯕﺪە ﻗﺎﻟﺪۇرۇپ، ﻗﻪﺷﻘﻪرﮔﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﺳﻪۋەﺑﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪس. ﺑﻪزﯨﻠﻪر ﺳﯜﻳﺪۈﯕﺪﯨﻜﻰ «رەﺳﺘﻪ ۋەﻗﻪﺳﻰ».............
-
ئەرەپ مەدىنىيىتىنىڭ خاراپلىشىشى
يېقىنقى زاماندن بۇيان ئەرەپ مەدىنىيىتىنىڭ خاراپلىشىشى كۈچىيىپ كەتتى. ئەرەب مۇتەپەككۇرلىرى ئەرەپ مەدىنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش يولىدا نۇرغۇن سىناقلارنى قىلدى، ھەرخىل پىكىر ئېقىملىرى بارلىققا كەلدى. ئەرەپ مەدىنىيىتىنىڭ رىقابىتىبن ئالدىدا، ئەرەپ مۇتەپەككۇرلىرى بۇنداق رىقابەتكە جاۋاپ قايتۇرۇشنى ئۆزىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلدى..........
-
2013-07-02
ئىسلام ئەخلاقى (1) - [ئىسلامى تىمىلار]
بسم الله الرحمن الرحيم
ئەخلاق ھەققىدە ئومۇمىي بايانھازىرقى زامان مۇسۇلمانلىرىنىڭ پەيغەمبىرىمىز ھەزىرتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ :‹‹مەن پەقەت گۈزەل ئەخلاقلارنى تۇلۇقلاش ئۈچۈنلا ئەۋەتىلدىم ›› دېگەن سۈزىدە ئپادىسىنى تاپقان ، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ غايىسى قىلىنغان ئسلامى گۈزەل ئەخلاقلارنى ئۈگۈنۈپ، ئۈزلىرىنى ئسلاھ قىلىشقا ۋە مۇسۇلمانلىقىنى تۇلۇقلاش ئارقىلىڭ قايتىدىن قەد كۈتۈرۈشكە نەقەدەر زور ئېھتىياجلىق بۇلىۋاتقانلىقى ھەممىگە مەلۇم. چۈنكى بىر مىللەتنىڭ يۈكسىلىشى ياكى چۆكىشى ئۇنىڭ ئەخلاقىغا باغلىق .......
-
2010-11-07
ﺋﻮﻏﯘﺯﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﻛﯜﻧﺪﯛﻟﯩﻚ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ - [تارىخ ۋە پەلسەپە]
ﺋﻮﻏﯘﺯﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﻛﯜﻧﺪﯛﻟﯩﻚ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ
ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﺩﯛﺷﻪﻧﺒﻪ، ﮬﺎﯞﺍ ﺋﻮﭼﯘﻕ.
ﺑﯘ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥﻛﯜﻧﯜﻡ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻰ، ﮬﺎﯞﺍ ﺋﺎﻧﺎﻣﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻰ، ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﯞﻩﺯﯦﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻰ. ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻨﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ، ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰﻛﯜﻧﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎ... -
2010-09-26
ئىستىقلال مارشى - [ئۇنىڭدىن -بۇنىڭدىن]
ئىستىقلال مارشى
مەھمەت ئاكىف ئەرسوي
قورقما، ئۆچمەس شەپەقلەردە ئۈزگەن بۇ ئال بايراق،
ئۆچمەستىن يۇرتۇمنىڭ ئۈستىدە كۆيگەن ئاخىرقى ئوچاق.
بۇ مىنىڭ مىللىتىمنىڭ يۇلتۇزىدۇر، پارلار شۇنداق،
بۇ مىنىڭدۇر، بۇ مىنىڭ مىللىتىمنىڭدۇر ئانداق
KORKMA SÖNMEZ BU ŞAFAKLARDA YÜZEN AL SANCAK
SÖNMEDEN YURDUMUN ÜSTÜNDE TÜTEN EN SON OCAK
O BENIM MILLETIMIN YILDIZIDIR PARLAYACAK
O BENIMDIR O BENIM MILLITIMINDIR ANCAK -
2009-05-21
بىرلەشسە دىن بىلەن ئىلىم -پەن - [ھىكمەتلەر]
قەلبىمگە يېقىپ قالدى ئىلىم-پەن،
قەلبىمگە لەززەت سالدى ئۇ خۇددى شىكەر- قەن.
دىن بىلەن ئىلىم- پەن خۇددى روھ بىلەن تەن،
نادانلىقتىن ئارىلىقنى زىدلاشتۇرما! سەن.
بىرلەشسە دىن بىلەن ئىلىم-پەن،
تەرەققى قىلىدۇ بىزنىڭ ئانا ۋەتەن.
زىدلاشتۇرۇپ دىن بىلەن ئىلىم-پەننى سەن،
ۋەتەنگە ۋە دىنغا بولما خائىن سەن.
مېنىڭ تەتقىقاتىم دىن بىلەن ئىلىم-پەن،
بۇ خىزمەت ئۈچۈن كوپ كۈچ چىقىرىمەن.
قايەردە بولسا، يېڭى ئىلىم-پەن،
شۇ تەرەپكە تۆت پۇتلاپ يۈگىرىمەن.
ئىلىم- پەننىڭمۇ خاتاسى بولۇر.
مېغىزىنى يەپ شاكىلىنى تاشلايمەن.
بولسا ھەقىقەت يۇقىرى چەككە
-
2009-05-21
جۇڭگۇ ئامىركا ھەل قىلغۇچ ئۇرشى - [دۇنياغا نەزەر]
جۇڭگۇ-ئامىرىكا ھەل قىلغۇچ ئۇرۇشى پارتىلىسا...
ئامىرىكا جۇڭگۇنىڭ شىزاڭ،شىنجاڭ رايۇنىغا ھۇجۇم قىلىشىدىن باشلىنىدۇ.
سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن بۇيان، ياۋرۇ-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىي رايۇنىدا قازاقىستان، تاجىكىستان، قىرغى... -
2009-05-21
ھەركىم ئۆز بەختىنىڭ ئۇستازىدۇر - [نادىر تىمىلار]
ھەركىم ئۆز بەختىنىڭ ئۇستازىدۇر
ئەزىزى
ئەقلى بار ھەربىر كىشى، ئۆز بەختىنىڭ ئۇستازىدۇر،
ئۇ ھەقىقەتنى ئۆزىگە، دوس تۇتۇشقا ئارزۇدۇر.
سوقمىسا گەرچە يۈرەك، مۇنداق ئۇلۇغۋار روھ بىلەن،
ئۇشبۇ ئىنسان گەۋدىسى، گويا قۇرۇق بىر جازىدۇر.
ئاھ يۈرەك بىر پارچە گۆشتۇر، مەنىسىز سوقسا ئەگەر،
دەل ئۇچاغ ئالغان نەپەسمۇ، خۇددى كاربون گازىدۇر.
بەزىلەر دۆڭگەيدۇ بارلىق ئىشنى بىر تەقدىرگىلا،
چۈشۈنەلمەي تەڭرىنىڭ، تەقدىرىنى كۆپ ئازىدۇر.
قىلدى بىر بانا سەۋەپ، تەقدىرگە قىلماي ھىچ كۈرەش،
باشنى باسسا ئەگەر، تاغ بويسۇنۇشقا رازىدۇر.
سەئى قىلماي بەخىت-تالەي، ئىزدىگەنلەردىن لېكىن،
خەلقىم ئەمەس ھەتتا ياراتقان، تەڭرىمۇ نارازىدۇر.
چۈنكى بۇ ئالەم ئەزەلدىنلا، سەبەپنىڭ ئالىمى،
دەل ئۇنىڭ ئەكسىنچە سۆزلەر، كونا يوتقان مازىدۇر.
ئەيتتى ھەق "ئەنلەيسەلىل ئىنسانى ئىللا مەسە-ئا
-
2009-05-08
جوڭگۇنىڭ 10چوڭ دۈشمىنى - [دۇنياغا نەزەر]
.ھىندىستان.
ئىلگىرى جوڭگۇغا تاجاۋۇز قىلىپ جوڭگۇ تۇپرىقىنى ئىگەللىۋالغان، قارا نىيىتى كۈچلۈك دۆلەت. يادرو قورالىغا ئىگە بولغاندىن كېيىن ھىندىستاننىڭ جوڭگۇغا بولغان دۈشمەنلىكى تېخىمۇ كۈچەيدى. ھېلىھەم جوڭگۇنىڭ بەزى زېمىنىنى ئىگەللەپ تۇرىۋاتىدۇ.ئامېرىكا.
دۇنيادىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت، دۇنيادىكى ئەڭ ئىجتىمايىلاشقان دۆلەت، ئەڭ چوڭ ھەربى دۆلەت،دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھەربى ئىتتىپاقنىڭ قۇرغۇچىسى. ئىقتىساد، تېخنىكا ساھەلىرىدە ئەڭ تەرەققى قىلغان دۆلەت. دۇنيا ساقچىسى دەپ ئاتالغان، دېموكراتىيەنىڭ قوغدىغۇچىسى دەپ ئاتالغان دۆلەت. جوڭگۇغا بۇرۇندىن دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قارايدىغان دۆلەت. -
2009-05-07
دۇنيا تارىخىدىكى مەشھۇر ئىمپىرىيەلەر - [تارىخ ۋە پەلسەپە]
بۇ بەتتىكى ماقالىلەر مۇندەرىجىسى:
(1)ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسى
(2)پېرسىيە ئىمپېرىيىسى
(3)ئالىكساندىر ئىمپېرىيىسى
(4)رىم ئىمپېرىيىسى
(5)ئەرەب ئىمپېرىيىسى
(6)كارولىن ئىمپېرىيىسى
(7)تېمۇر ئىمپېرىيىسى
(8)ئوسمان تۈرك ئىمپ... -
2009-05-07
پەرزەنت تەربىيەلەشنىڭ مەخپى رېتسىپى - [ئۇنىڭدىن -بۇنىڭدىن]
پەرزەنت تەربىيەلەشنىڭ مەخپى رېتسىپ
«بىزنىڭ بالىمىز دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق، ئەڭ ئەقىللىق بالا»
بۇ سۆز - ھەر بىر ئاتا-ئانىنىڭ بالىسى توغرىسىدا دېيىشكە تېگىشلىك سۆزدۇر.
بىر پىسخولوگىيە ئالى... -
2009-05-06
خاماسنىڭ مەنىۋي داھىيسى شەيىخ ئەھمەت ياسىن - [رەسىملەر دۇنياسى]
خاماسنىڭ ئەگەشكۇچىلىرى
-
2009-04-20
تۆگە قۇشى ۋە تەكلىماكان روھى - [تارىخ ۋە پەلسەپە]
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
يىپەك يولىنىڭ خارابلىشىشى خەلقارا تارىخىي خاراكتېرلىك ھادىسە ئىدى . بىز بۇ تاشقى مۇھىت ئىچىدە بارغانسېرى بېكىنمىچىلىك بىلەن شۇغۇللاندۇق . بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنى بىر قانچە ۋىلايەت - ناھىيىلەر بويىچە قاماپ تاشلاپ بىر - بىرىدىن ئۈركۈيدىغان ، بىر - بىرىنى چەتكە قاقىدىغان << يۇرتۋازلىق پسىخولوگىيىسى >> تەييارلىۋالدۇق . بىر زامانلاردا ۋاڭ يەندى ، يېللۇ چۇسەي ، ماركاپولو ۋە بىر توپ ئەرەب ساياھەتچىلىرى قەلىمىدە ئىزچىل << ئۇيغۇر >> دەپ تىلغا ئېلىنغان ئىبارە كېيىنچە رادلوۋ ، مالۇۋ ، روبروۋىسكى ، ۋەلىخانوۋ قاتارلىقلار قەلىمىدە << قۇمۇللۇقلار >> ، << تۇرپانلىقلار >> ، << تارانچىلار >> ، << دولانلىقلار >> ، << قەشقەرلىقلەر >> ، << ماچىنلىقلار >> دەپ يېزىلىدىغان بولدى ، ئۇيغۇر ئىبارىسى پەقەت << سېرىق ئۇيغۇر >>لارنىڭ نامىدىلا قالدى .
-
2009-04-20
مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن - [تارىخ ۋە پەلسەپە]
“مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن!”
~~~~~~~~~~~~~~~~~~"ئوغۇزنامە" دىنئۇنىڭدىن كېيىن ، ئوغۇز خاقان تەرەپ - تەرەپكە يارلىق چىقاردى. مەكتۇپ يېزىپ ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى. مەكتۇپتا مۇنداق دېدى: " مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن. مەن پۈتۈن جاھاننىڭ خاقانى بولۇشۇم كېرەك، شۇڭا سىلەرنىڭ ماڭا بوي سۇنۇشۇڭلارنى سورايمەن، كىمكى مېنىڭ ئېغزىمغا باقسا، مەن ئۇنىڭغا تارتۇق تارتىپ، ئۇنىڭ بىلەن دوست بولىمەن. كىمكى ئېغزىمغا باقمىسا ، غەزەپ بىلەن لەشكەر تارتىپ ئۇنى ئۆزۈمگە دۈشمەن تۇتىمەن. لەشكەرلىرىم ھەممىلا يەردە سىلەرنى يوقىتىدۇ" .
-
2009-04-20
لايدىن ياسالغان قەلئەنىڭ سىرى - [تارىخ ۋە پەلسەپە]
يالقۇن روزى
2007 - يىلى رۇسىيىنىڭ ئارخېئولوگىيە ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ خەۋەر پۇر باجىن-لايدىن ياسالغان قەلئە توغرىسىدىكى خەۋەر بولدى . بۇ خەۋە رۇسىيىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق دۇنياغا جاكارلانغاندىن كېيىن پۈتكۈل دۇنيانىڭ نەزىرى پۇرباجىنغا تىكىلدى . رۇسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى پۇرباجىننى «ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ 2-قاغانى مويۇنچۇر سالدۇرغان بولۇپ بۇ ، ئۇ قەدىمى ئۇيغۇر قەلئەسىدۇر»دەپ جاكارلىغاندا، بۇنى ئۇققان دۇنيانىڭ جاي-جايدىكى ئۇيغۇرلار بىر-بىرىگە ھاياجان ئىلىكىدە خەۋەر يەتكۈزۈشتى . شىنخۇا ئاگېنتلىقىمۇ بۇ ھەقتە خەۋەر تارقاتتى . شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسورى ، خەنزۇ تارىخچى چىن شۆشۈن ئەپەندى «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 2007-يىلى 11-ئۆكتەبىردىكى سانىدا «رۇسىيە پۇرباجىن قەدىمكى ئۇيغۇر قەلئەسىنى كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرمەكتە» دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى بۇ كاتتا ۋەقەدىن خەۋەردار قىلدى . ئارقىدىن «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» مۇ رەھىمجان ھاكىم خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغان «رۇسىيىدىكى ئۇيغۇرلار سالغان يازىلىق قەلئە پورباجىن» دېگەن ماقالىنى ئېلان قىلىپ ، كىشىلەرنىڭ بۇ خەۋەرگە بولغان قىزىقىشىنى تېخىمۇ ئاشۇردى .
-
2009-04-20
كەچۈر مەخمۇت بوۋا---ئوقيا خاتىرىسىدىن
كەچۈر مەخمۇت بوۋا---ئوقيا خاتىرىسىدىن
مانا سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭگە 1000 يىل بوپتۇ، بۇ مىڭ يىلدا كۈرمىڭ ئىش بوپتۇ. سېنىڭ زامانىڭدىكى چاغلاردىن كوپ ئاشتۇق، يېڭى چاغلارغا قەدەم باستۇق، مىللىي خاراكتېرىمىزدە، قىلىقىمىزدا، ئېڭىمىزدا، تۇرقىمىزدا، تۇرمۇشىمىزدا، تارىخىمىزدا، پىسخىلوگىيەمىزدە غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى.سەن قەدىرلىگەن تىلىمىزدا بولسا تېخىمۇ چوڭ ئۆزگىرىش بولىدۇكى، ئەگەر سەن بىز بىلەن سۆزلىشىشكە توغرا كەلسە يا سەن چوقۇم لۇغەت ئاختۇرۇشۇڭ مۇمكىن ياكى بىز چوقۇم لۇغەت ئاختۇرشىمزى مۇمكىن.
-
2009-04-20
ئۇيغۇرلار - [تارىخ ۋە پەلسەپە]
ئۇيغۇرلار
ئاپتور : ساخاۋەت مۇنبىرىدىن نازاكەتئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا توپلىشىپ ياشايدىغان غوللۇق، يەرلىك مىللەت ۋە ئاپتونومىيە ھوقۇقى يۈرگۈزگۈچى مىللەت. ئۇيغۇرلار پارچە ھالەتتە، جۇڭگونىڭ بىر قاتار چوڭ شەھەرلىرىدە خىزمەت ۋە تىجارەت قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار جۇڭگودىن باشقا، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان (ئاساسلىقى بايرام ئەلى رايونى)، پاكىستان، ئەرەبىستان، تۈركىيە، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە، روسيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆرۈنەرلىك نوپۇستا مۇئەييەن جامائەت تۈركۈمى شەكلىدە ياشايدۇ.
-
لوقمان ھېكىمنىڭ پەرزەنتىگە قىلغان 100 نەسىھىتى
1.ئەي پەرزەنتىم، ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىك ياراتقۇچىنى تونۇغىن. 2.كىمگە پەندى -نەسىھەت قىلساڭ، ئۇنىڭغا ئاۋۋال ئۆزۈڭ ئەمەل قىل.
3. سۆزنى ئۆز ئەھۋالىڭغا بېقىپ قىل.
4. ئادەملەرنىڭ قەدرىنى بىل.
5.ھەممىنىڭ ھەق -ھوقۇقىنى ئاڭلا
-
2009-04-18
نىشان ۋە مۇۋەپپەقىيەت
ئادەتتە ھەممە كىشىدە ئۆز ئىشىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىستىكى بولىدۇ، بىراق بەزىلەردىكى بۇ ئىستەك رېئاللىققا ئايلىنالمايدۇ. باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا مۇئەللىم ھەر بىرىمىزدىن «چوڭ بولغاندا نېمە ئىش قىلىدىغان ئادەم بولىسىلەر؟» دەپ سورىسا، ھەممىمىز دېگۈدەك «ئالىم بولىمەن، ساقچى بولىمەن، دوختۇر بولىمەن، باشلىق بولىمەن، يازغۇچى، شائىر بولىمەن...» دېگەندەك جاۋابلارنى بېرەتتۇق. بۇنداق جاۋابلارنى ئاڭلىغان مۇئەللىملىرىمىزمۇ خۇشال بولۇپ كېتەتتى. -
2009-04-16
كىتاب ۋە كىتاب مەدەنىيىتى - [نادىر تىمىلار]
ئىنسان ئۇچۇر سۇبىيىكتى ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ئىجتىمائى ھايۋان . ئۇ ، ئۇزۇقلىنىش ۋە بىخەتەرلىك ئۇچۇرىغىلا ئەمەس ، يەنە ، زامان ، ماكان خاراكتىرلىك ، تامغىلىق ئۇچۇر ئىقتىدارىغا ئىگە .
كىتاپ يۈكسەك ئۇچۇر ۋە مۇقەددەس تامغىدىن ئىبارەت . ئىنسانىيەت يازما تارىخ ۋە كىتاپ سەھىپىلىرىگە بىلىش ۋە ئىپادىلەش جەۋھەرلىرىنى يېزىق ئارقىلىق قالدۇرۇشتىن ئىلگىرى ئۆز تۇرمۇشى ، ئالەم قاراشلىرى ۋە روھىيەت ئۆركەشلىرىنى قىيا تاشلارغا ، قورچاق ياكى تاش سۆڭەك ، برونزا بۇيۇملىرىغا ، كاھىش قاچىلارغا ، ھەرخىل قىياپەتلىك ياكى سىمۋوللۇق رەسىم ۋە تامغا-بەلگىلەر بىلەن چېكىشكەن . ماقال-تەمسىل ، ئەپسانە-رىۋايەت ، مەسەل-چۆچەك ، ناخشا-قوشاق شەكلىدە ئەقىل دەستۇرلىرى تۈزۈشكەن . مانا بۇلار كىتاپ شەكلىگە كىرمىگەن « كىتاب » تىن ئىبارەت .
ھازىرغىچە يېزىق شەكلىدىكى ئەڭ قەدىمكى كىتاب ئىككى دەريا-دەجلە ۋە فرات ئارىلىقىغا كۈچۈپ كەلگەن خەلىقلەرنىڭ مىلادىدىن ئۈچ مىڭ يىللار ئىلگىرىكى لايدىن بىنا ۋە قەسىرلەر ياسىغاندا لاي تاختىلارغا يېزىلغان « پايتەخت قۇرغۇچى گىلگامىش » داستانىدىن ئىبارەت . -
2009-04-15
يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئانا تىل 4-قىسىم
4. ئىنسانىيەت ئۈستىدىن ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەت
«ئىنسانىيەت ئۈستىدىن ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەت» دېگەن سۆز 1915-يىلى باشلانغان ئوسمانىيلار ئىمپراتورلىقى مەزگىلىدىكى تۈركلەر بىلەن ئەرمىنىيلەر ئارىسىدىكى قىرغىنچىلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. گەرچە بۇ سۆز ئۇزۇن مۇددەت ھەربىي توقۇنۇشلارغا قارىتا ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، ھازىر ئۇنداق ئەمەس. ھازىر ئومۇمىيۈزلۈك قوبۇل قىلىنغان بىر ئەھۋال شۇكى، بۇ سۆزنى تىنچلىق مەزگىلىدىكى ئەھۋاللارغا ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ. «ئىنسانىيەت ئۈستىدىن ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەت» نىڭ نىمىلەردىن تەشكىل تاپىدىغانلىغى 1998-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۇنىدىكى «رىم خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى ......... -
2009-04-15
شىركەت قۇرۇشقا قانداق ئىقتىدار كېرەك
ئادەمنىڭ ئېھتىياجى ئۇنىڭ مەقسىتى بىلەن قارارىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەمنىڭ مەقسىتى بىلەن قارارى بولسا، ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كىشىلەر ئوخشاش بولمىغان مەقسەت ۋە ئوخشاش بولمىغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆز ئالدىغا شىركەت قۇرۇش قارارىغا كېلىدۇ. مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ شىركەت قۇرۇشتىكى مەقسىتى پۇل تېپىپ باي بولۇشتىن ئىبارەت. لېكىن، ھەممە ئادەم پۇل تېپىش ئۈچۈنلا شىركەت قۇرمايدۇ. مەسىلەن، مەن ئوقۇغان بىر ماتېرىيالدا ئېيتىلىشىچە، تۆۋەندىكىسى كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ شىركەت قۇرۇشتىكى مۇددىئاسىدىن ئىبارەت:
پۇل تېپىپ باي بولۇش
كەسىپتە يۇقىرى پەللىگە چىقىش
كەسىپ بىلەن تېخنولوگىيىدە يېڭىلىق يارىتىش
ئۆزى ياخشى كۆرگەن جايدا ياشاش
ئۆز تۇرمۇشىنى خاتىرجەم قىلىش -
2009-04-14
بۆرنىڭ توققۇز خىل خاراكتىرى
ئىت ئۈزىنىڭ رىسقىنى ئىگىسىدىن ئالىدۇ،شۇڭا ئۇنىڭ ھەركىتى، تىلى ئىگىسىنىڭ رايى بىلەن چەكلىنىدۇ .
بۆرە ئۆزى تېپىپ يەيدۇ،شۇڭا ھۇشيارلىق بىلەن قەيسەرلىك ئۇنىڭ خاراكتىرى.
-
2009-04-14
«تۈركىي تىللار دىۋانى
«türkiy tillar diwani»ning jughrapiyilik qimmiti
ئۆمەر موللا
تاشقىن جاپپار
1. «türkiy tillar diwani»diki yumulaq «da'ire» xeritisi asiyaning eng qedimki xeritisidur
شەرق خەلقىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر مەدەنىيەت تارىخىدا شۆھرەتلىك ئورۇن تۇتقان ئۇيغۇر ئالىمى، سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقنىڭ ئاساسچىسى مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»ناملىق ئېنسكلوپىدىيىلىك ئەسىرى تىلشۇناسلىق ۋە فولكلور ئىلمى ساھەسىدە زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە جۇغراپىيە ساھەسى جەھەتتىمۇ زور قەدىرلىنىشكە تېگىشلىك ئەسەر بولۇپ، مۇھىم جۇغراپىيىلىك قىممەتكە ئىگە بولغان ئۈنىۋېرسال جۇغراپىيە بىلىملىرى خەزىنىسىدۇر. -
2009-04-14
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋىدالىشىش نۇتقى
ھەممە مەدھىيە ئاللاھقا خاس. ئاللاھنى مەدھىيەلەيمىز، ئاللاھتىن كەچۈرۈم سورايمىز، ئاللاھقا تەۋبە قىلىمىز، ئاللاھقا سېغىنىپ، نەپسىمىزنىڭ يامانلىقىدىن ۋە يامان ئىشلاردىن پانا تىلەيمىز. ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئادەمنى ھېچكىم ئازدۇرالمايدۇ. ئاللاھ ئازدۇرغان ئادەمنى ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ. شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمەنكى يالغۇز بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوق. ئاللاھنىڭ شېرىكى يوق. يەنە گۇۋاھلىق بېرىمەنكى مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر.