پرېستان: مۇۋەپپەقىيەت:ئۇزلۇكسسىز تىرىشقانلارغا ....مەغلۇبىيەت يەنىلا شۇ ھۇرۇنلارنىڭ دەسمايىسى.. |
-
2009-05-21
جۇڭگۇ ئامىركا ھەل قىلغۇچ ئۇرشى - [دۇنياغا نەزەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/39721065.html
جۇڭگۇ-ئامىرىكا ھەل قىلغۇچ ئۇرۇشى پارتىلىسا...
ئامىرىكا جۇڭگۇنىڭ شىزاڭ،شىنجاڭ رايۇنىغا ھۇجۇم قىلىشىدىن باشلىنىدۇ.
سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن بۇيان، ياۋرۇ-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىي رايۇنىدا قازاقىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبەكىستان ۋە تۈركمەنىستاندىن ئىبارەت بەش دۆلەت پەيدا بولدى.
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت شىمالدا رۇسىيە بىلەن ئايرىلىپ تۇرسا، شەرقتە جۇڭگۇ بىلەن چىگرىلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بايلىقى ئوتتۇرا شەرقنىڭ نىفىت ۋە تەبىئىي گازىدىن كېيىنلا تۇرىدىغان بولغاچقا، تىزلا ئامىرىكىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتقان. ئامىرىكا يىڭىدىن تۈزگەن ئوتتۇرا ئاسىيا سىتىراتىگىيەسىدە، مەزكۇر رايۇننى «سىتىراتىگىيلىك مەنپەئەت رايۇنى»قىلىپ ئايرىپ، ئۆزىنىڭ كىيىنكى ئەسىردە كونتىرۇل قىلىدىغان يىڭى ئېنىرگىيە بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى پىلانلىدى. 1997-يىلىنىڭ ئاخىرى ئامىرىكا يەنە ئۆزىنىڭ دىپلۇماتىيە نوقتىسىنى جەنۇبىي ئاسىياغا يۆتكىدى. ئامىرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئالبىرايىت ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا جەنۇبىي ئاسىيانى زىيارەت قىلدى، بۇ يىل ئامىرىكا زوڭتوڭى كىلىنتون جەنۇبىي ئاسىياغا رەسمىي زىيارەتكە بېرىشنى قارار قىلىشنى قارار قىلىپ، ئامىرىكىنىڭ جەنۇبىي ئاسىياغا قاراتقان دىپلۇماتىيەسىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشنى نامايەن قىلدى.
1. 20-ئەسىردىكى ئامىرىكا دىپلۇماتىيەسىنىڭ ئاساسىي ئوتتۇرا شەرق، تىنىچ ئوكيان ۋە ئاتلانتىك ئوكياندا سوزۇلغان نىفىت توشۇش تۇرۇبا لىنيىسىنى چۆرىدەپ تۇرۇپ داۋاملاشتى. دۇنيا نىفىت زاپىسىنىڭ ئۈچىتن ئىككى قىسمىنى ئىگەللەيدىغان ئوتتۇرا شەرقتىن تىنىچ ئوكيان ۋە ئاتلانتىك ئوكيان ئارقىلىق سوزۇلغان نىفىت تورۇبىسى : غەربىي لىنيە پارس قولتۇقى ئارقىلىق قىزىل دېڭىز، ئوتتۇرا يەر دېڭىزىدىن ئۆتۈپ ئاتلانتىك ئوكياندىكى دىڭىز يولىغا تۇتىشىدۇ. شەرقىي لىنيە يەنىلا پارس قولتۇقىدىن ئۆتۈپ، كولۇمبۇ، مالاككا قولتۇقى، مانىلا، گۇئام ئارىلى، ھاۋايدىن ئۆتۈپ ئامىرىكىنىڭ تىنىچ ئوكياندىكى دىڭىز لىنيەسىگە تۇتىشىدۇ.
بىز ئامىرىكىنىڭ مۇشۇ ئەسىردىكى ھەر قىتىملىق زور كۆلەمدىكى دىپلۇماتىيە پائالىيەتلىرىنى كۆزەتسەك، ئاساسىي جەھەتتىن ھەممىسى مۇشۇ ئىككى لىنيەنى بويلاپ قانات يايدۇرۇلغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. ئەكسىچە بولغاندا، باشقا ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئامىرىكا دىپلۇماتىيەسىنىڭ ئانچە دىققىتىنى تارتىپ كېتەلمىگەن.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى، ياپۇنىيە جۇڭگۇنىڭ شەرقىي شىمال، شىمالىي جۇڭگۇ ئارقىلىق بېسىپ كىردى. بۇ ئىشلارغا ئامىرىكا چەتتە قاراپ پىسەنت قىلمىدى. ياپۇنىيە ئارمىيسى شاڭخەيگە يىقىنلاشقاندىن كېيىن، ئاندىن ئامىرىكا ئەستايىدىل ھالەتكە ئۆتتى.
ئىران-ئىراق ئۇرۇشى داۋامىدا، ئىراق پەقەت غەرب ۋە شىمالغا كىڭەيگەندە، ئامىرىكا سىخىيلىق بىلەن ياردەم بەردى. بىراق، ئىراق قوشۇنى كەينىگە بۇرۇلۇپ جەنۇپقا ماڭغان ھامان ئامىرىكىنىڭ «قۇملۇق بورىنى» ھەرىكىتىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىدى. پارس قولتۇقى ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى، ئامىرىكا دىپلۇماتىيەسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەپسۇسلۇقى ئوتتۇرا شەرق نىفىتىگە نىسبەتەن بىۋاستە كونتىرۇللۇقنىڭ بولمىغانلىقى ئىدى، ئەمما ئامىرىكا ئوتتۇرا شەرقتىكى «ئەڭ زور دۆلەت بىخەتەرلىك مەنپەئەتى» دەل پارس قولتۇقىدىكى نىفىت مەنپەئەتى ئېدى.
1992-يىلى ئىراق ھۇجۇم قىلىپ ئامىرىكىنى مىڭ تەستە ئۇچرايدىغان ياخشى پۈرسەت بىلەن تەمىن ئەتتى. ئوتتۇرا شەرق تارىخىدا ئامىرىكا تۇنجى قىتىم ئەرەبلەرنىڭ «تەكلىپى»بىلەن ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا پارس قولتۇقىغا 50تۈمەن ئەسكەر كىرگۈزۈپ، ئىراق ئارمىيسىنى چىكىندۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە سادامنىڭ ھاكىمىيتىنى ساقلاپ قىلىش تاكتىكىسى ئارقىلىق، ئامىرىكا قوشۇنىنىڭ ئۇزاق مۇددەت پارس قولتۇقىدىكى «تەكلىپ بىلەن تۇرۇش»دىغان سىتىراتىگىيەلىك مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
20-ئەسىردىكى ئامىرىكا دىپلۇماتىيەسى دەل 19ئەسىردىكى ئەنگىلىيە دىپلۇماتىيەسىنىڭ داۋامى ۋە تەرەققىياتى. بۇنىڭدىكى موھىم نوقتا بولسا ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نىفىت دۆلەتلىرى ۋە نىفىت تۇرۇبا لىنيەسىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى دۆلەتلەر قانچە كىچىك بولسا شۇنچە ياخشى، چۈنكى بۇ ئۇلارنى كونتىرۇل قىلىشقا پايدىلىق.
بۇنىڭدىن باشقىچە بولغاندا قانچە چوڭ بولسا شۇنچە ياخشى، چۈنكى بۇ ئۇلارنى چوڭ تاشلار سۈركىلىشىگە ئوتتۇرىغا توسالغۇ قويغانغا ئوخشىتىدۇ.
دەل كەلگىنى شۇكى يىقىنقى زاماندىن بىرى دۇنيانىڭ يەر سىياسەتشۇناسلىقى سەل مۇشۇ لىنيەلەرنى بويلاپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى:
ياۋرۇپا قۇرۇقلۇقىدا گىرمانىيە فىرانسيە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى توسالغۇ؛ ئوتتۇرا شەرق، غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيادا بولسا ئىران-ئىراق ۋە ھىندىستان، پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى توسالغۇ.
90-يىللاردا ئەنگىلىيە ئامىرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى سوۋىت ئىتتىپاقىنى پارچىلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئۇلارنى دۆشمەن دۆلەت تىرىتورىيەسىدىن شىمالغا يىراقلاشتۇرۇپ، رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى نىفىت دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۇششاق-چۈششەك كىچىك دۆلەتلەرنى پەيدا قىلدى. بۇ پىرىنسىپ دەل پاناما، مالدىۋى، سىرىلانكا، كۇۋەيت ۋە يىڭىدىن مۇستەقىل بولغان ئېرىتىرىيە قاتارلىق كىچىك دۆلەتلەرنىڭ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ گەۋدىسىدىن ئايرىلىپ يەنىلا ئۇزاق مۇددەت مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قالالىشىنىڭ سەۋەبىدۇر.
ئۇزاقتىن بۇيان ئەنگىلىيە-ئامىرىكا ئاتالمىش «بارخان ئۇسۇلى»ئارقىلىق كىچىك دۆلەتلەرنى پەيدا قىلدى، شۇنداقلا مۇۋازىنەتلەر ئويۇنىدا ئەخمەق قىلىنىپ زور پايدىغا ئېرىشتى.
ھازىر ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەتراپىدا جۇڭگۇدىن باشقا ئەمەلىي كۈچكە ئىگە دۆلەت قالمىدى. بۇنداق بولغاندا كىيىنكى ئەسىردە جۇڭگۇنىڭ غەربىي رايۇنىنى ئايرىش بولۇپمۇ جۇڭگۇنىڭ شىزاڭ رايۇنىنى ئايرىش ئامىرىكا باشچىلىقىدىكى غەربتىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ نىشانى. رۇسىيەنى شىمالغا چىكىندۇرگەندىن كېيىن، جۇڭگۇ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نىفىت دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا شىزاڭ ۋە شىنجاڭغا ئوخشايدىغان بىر سىياسىي توسۇقنى پەيدا قىلىش غەربتىكى بىر قىسىم سىياسىئونلارنىڭ نەزەرىدە، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا نىفىتىنى مەڭگۇ كونتىرۇل قىلىپ تۇرىشىدىن ئىبارەت بۇ سىتىراتىگىيەلىك مەنپەئەتىگە ماس كېلىدۇ.
جەنۇبىي ئاسىيا بولسا ئوتتۇرا شەرقنىڭ يان قانىتى بولۇپ، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ يەر شارى سىتىراتىگىيەسىدە يىتەرلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن رايۇن. ھىندىستان ۋە پاكىستان بولسا جەنۇبىي ئاسىيادىكى چوڭ دۆلەت، يەر جايلىشىشى جەھەتتە زور دەرىجىدە ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، ھىندىستان جەنۇبىي ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزى، ئەگەر مەنپەئەت خەنجىرى جەنۇبىي ھىندى ئوكيانغا قادالسا، ھىندى ئوكياندىكى خەلقئارا دىڭىز لىنيەسىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. پاكىستان بولسا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئەرەب دېڭىزىغا كىرىشىدىكى دەرۋازىسى، شۇنداقلا پارس قولتۇقىنىڭ «يان ئىشىكى». شۇنداق بولغاچقا، ھىندىستان-پاكىستان بىلەن چوڭ دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتى، بولۇپمۇ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ نىفىت مەنپەئەتى ئوتتۇرىسىدا ئايرىۋەتكىلى بولمايدىغان مۇناسىۋەت شەكىللەنگەن ھەم چوڭ دۆلەتلەرنىڭ يەر شارى سىتىراتىگىيەسىدىكى تالىشىدىغان رايۇنغا ئايلانغان.
سۇغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە، ئامىرىكا-سوۋىتنىڭ يەر شارىنىڭ زۇمىگەرلىكىنى تالىشىشى جەنۇبىي ئاسىيانىڭ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنىڭ ئەكىس ئېتىشىدىكى رولى تويۇقسىز ئۆرلىگەن. 1971-يىلى سوۋىت ۋە ھىندىستان رۇشەن ھەربىي ئىشلار خاراكتىرىدىكى «ھىندىستان-سوۋىت تىنىچلىق، ھەمكارلىق ئەھدىنامىسى»نى ئىمزالىدى؛ 1955-1979-يىلى، پاكىستان تۈركىيە، ئىراق، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر قاتناشقان ئامىرىكا كونتىرۇللىقىدىكى «باغدات ئەھدىنامىسى تەشكىلاتى» غا قاتناشتى. بۇ خىلدىكى چوڭ دۆلەتلەر مەنپەئەتىنىڭ گىرەلىشىپ توقۇنۇشى 1979-يىلى سوۋىتنىڭ ئاففانىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتى سەۋەبىدىن يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئامىرىكا-پاكىستان مۇناسىۋىتى ئامىرىكا زوڭتوڭىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىشلىرى ياردەمچىسى بىرژىنىسكىي دوكتۇرنىڭ ۋە ئامىرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى خىيگىرنىڭ 1980-يىلى ۋە 1981-يىلى ئايرىم-ئايرىم ھالدا پاكىستاننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن ئوموميۈزلۈك كۈچەيگەن. ئامىرىكا پاكىستاننى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاش ئارقىلىق سوۋىتنىڭ ئاففانىستاننى ھەربىي جەھەتتىن كونتىرۇل قىلىپ ئىگەللەشتىن ئىبارەت سىتىراتىگىيەلىك مۇددىئاسىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك توسۇپ قالغان.
سۇغۇق ئۇرۇش ئاياغلاشقان دەسلەپكى مەزگىلدە، سوۋىتنىڭ پارچىلىنىشىدىن پەيدا بولغان قالايمىقانچىلىقتىن تۇغۇلغان رۇسىيە سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتتە كالتا تولغاق مەزگىلىنى ئۆتكۈزىۋاتقان بولۇپ، بۇ چاغدا ئامىرىكا دىپلۇماتىيەسى دۈشمەنسىز دىپلۇماتىيەگە ئايلانغان. ھەتتا ئامىرىكىلىقلارمۇ ئامىرىكا كەلگۈسىدە نىمىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ كەلگۈسى دىپلۇماتىيە سىتىراتىگىيەسىنى بەلگىلىيەيدىغانلىقىنى ئېنىق بىلەلمىگەن. بۇ مەزگىلدە، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ دىپلۇماتىيەسىدىكى ئورنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن.
2. 90-يىللاردا ئامىرىكا دىپلۇماتىيەسى جەنۇبىي ئاسىياغا قاراپ مايىل بولۇشقا باشلىدى ۋە مەقسەتلىك ھالدا بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا رۇسىيەنىڭ جەنۇبىي ۋە جۇڭگۇنىڭ غەربىگە كىردى. 90-يىللارنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە رۇسىيەدىكى قالايمىقانچىلىق بېسىقىپ تۇراقلىشىشقا باشلىغاچقا، ئامىرىكا رۇسىيەنىڭ غولىتىلىشىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايلا قالماستىن، يەنە جۇڭگۇنىڭمۇ ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋىتىش جەريانىدا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايۇنىدا تىز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ قەد كۆتىرىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتتى. كۈنسىرى كۆپ قوتۇپلىشىۋاتقان دۇنياغا نىسبەتەن، ئامىرىكا يەنە قول تۇتۇشۇش شەكلىدىكى يىڭى يەر شارى ئىستىراتىگىيەسىنى بېكىتتى، ئۇنىڭدا رۇسىيە ۋە جۇڭگۇنى چەكلەش مەقسىتى نىشان قىلىندى، شۇنداقلا ئاتلانتىك ئوكيان ۋە تىنىچ ئوكياننىڭ ئىككى قاسنىقىدا رۇسىيە بىلەن جۇڭگۇنى چەكلەش بىلەن بىرگە يەنە دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش دولقۇنىنى تەرەققىياتىنى توسۇپ، ئامىرىكىنىڭ دۇنيا ئىشلىرىغا يىتەكچىلىك قىلىدىغان رەھبەرلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەش بېكىتىلدى. شۇنداق بولغاچقا ئامىرىكا رۇسىيەنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا قارىماي، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرققە كىڭىيىش پىلانىنى رەسمىي يولغا قويدى. ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مادرىتتا ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنىدا، پولشا، چىخ، ھونگىرىيە قاتارلىق ئۈچۈن دۆلەتنى دەسلەپكى تۈركۈمدە قەدەمدە قوبۇل قىلىدىغان دۆلەتلەر قىلىپ بېكىتتى.
ئاسىيادا ئامىرىكا «جۇڭگۇ تەھدىتى»نەزەرىيسىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرگە، شەرقىي شىمالىي ئاسىيادا جىددىي كەيپىياتنى سۈنئىي ھالدا پەيدا قىلىپ، جۇڭگۇ ۋە ئاسىيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ قارشىلىقىغا پەرۋا قىلماي، «ياپۇنىيە-ئامىرىكا مۇداپىئە ھەمكارلىق قوللانمىسى»نى قايتىدىن تۈزىتىپ، «ئەتراپتىكى ئىشلار ھالىتى» گە قارىتا ئامىرىكا-ياپۇنىيەنىڭ ھەمكارلىق كىلىشىم دائىرىسىنى كىڭەيىتتى. بۇ دىڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قاسنىقىنىڭ بىرلىككە كىلىشى ۋە شەرقىي ئاسىيا رايۇنىنىڭ موقىملىقىغا نىسبەتەن ھەقىقىي تەھدىت شەكىللەندۇردى.
ئۆتكەن يىلى يۇقىرى مەقسەتتە شەرق-غەرب ئىككى تەرەپتىن رۇسىيە بىەلن جۇڭگۇغا قارىتا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئۆتكەن يىلى ئامىرىكا يەنە بىر قەدەم ئىلگىلىرىگەن ھالدا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىياغا بولغان دىپلۇماتىيە ھۇجۇمىنى كىڭەيىتتى، بۇنىڭدىكى باش مەقسەت بولسا ئامىرىكىنىڭ بۇ رايۇندىكى نىفىتقا بولغان مۇتلەق كونتىرۇللىقىنى كاپالەتلەندۇرۇش ئېدى.
ئامىرىكا ئاقساراينىڭ «يىڭى ئەسىردىكى دۆلەت ئىستىراتىگىيسى»دە «ئامىرىكىنىڭ ئاساسلىق ئېنىرگىيە ئىھتىياجىدا @تىن كۆپرەك نىفىتكە تايىنىدۇ. نىفىت ئىھتىياجىدا يىرىمىدىن كۆپرەك ئىمپورتقا تايىنىدۇ، ئەمما نىفىت ئىمپورتىدا كۆپ قىسىمى –گەرچە بۇ ھازىر ئازلاۋاتقان بولسىمۇ- پارس قولتۇقى رايۇنىغا تايىنىدۇ. ئامىرىكىنىڭ بۇ ئاچقۇچلۇق ئېنىرگىيە مەنبەسىنى ئىگەللىشى ھايات-ماماتلىق رولغا ئىگە. »
ئامىرىكىنىڭ بۇ ئەسىردە يۈز بەرمىگەن، كىيىنكى ئەسىرگە ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىشى ئاسىيا، تىنىچ ئوكيان رايۇنىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قەد كۆتۈرىشىگە يول قويماسلىق، بۇنىڭدا ئوتتۇرا شەرق، ئوتتۇرا ئاسىياغا بولغان ئېنىرگىيە تەلىۋىنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىشىنى چەكلەش ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ.
بۇ ئامىرىكا باشچىلىقىدىكى غەربنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ نىفىتىگە بولغان كونتىرۇللۇقنىڭ ئۇلارغا نىسبەتەن ، بولۇپمۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشىلاتىنىڭ شەرققە كىڭىيىشى ۋە ياپۇنىيە-ئامىرىكا ھەربىي ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى پۈتتۈرگەن ئامىرىكىغا نىسبەتەن ھايات-ماماتلىق ئەھمىيەتكە ئىگە ئاچقۇچلۇق مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئالدىن تونۇپ يەتكەنلىكىن بولغان.
ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانى كونتىرۇل قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن جەنۇبىي ئاسىيانى كونتىرۇل قىلىش كىرەك. جەنۇبىي ئاسىيا ئوتتۇرا شەرقنىڭ يان ئىشىكى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ موھىم دەرۋازىسى.
جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھىندىستاننى كونتىرۇل قىلىسا، ئاسىيا-تىنىچ-ئوكيان رايۇنىدىكى نىفىت ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ گىلى بوغۇلىدۇ. پاكىستاننى كونتىرۇل قىلسا ئوتتۇرا ئاسىيا نىفىتىنىڭ پارس قولتۇقىغا چىقىش ئىغىزىنى كونتىرۇل قىلغىلى بولىدۇ. ھازىر ئامىرىكىنىڭ نىفىت شىركەتلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا دۆلەتلەردە كۆرەش ئىلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئامىرىكا ھۆكۈمىتىمۇ جەنۇبىي ئاسىيادا دىپلۇماتىيە ھۇجۇمىنى قانات يايدۇرۇپ، بۇ رايۇندىكى تەسىرىنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا نىفىتىنى چىقىرىشنىڭ ئالدىن تەييارلىقىنى ئىشلەۋاتىدۇ. بۇ ئىقتىسادىي مۇلاھىزە.
ئامىرىكا دىپلۇماتىيە جەھەتتە جەنۇبىي ئاسىياغا مايىل بولغاندىن باشقا، سىياسىي جەھەتتىمۇ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا رۇسىيەنىڭ جەنۇدىكى ھىندى ئوكيانغا چەكلىمە قويدى ۋە جۇڭگۇ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى توسۇپ، شۇ ئارقىلىق ئىنىرگىيە ئىستىمالىنى غەربكە سۈرۈشتەك ئىستىراتىگىيلىك مەقسىتىنى يولغا قويدى.
ئامىرىكا ئەنئەنىۋى كاپىتال جەمىيئىتى ئامىرىكىنىڭ تاشقى دىپلۇماتىيە سىياسەت تەتقىقات دوكلاتىدا: رۇسىيە ۋە جۇڭگۇ يەنىلا كۈچلۈك يۇرۇشۇرۇن رەقىبلەر؛ رۇسىيە ۋە غەربنىڭ رومانتىك ھەمراھلىق مەزگىلى ئاللىقاچان ئاياقلاشتى. رۇسىيە ھازىر سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى رايۇنىدا يەنە قايتىدىن تەسىر كۈچكە ئىرىشىشنى مەقسەت قىلىپ، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى رايۇنىدا قايتىدىن رۇس ئىمپىرىيەسىدىن مۇداپىئەلىنىش غەربكە نىسبەتەن ئالدىن ئويلىشىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى. ئامىرىكا ئەمدى ياۋرۇپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدا رۇسىيەگە ئالاھىدە كۈچ دائىرىسى بەرمەيدۇ. شۇڭلاشقا ئوتتۇرا شەرق رايۇنى كۈنسىرى مالىمانلىشىشقا باشلىدى. ئىچكى دېڭىز تىگى، ئەزەربەيجان ۋە قازاقىستاندىكى مول نىفىت، ھىدرو كاربۇن بايلىقى، شۇنداقلا تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبەكىستاندا تەبىئىي گاز بايلىقى غەربنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا نىسبەتەن بارغانسىرى موھىم ئورۇنغا ئۆتۈشكە باشلىدى، ئامىرىكا چوقۇم تەدبىر قوللىنىپ ئامىرىكىنىڭ يىتەرلىك بايلىققا (ئېنىرگىيەگە) ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كىرەك. ئامىرىكىلىقلارنىڭ بۇ خىل قارىشى سوۋىت ئىتتىپاقى ئاففانىستانغا ھوجۇم قىلغان ۋاقىتتا رۇشەن ئىپادىلەندى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، رۇسىيە ئامىرىكا باشچىلىقىدىكى غەربتىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ شەرق ۋە غەربتىن قىستاپ ھۇجۇم قىلىشى تۈپەيلى، دىپلۇماتىيە نىشانىنى كۈنسىرى ھىندى ئوكيان رايۇنىغا كىرگۈزۈپ، جەنۇپ تەرەپتىن غەربنىڭ ئىستىراتىگىيلىك قورشاۋىنى بۆسۈپ چىقىشنى پىلانلىدى.
1995-يىلى رۇسىيە زوڭتوڭى يىلىتسىن ھىندىستاننى زىيارەت قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ يىڭى دوستلۇق شەرتنامىسى 1971-يىلى سوۋىت-ھىندىستان ئىمزالىغان ھەربىي ئىتتىپاقداشلىق شەرتنامىسىنىڭ ئورنىنى ئالدى.
ئۆتكەن يىلى باھاردا، ھىندىستان زوڭلىسى رۇسىيەگە بېرىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىستىراتىگىيلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئورناتتى.
ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا پاكىستان دىپلۇماتىيە مېنىستىرى گۆھەر ئايۇپ رۇسىيەنى زىيارەت قىلىپ، ئىككى دۆلەت دىپلۇماتىيە مېنىستىرلىرى بىۋاستە مۇناسىۋت ئورنىتىشنى قارار قىلدى.
جۇڭگۇ 1993-يىلىدىن باشلاپ نىفىت ئىكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتتىن نىفىت ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەتكە ئايلاندى. 1996-يىلىغا كەلگەندە، جۇڭگۇ ئامىرىكا ۋە ياپۇنىيەدىن كېيىنلا تۇرىدىغان دۇنيادىكى 3-چوڭ نىفىت ئىستىمال دۆلىتىگە ئايلاندى. (شۇ يىلى نىفىت ئىستىمالى 172مىليۇن توننىغا يەتتى، دۆلەت ئىچكى ئىشلەپچىقىرىشى ئاران 156مىليۇن توننا)
پەرەزلەرگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگۇنىڭ نىفىت كەملىكى 40مىليۇن توننىغا يېتىدۇ. شۇ ۋاقىتقا بارغاندا جۇڭگۇ ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ نىفىتىگە كۆپرەك تايىنىپ قېلىشتىن ساقلىنالمايدۇ.
90-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا جۇڭگۇ ئىستىراتىگىيەلىك نەزەر بىلەن جۇڭگۇ كەلگۈسى خام نىفىت ئىھتىياجى ۋە ئىمپورت مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىدىغانلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغان. 1997-يىلى جۇڭگۇ نىفىت شىركىتى ئىراق، ئىران بىلەن بىر قانچە تۈرلۈك خام نىفىتنى ئېچىش ۋە ئىمپورت قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىغان، بولۇپمۇ جۇڭگۇ قازاقىستاندىكى نىفىتلىكنى ئېچىشقا خىرىدار چاقىرىش تۈرىدە ئامىرىكا نىفىت شىركەتلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ بىر يولى غەلبە قازانغان. ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ئامىرىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغاچقا، ئامىرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرققە كىڭىيىش ۋە «يايۇنىيە-ئامىرىكا خەۋپسىزلىك ئىتتپاقى»مۇناسىۋىتىنى قايتا قۇرۇش ئىستىراتىگىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن، دەرھال جەنۇبىي ئاسىياغا دىپلۇماتىيە ھۇجۇمى قوزغىدى. چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى: « ئۆتكەن يىلى ئوبرايىت ۋە بۇ يىل ئەلباش كىلىنتوننىڭ جەنۇبىي ئاسىيانى زىيارەت قىلىشى يىڭى بىر دەۋرنىڭ باشلانغانلىقىدىن بىشارەت بەردى.»دەپ خەۋەر قىلدى.
20يىل ئىلگىرى سوۋىتنىڭ شىمالىنى ئىسكەنجىگە ئېلىش ئۈچۈن ئەلباش كات جەنۇبىي ئاسىيانى زىيارەت قىلغان. 20يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، ئامىرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى «شىزاڭ مەسىلىسى ئالاھىدە ياراشتۇرغۇچى»سالاھىتىدە ئامىرىكا ئەلباشى ئۈچۈن جەنۇبىي ئاسىيادا بىكەت ھازىرلاپ، بۇ پائالىيەتنىڭ مەنىسىنى چوڭقورلاشتۇردى.
3.جۇڭگۇ شەرق تەرەپتىن بايلىققا، غەرب تەرەپتىن ئىنىرگىيەگە ئېرىشىدىغان ئورۇن ئەۋزەللىكىگە ئېگە.
دۇنيا خەرىتىسىگە قارىغان ۋاقتىمىزدا دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋەزىيتىدە جۇڭگۇنىڭ تولىمۇ پايدىلىق ئىستىراتىگىيلىك يەر شەكلى ئورنىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىشىمىز تەس ئەمەس. دۆلىتىمىزنىڭ كەڭرى زىمىنى ئاسىيانىڭ مەركىزىي قىسمىدا بولۇپلا قالماستىن، يەنە مول بولغان ئېنىرگىيە مەنبەسى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. ئۇ شەرق تەرەپتىن تىنىچ ئوكيان بىلەن بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدىغان ئۇزۇن دېڭىز لىنيەسىگە ئىگە بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئېچىۋىتىشىگە بولۇپمۇ ياپۇنىيە، ئامىرىكىغا قارىتا ئېچىۋىتىشىگە پايدىلىق بولۇپ، جۇڭگۇ بۇ ئارقىلىق تەرەققىياتتا كەم بولسا بولمايدىغان تېخنىكا ۋە ئىقتىسادقا ئېرىشىدۇ، سودىنى كىڭەيتىشنى ئېلىگىرى سۈرىدۇ؛ ئۇنىڭ غەربىي بىۋاستە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مول نىفىتلىك رايۇنلار بىلەن تۇتاشقان بولۇپ، بۇ بىزنىڭ ئىجتىمائىي،ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئېلگىرى سۈرۈشتە كەم بولسا بولمايدىغان نىفىت بايلىقىغا ئېرىشىشىمىزگە پايدىلىق. بۇ خىل شەرقتە ئىقتىسادىي مەنبە، غەربتە ئېنىرگىيە بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدىغان يەر شارائىتى ئەۋزەللىكى، ھازىرقى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئارىسىدا نىسبەتەن ئاز كۆرىلىدۇ. ئەگەر «ئاسىيا-تىنىچ ئوكيان دەۋرى»دىن باشلاپ ئېرىشمەك تەس بولغان بۇ پۇرسەتنى ۋە جۇڭگۇ خەلقىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرەش قىلىش تونىشىنى بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلغاندا، جۇڭگۇنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى ياخشى يەر ۋە ئادەم ئەۋزەللىكىگە ئېرىشتى دېگىلى بولىدۇ. ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، جۇڭگۇنىڭ شەرقىي قىسىم رايۇنلىرى دۆلىتىمىزگە نىسبەتەن سىرتقا ئېچىۋىتىش ۋە چوڭ كۆلەملىك سودىنى قانات يايدۇرۇش جەھەتتە زور ئەۋزەللىككە ئېگە بولۇپ ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇردى؛ كىيىنكى ئەسىردە جۇڭگۇنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى ئېشىپ، غەربىي رايۇن ئەۋزەللىكى دۆلىتىمىزنىڭ كۈنسىرى ئېشىپ بېرىۋاتقان نىفىت ئىمپورت قىلىش ئىھتىياجىنى قاندۇرۇشىنى شۇبىھسىز ھالدا ياخشى يەر شارائىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلغان ياپۇنىيە ئوتتۇرا شەرققە سوزۇلغنا نىفىت لىنيەسىنى كونتىرۇل قىلدى، 30-40-يىللارغا كەلگەندە، قورال كۈچى ئارقىلىق جۇڭگۇنڭ شەرقىي ساھىللىرىدىن چىقىپ شىمالىي ۋە جەنۇبىي رايۇنلارنى پارچىلاپ بىر قانچە كىچىك «دۆلەت»لەرنى بارلىققا كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ پۈتۈن دۆلەت خەلقىنىڭ بايلىقى بىلەن ئامىرىكىنىڭ كونتىرۇللىقىدىكى تىنچ ئوكياندا ھايات-ماماتلىق قانلىق جەڭلەرنى ئېلىپ باردى. ئېنىرگىيەگە نامرات ياپۇنىيە ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ نىفىتىگە ھەددىدىن ئارتۇق تايىنىۋالغان ئامىرىكىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، تەيۋەن بوغوزى، مالاككا بوغۇزىنى كونتىرۇل قىلىش ئارقىلىق، غەرپتە ھىندى ئوكيانغا ، شىمالدا ئەرەب دېڭىزىغا كىرىپ، ئاخىرىدا پارس قولتۇقىدىكى نىفىتلىك لىنيەلىرىگە بېرىش موھىم رىئال ئەھمىيەتكە ئېگە. شۇڭلاشقا، بۇ لىنيەگە ئامىرىكا بىلەن ياپۇنىيەنىڭ ھايات-ماماتلىق ئۆچ-ئادەۋەتلىرى سىڭىشىپ كەتكەن.
جۇڭگۇنىڭ شىنجاڭ رايۇنى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تاجىكىستان، قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان قاتارلىق نىفىت دۆلەتلىرى بىۋاستە تۇتىشىدۇ، كاسپىي دىڭىزى رايۇنىدىكى ئۆزبەكىستان، تۇركمەنىستان قاتارلىق نىفىت دۆلەتلىرى بىلەنمۇ ئارىلىقى يىراق ئەمەس؛ جۇڭگۇ بىلەن پاكىستان تارىختىن بۇيان ئېناق خوشنىلار. جۇڭگۇنىڭ شىزاڭ رايۇنى بىلەن پاكىستان چىگرالىنىدۇ، پاكىستاندىن بىۋاستە ھورمۇز بوغۇزىغا تۇتىشىدۇ؛ جۇڭگۇنىڭ يۈننەن بىلەن بىرما تۇتاش، ئەگەر بىرما بىلەن بولغان دۇستلۇق مۇناسىۋەتنى يەنە بىر قەدەم ئېلگىرىلىگەن ھالدا كۈچەيىتىپ، بىرمىدا نىفىت تۇرۇبىسى ياتقۇزساق، ئوتتۇرا شەرقنىڭ نىفىتىنى دىڭىز ئارقىلىق بىرما پورتىغا توشۇپ كېلىپ، نىفىت تۇرۇبىسى ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي جەنۇبىغا يەتكۈزسەكمۇ ئالدىراش بولغان مالاككا بوغۇزى قىيىنچىلىقىدىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ. ئامىرىكا بىلەن ياپۇنىيەنىڭ ئۆز زىمىنىدىن پارس قولتۇقىغىچە بولغان دىڭىز لىنيەسىگە سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگئۇنىڭ غەربىدىكى بۇ بىر قانچە قۇرۇقلۇق نىفىت لىنيەسى جۇڭگۇغا نىفىت ئىمپورت قىلىشقىلا ئەمەس، جۇڭگۇغا تۇتاشقان ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيادىكى بىر قانچە نىفىت ئىكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ بىخەتەرلىك جەھەتتە زور ئەۋزەللىككە ئېگە، چۈنكى بۇ لىنيەنىڭ ئاساسىي بۆلىكى جۇڭگۇ تىرتورىيەسى ئىچىدە.
ھەربىي ئىشلار بىخەتەرلىكى نوقتىسىدىن ئالغاندىمۇ، بۇ لىنيەلەر جۇڭگۇ چىگرىسى ئىچىدىكى موھىم بۆلەكلەرگە جايلاشقان بولۇپ، دىڭىز قىرغىقىدىن يىراق بولۇپ، جۇڭگۇنىڭ قۇرۇقلۇق جىڭىدىكى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق. قۇرۇقلۇق جىڭى تارىختىن بۇيان شەرق قىسىملىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقى. ھاۋا كونتىرۇللىقى ۋە دىڭىز كونتىرۇللىقى غەربنىڭ يىقىنقى زامان ھەربىي ئىشلار نەزەرىيسىنىڭ ئۇل تېشى. ئامال بار قۇرۇقلۇق ئۇرۇشىدىن ساقلىنىش غەربنىڭ شەرق بىلەن بولغان ئۇرۇشى- چاۋشىيەن ئۇرۇشى ۋە ۋىيتنامنىڭ ئامىرىكىغا قارشى ئۇرۇشى بۇنىڭ سىرتىدا-دىكى ئاساسلىق ئۇسۇلى. شۇڭلاشقا، بىز پەقەت جۇڭگۇنىڭ شىنجاڭ، شىزاڭغا بولغان ئىگىلىك ھوقوقىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرالىساق، بىز جۇڭگۇ ئىچكى قىسمىنى كېسىپ ئۆتۈپ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرققە تۇتىشىدىغان رىئاللىقا ئايلىنىش ئىھتىماللىقى زور بولغان بۇ نىفىت تومۇرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالايمىز؛ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلىساق، بىز بۇ لىنيەنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلالايمىز. باشقا چوڭ دۆلەتلەرگە قارىغاندا، بۇ نوقتىنى ئورۇندىماق جۇڭگۇغا نىسبەتەن ناھايىتى ئاسان، چۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگۇ ئارقىلىق شەرقىي ئاسىياغا سوزۇلغان نىفىت ئىكىسپورت لىنيەسى ئاففانىستان ۋە ياكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ جەنۇب لىنيەسىگە سېلىشتۇرغاندا خەتىرى ئەڭ ئاز بولۇپلا قالماستىن، يەنە بازارنىڭ زور پايدا قايتۇرۇش نىسبىتىمۇ نىسبەتەن يۇقىرى. نۆۋەتتە بۇ لىنيە خىلى كۆپ دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
1995-يىلى قازاقىستان زوڭتوڭى نەزەربايىۋ ياپۇنىيەنى زىيارەت قىلغاندا، ياپۇنىيە نىفىت پىششىقلاپ ئىشلەش، توشۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 1مىليارد ئامىرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىشقا ۋەدە بەردى. ياپۇنىيە مىتسۇبېشى مالىيە گورۇھى بىلەن مىئەيكىسىن نىفىت شىركىتى بىرلىكتە «ئەسىر ھالىقىغان قۇرۇلۇش»-ياۋرۇ-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان، ئۇزۇنلۇقى 8000كىلۇمېتىر «بۆيۈك ئاسىيا نىفخت كۆۋرۇكى» قۇرۇلۇشى-نى چىنىڭ بارىچە تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. بۇ بىر تۈرلۈك ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە يىراق شەرق تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنى غەربتە تۈركمەنىستاندىن تارتىپ، ئۆزبەكىستان ۋە قازاقىستاندىن ئۆتۈپ، جۇڭگۇنىڭ شىمالىي قىسمى ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا ياپۇنىيەگە تۇتىشىدۇ. ئۇ ئەگرى-بۈگرى تۇرۇبا يولىدا تۇركمەنىستان، ئۆزبەكىستان، قازاقىستان ئۈچ دۆلەت بىلەن جۇڭگۇ شىنجاڭ تارىم ئويمانلىقىنىڭ تەبىئىي گازى جۇغلىنىپ شەرقىي ئاسىيا رايۇنىغا يەتكۈزىلىدۇ. ياپۇنىيە دىپلۇماتىيە ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇشقا كېتەرلىك مەبلەغ 22مىليارد ئامىرىكا دوللىرى بولۇپ، ياپۇنىيە مىتسۇبېشى مالىيە گورۇھى تۈركمەنىستاندا ئامىرىكا ئەيكىسىن نىفىت شىركىتى قاتارلىقلار بىلەن نۆۋەتتە لىنيەنى تەتقىق قىلىۋىتىپتۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، تۈركمەنىستاندىن تارتىپ جۇڭگۇنىڭ دېڭىز بويى رايۇنلىرىغىچە كېتەرلىك مەبلەغ 12مىليارد ئامىرىكا دوللىرى ئەتراپىدىكەن؛ ئۇندىن كېيىن نىفىت تۇرۇبىسى دىڭىز ئاستى ئارقىلىق ياپۇنىيەگە تۇتاشتۇرىلىدىغان بولۇپ، تەخمىنەن 10مىليارد ئامىرىكا دوللىرى ئەتراپىدا مەبلەغ كېتىدىكەن. بۇ ئەمەلدار سەمىمىيلىك بىلەن بۇ زور پىلاننىڭ سەۋەبىنىڭ 2010-يىلىدىن باشلاپ ياپۇنىيەنىڭ تەبىئىي گاز ئىھتىياجى ھەسسىلىنىدىغانلىقى سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ ئۆتتى. ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا جۇڭگۇ بىلەن قازاقىستان كاسپىي دېڭىزىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى نىفىتلىكنى ئېچىش ۋە جۇڭگۇنىڭ شىنجاڭ رايۇنىغا تۇتىشىدىغان نىفىت تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش مەزمۇنىدىكى قىممىتى 9مىليارد 500مىليۇن ئامىرىكا دوللىرىلىق توختام ئىمزالىدى. «ئاسىيا ھەپتىلىكى» بۇ نىفىت تۇرۇبىسىنىڭ جۇڭگۇنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقى ئارقىلىق تىنىچ ئوكيانغا تۇتاشتۇرۇلىشىنى ئۈمىد قىلدى. رۇسىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى» «بۇ تۇرۇبىنى موقىمسىز بولغان ئاففانىستان ئارقىلىق پارس قۇلتۇقىغا تۇتاشتۇرغاندىن ياخشى. پارس قولتۇقى يولىدىكى ئىمبارگۇ يۈرگۈزۈلگەن ئىراقنىڭ تۇرۇبىنى گۈرۈگە ئالغىنىدىن تېخىمۇ ياخشى» دېدى. تىنىچ ئوكيان بىلەن ھىندى ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان، جۇڭگۇ چىگىرىسى ئىچىدىكى شەرقتىكى پورت يۈنگاڭدىن تارتىپ گۈللاندىيەدىكى روتتىردامغا تۇتاشقان يىڭى ياۋرۇ-ئاسىيا لىنيەسى ئېچىلغىنىغا ئاللىقاچان 5يىل بولدى. كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن جەنۇبىي ئاسىيانى تۇتاشتۇرۇش ۋە تىنىچ ئوكياندا نىفىت تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش كىيىنكى ئەسىردىكى تالاش-تارتىش قىلىنمايدىغان موھىم ئىش. بۇ لىنيە جۇڭگۇنىڭ باشلانغان شەرقىي ئاسىيانىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماستىن، يەنە كېلىپ شەرقىي شىمالىي ئاسىيا ياپۇنىيەنىڭ كىيىنكى ئەسىردىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى داۋاملاشتۇرىشى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن موھىم ئەھمىيەتكە ئېگە.
4.جۇڭگۇ چوڭ قۇرۇقلۇقى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ھەتتا ئوتتۇرا شەرققە تۇتاشقان نىفىت تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش دۆلىتىمىزگە نىسبەتەن موھىم سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە.
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، جۇڭگۇ چوڭ قۇرۇقلۇقى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ھەتتا ئوتتۇرا شەرققە تۇتاشقان نىفىت تۇرۇبىسىنى ياتقۇزۇش بىزگە نىستەتەن چوڭقور سىياسىي ئەھمىيەتكە ئېگە. چۈنكى بۇ لىنيە جۇڭگۇنى ياپۇنىيە بىلەن ئامىرىكا ئوتتۇرىسىدىكى تىنىچ ئوكيان نىفىت تۇرۇبا لىنيەسى توقۇنىشىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن جۇڭگۇ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نۆۋەتتە زور دەرىجىدە ساقلىنىۋاتقان شەرقىي شىمالىي ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانىڭ قوش تەرەپلىمىلىك ۋە ياكى كۆپ تەرەپلىمىلىك زىددىيەتلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ تۇرۇپ مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. شەرقىي ئاسىيادىكى كۆپچىلىك زىددىيەتلەر ئامىرىكا بىلەن ياپۇنىيەنىڭ تىنىچ ئوكياندىكى ئوتتۇرا شەقتىكى مول نىفىت رايۇنلىرىغا تۇتاشقان توشۇش لىنيەسىنى باشقۇرۇشىغا مەركەزلەشكەن. بۇ لىنيەنى كونتىرۇل قىلىش ئۈچۈن، ئامىرىكا بىلەن ياپۇنىيە ئوتتۇرىسدا بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان قانلىق ئۇرۇشلار بولغان؛ بەزىلەر بۇ لىنيەدىكى تۈگۈنلۈك ئورنىغا تايىنىپ، شەرقىي ئىتتىپاقتا دۇنياۋى خەلقئارالىق ئورۇنغا ئىگە بولغان. كىيىنكى ئەسىردە جۇڭگۇ نىفىت ئىستىراتىگىيلىك بايلىقىنى ئىمپورت قىلىشتا ئەگەر تىنىچ ئوكياندىكى بۇ لىنيەنى تاشلىۋىتەلىسە، خەلقئارا دىپلۇماتىيە سەھنىسىدە ياپۇنىەي بىلەن ئامىرىكا ئوتتۇرىسىدىكى تارىخىي ئۆچمەنلىكلەردىن قول بوشىتالايدۇ ھەم تېخىمۇ ئەركىن بولغان چوڭ دۆلەتلىك ئورنىغا ئېرىشەلەيدۇ. ئامىرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى جۇڭگۇ دىپلۇماتىيەسى ئات ئايلىخانغا، يول سارىخانغا بولىۋاتىدۇ. ئۇلار بۈگۈن «شىياڭگاڭ مەسلىسى» ۋە «تەيۋەن مەسىلىسى»نى كۆتۈرۈپ چىقسا، ئەتە «جۇڭگۇنىڭ شەرقىي دىڭىز دىياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسى» ۋە «جەنۇبىي دېڭىز سىپوراتىل تاقىم ئاراللىرى (جۇڭگۇنىڭ نەنشا تاقىم ئارىلىنى كۆرسىتىدۇ)مەسىلىسى»نى كۆتۈرۈپ چىقىپ، جۇڭگۇنى مۇشۇنداق تۈگىمەس «مەسىلە»لەرگە بەند قىلىش ئارقىلىق، ئامىرىكا ئارىلاشماسلىق تەرەپدارىلىق بايرىقىنى كۆتۈرىۋىلىپ پايدىغا ئېرىشپلا قالماستىن، يەنە جۇڭگۇ ئىقتىسادىنى غەرپكە ئەكىرىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستىراتىگىيەلىك مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئامىرىكا ئۆتكەن يىلى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرققە كىڭىيىشى ۋە ئامىرىكا-ياپۇنىيە ئىتتىپاقداشلىق، ھەمكارلىق مۇناسىتىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ئوق-دورا پۇراپ تۇرىدىغان ئىستىراتىگىيلىك ئورۇنلاشتۇرىشىنى تۈگەتتى. بۇ يىل ئامىرىكا دىپلۇماتىيەسىنىڭ موھىم نوقتىسى جەنۇبىي ئاسىيا (ئامىرىكىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا دىپلۇماتىيەسى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دىپلۇماتىيەسى بىر گەۋدىلەشكەن)غا مەركەزلەشتى. بۇ چوقۇم يۈكسەك دىققەت قىلىدىغان يۈزلىنىش.
كۆرىۋالالايمىزكى، شەرقىي شىمالىي ئاسىيادا ياپۇنىيە ئامىرىكا «بىرلەشمە مۇداپىئە ھەمكارلىقى»ئورناتتى، ئۇلارنىڭ قانداق چۈشەندۈرىشىدىن قەتئىنەزەر، ئۇ كىيىنكى قەدەمدە جۇڭگۇنىڭ تەيۋەن رايۇنىنىمۇ «ئەتراپتىكى ئىشلار ھالىتى»گە كىرگۈزدى. ئەەەر تەيۋەن ۋەزىيتىدە كونتىرۇل كۈچى ئۆزگەرسە، جۇڭگۇ جۇڭگۇ تىرتورىيەسى ئىچىدىكى تىنىچ ئوكيانغا كىرىدىغان دىڭىز ئېغىزىدىن ئايرىلىپ قالىمىز. نۆۋەتتە، جۇڭگۇ يەنە «ھالقىسىمان زەنجىر» قورشاۋى ۋەزىيىتىگە دۈچ كەلدى. ئامىرىكا ئۆتكەن يىلى بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشنى پۈتتۈردى. ئەگەر بۇ يىل ئامىرىكا جەنۇبىي ئاسىيا بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا بۇ خىل ئورۇنلاشتۇرۇشنى-بۇ ئامىرىكىنىڭ يىڭى دىپلۇماتىيەسى يەتمەكچى بولغان نىشان-پۈتتۈرسە، ئۇنداقتا جۇڭگۇ بىلەن ئامىرىكا باشچىلىقىدىكى غەرپتىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى بىردىنلا جىددىيلىشىدۇ. بىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا زور مىقداردىكى ئېنىرگىيەگە مۇھتاج بولىۋاتقان ئەھۋالدا، نىفىت ئىمپورت لىنيەسىنىڭ ئۈزىۋىتىلىش ئىھتىماللىقى مەۋجۇت. چۈنكى ئامىرىكىنىڭ دۇنيا ئىستىراتىگىيسىنىڭ موھىم نوقتىسى ئوتتۇرا شەرقتىكى نېفىت؛ ئامىرىكىنىڭ جۇڭگۇغا قاراتقان دىپلۇماتىيەسىدىكى يەر سىياسىيسى بويىچە جۇڭگۇنىڭ دۆلەت كۈچىنىڭ غەرپكە كىرىشىنى توشۇش ۋە جۇڭگۇ بىلەن مول نىفىت دۆلەتلىرىنىڭ بىۋاستە ئالاقىلىشىشىنى ئۈزىۋىتىش؛ ئامىرىكا سوۋىت ئىتتىپاقىنى پارچىلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق، رۇسىيەنى ئوتتۇرا شەرق رايۇنىدىن يىراقلاشتۇردى، كىيىنكى قەدەمدە ئامىرىكا يەنە ئوخشاش پىكىر بويىچە جۇڭگۇنىڭ شىزاڭ رايۇنىنى بۆلىۋىتىش ئارقىلىق جۇڭگۇدىمۇ ئوخشاش مەقسەتكە يەتمەكچى بولىۋاتىدۇ. شىزاڭغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ئۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئەمەس، ئەمما شىزاڭ بۆلىۋىتىلسە جۇڭگۇ بىلەن ئوتتۇرا شەرقتىكى مول نىفىت رايۇنى ئوتتۇرىسىدا بىر سىياسى شۇمبۇيا (توسۇق)پەيدا بولىدۇ، بۇ ئامىرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىستىراتىگىيلىك مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. ئاتالمىش «غەربتىكى 7دۆلەت گورۇھى»ئەمەلىيەتتە دۇنيا نىفىت بايلىقىنى مۇنوپۇل قىلىش ئورنىدىن ئورتاق بەھرىمان بولىدىغان گوروھ. ئۇلارنىڭ مەبلەغ پايدىسى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما نىفىت مونۇپۇللىقى پايدىسىدا، ئۇلار سىرتقا ئەزەلدىن قىلچە بىپەرۋالىق قىلمايدۇ. بۇ غەربتىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ دالاي بۆلگۈنچى گورۇھىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئىزچىل ئالاھىدە مايىل بولۇپ كەلگەنلىكىنىڭ سەۋەبى.
گىپىنى ئاڭلاپلا قوي، ھەرىكىتىگە سەپ سال. بۇ ئامىرىكا دىپلۇماتىيە مۇساپىسىگە ھۆكۈم قىلىشتىكى ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل. ئامىرىكا دىپلۇماتىيەسىدىكى ئەمەلىيەتچىلىك (پراگماتىزم) پىرىنسىپى پارس قولتۇقى ئۇرۇشىدا تولۇق ئاشكارىلاندى. پارس قولتۇقى ئۇرۇشىنىڭ كىيىنكى مەزگىلىدە ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيسى كوردلارغا ھۇجۇم قىلدى، «ئىنسان ھوقوقى»دەپ جار سېلىپ كىلىۋاتقان ئامىرىكا بولسا ئۇلارنى قوللىدى. ئەمما ئاخىرى كۈتكەندەك چىقىپ، ئامىرىكا ئۇرۇشتىكى ئەشەددىي رەقىبى سادامنى ساقلاپ قالدى. ئەمەلىيەتتە سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي، پەقەت سادام ئۆرۈلمىسىلا، كۇۋەيت قاتارلىق دۆلەتلەر ھەربىي جەھەتتە ئامىرىكىغا تايىنىدۇ، ئامىرىكا پارس قولتۇقىدا ئۇزۇن مۇددەت قوشۇن تۇرغۇزۇشتا يىتەرلىك سەۋەپكە ئېرىشەلەيدۇ. پەقەت ئامىرىكا پارس قولتۇقىدا ئۇزۇن مۇددەت قوشۇن تۇرغۇزالىسىلا، ئامىرىكىنىڭ نىفىتى ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. ئوتتۇرا شەرقنىڭ نىفىتى ئۈچۈن، ئامىرىكا ئىراقنى ئوڭ-تەتۇر ئويناتتى؛ ئوخشاشلا نىفىت ئۈچۈن ئامىرىكا يەنە «شىزاڭ مەسىلىسى»دە جۇڭگۇغا يۇمشاق قوللۇق قىلمايدۇ. ئامىرىكىنىڭ ئاتالمىش «شىزاڭ ئىنسان ھوقوقى» ئەمەلىيەتتە نىفىت كونتىرۇل ھوقوقى. ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانى كونتىرۇل قىلسا، نىفىتنى كونتىرۇل قىلغىلى بولىدۇ. نىفىتنى كونتىرۇل قىلسا، دۇنيانى كونتىرۇل قىلغىلى بولىدۇ. مانا بۇ ئامىرىكىنىڭ مەنتىقىسى. جۇڭگۇغا نىسبەتەن، شىزاڭ، شىنجاڭنى موھىم ھالدا چىڭ تۇتسا، نىفىت تەمىنلەش لىنيەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالايدۇ. پەقەت نىفىت تەمىنلەشنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالىغاندىلا، جۇڭگۇ ئىقتىسادىنىڭ يىڭى ئەسىردە تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ.
5.تەدبىر ۋە تەكلىپ
بۈگۈنكى تارىخ، سۇغۇق ئۇرۇش سىياسىيسىغا قايتىپ كەتكەنگە ئوخشاپ قالدى. 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياقلاشقان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئامىرىكا، سوۋىت ياۋرۇپانى تالىشىش ئۇرۇشى باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ۋارشاۋا ئەھدىنامىسى تەشكىلاتىنىڭ تىركىشىشى باشلاندى. ئارقىدىنلا ئامىرىكا، سوۋىتنىڭ شەرقىي ئاسىيانى تالىشىش كۆرىشىدە ياپۇنىيە، ئامىرىكا «سوتسىيالىزىمنى چەكلەش» ھەربىي ئىتتىپاقى شەكىللىنىپ، «ھالقىسىمان زەنجىر»قوراشتۇرۇلدى. 60-يىللاردىن كېيىن، ئامىرىكا، سوۋىتنىڭ تالىشىش نوقتىسى ئوتتۇرا شەرق ۋە جەنۇبىي ئاسىيا رايۇنىغا يۆتكەلدى. 80-يىللاردا سوۋىت ئاففانىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ، 50-يىللاردىكى چاۋشىيەن ئۇرۇشىدىن كىيىنكى يەنە بىر يۇقىرى توقۇنۇش پەللىسىنى ياراتتى. 90-يىللاردا سوۋىت پارچىلانغان دەسلەپكى مەزگىلدە، تارىخ يەنە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياقلاشقان مەزگىلدىكىدەك تەرتىپسىز ھالەتكە يانغاندەك ئەھۋال كۆرۈلدى. ئىلگىرى سوغۇق ئۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان ھەربىي ۋە سىياسىي ئىتتىپاقلار بىردىنلا ئۆزئارا سوغۇقلىشىپ قالدى. 90-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، رۇسىيەنىڭ قايتىدىن گۈللىنىشى ۋە جۇڭگۇنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن تىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئامىرىكا ۋە باشقا ئىتتىپاقداشلىرى ئېنىق رەقىب بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا يەنە كونا پەدىسىگە دەسسەپ، ئۈن-تىنسىز ھالدا شەرق ۋە غەربتىن رۇسىيە بىلەن جۇڭگۇنى ئىستىراتىگىيەلىك قورشاشنى ئاخىرلاشتۇردى. ھازىر ئۇلار يەنە جەنۇبىي ئاسىياغا قاراپ كېڭىيىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا قارىتا بىز سۇ كەلگۈچە تۇغان تۇتۇپ بالدۇرراق ياخشى تەييارلىق قىلىىشىمىز كىرەك.
1. يەر ئىستىراتىگىسيسى نوقتىسىدىن قارىغاندا، شىزاڭ ۋە شىنجاڭنىڭ جۇڭگۇنىڭ 21-ئەسىردىكى تەرەققىياتىدىكى ئىستىراتىگىيلىك ئەھمىيتىنى تولۇق تونۇش كىرەك. شىزاڭ، شىنجاڭنىڭ ئىگىلىك ھوقوقى مەسىلىسىدە قىلچىلىك مەسلىھەتلىشىدىغان ئورۇن يوق. ھازىر ئەسكەرتىدىغىنىم شۇكى، 21-ئەسىردە ئەگەر شىزاڭ ۋە شىنجاڭدا كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولغان مالىمانچىلىق يۈز بەرسە، بىز ئالدى بىلەن سەگەكلىك بىلەن غەربتىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ يەنە بىر ئۇلار پارس قولتۇقى ئۇرۇشىدا ئىشلەتكەن ئاتالمىش «كوردلارنى قوغدايدىغان ئۇچۇش چەكلەنگەن رايۇن»تاكتىسىدىن پايدىلىنىپ، شىزاڭ، شىنجاڭ رايۇنىنى ئۆزگەرتىپ پارچىلىشىدىن مۇداپىئەلىنىشىمىز كىرەك.
شىزاڭ، شىنجاڭ رايۇنى جۇڭگۇنىڭ يەر سىياسىيسىنىڭ تۈگۈنى، سوۋىتنىڭ پارچىلىنىشى ئۈچ بالتىق دىڭىزى ئىتتىپاقداش جۈمھۈرىيتىنىڭ مۇستەقىل بولىشىدىن باشلانغان، ئەگەر شىزاڭ بىلەن شىنجاڭ مۇستەقىل بولسا، مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان زەنجىرسىمان ئىنكاسلارنى پەيدا قىلماي قالمايدۇ. بۇنىڭدا دۆلىتىمىز غەربىي لىنيەدە ئېگىز توسۇقتىن ئىبارەت تەبىئىي قوغدىغۇچىدىن ئايرىلىپلا قالماستىن، يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا غەربىي جەنۇپتىكى يۇقىرى تېخنىكا سانائەت رايۇنلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان تەھدىتمۇ زورىيىدۇ.
2.ئىقتىساد دىڭىز بويى رايۇنلىرىدا كۆتۈرۈلۈپ، ئاندىن ئىچكى قۇرۇقلۇقتا داۋاملىشىپ سىرتقا كىڭىيىدۇ. بۇ دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر (مەسىلەن ئەنگىلىيە ۋە ئامىرىكا) ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيتى. ئەكسىچە، ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان رايۇنلار ئۇزۇن مەزگىل دىڭىز بويىدىكى شەھەرلەرگە مەركەزلىشىپ قالسا، بۇ تاشقى كاپىتالغا تايانغان ئىقتىسادنىڭ ئالاھىدىلىگى. مەركەز ئاللىقاچان «غەربىي رايۇننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش»ئىستىراتىگىيسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە تەرەققىياتنىڭ موھىم نوقتىسىنى غەربىي رايۇنلارغا قاراتتى. يىقىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ ئاساسىي مەھسۇلاتلاردا مەركەز ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايۇنلىرىغا سىياسەت جەھەتتە ئېنىق يىتەكچىلىك قىلدى. مەسىلەن: بىيجىڭ-جىيۇلۇڭ تۈمۈريولى، سەنشىيا ۋە شىياۋلاڭدى小浪底 قۇرۇلۇشى، قەشقەر-كورلا تۈمۈريولى، تارىم نىفىتلىكى قاتارلىقلار....
بۇ يەردە ۋاقتىدا تونۇپ يېتىدىغىنىمىز شۇكى، بىز ئۈچ سەپ قۇرۇلۇشى 三线建设 مىراسلىرىنىڭ بۈنىڭدىن كىيىنكى جۇڭگۇنىڭ ئىقتىسادىنىڭ غەربكە كىرىشىدىكى ئىستىراتىگىيلىك قىممىتىنى كۆرۈپ يېتىشىمىز كىرەك. ئەگەر بىز بۇ مىراسقا سەل قارىساق ياكى تاشلىۋەتسەك ئۇنداقتا كەلگۈسى جۇڭگۇ ئىقتىسادى غەربكە كىرىدىغان يولدا يەنە غايەت زور مەبلەغ بىلەن ئۇل ئەسلىھە ۋە تايانچ كارخانىلارنى قايتىدىن قۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن زور ئىسراپچىلىق پەيدا بولىدۇ. جۇڭگۇنىڭ خەلقئارا سىياسىي سەھنىدىكى ئوبرازىنى ئۆزگەرتىشنى كۆزدە تۇتقاندا، جۇڭگۇ ئىقتىسادىنىڭ غەربكە كىرىش سۈرئىتىدە جۇڭگۇنىڭ غەربىي رايۇنلىرىنىڭ بىخەتەرلىك، ئامانلىقىمۇ زۆرۈر ئەھمىيەتكە ئىگە.
3.ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەتكە يىتەرلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىش كىرەك.
ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان دوستانە مۇناسۋەتكە يېتەرلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىش جۇڭگۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق نىفىتىنى ئىچىشقا قاتنىشىشىدا چوڭقور رىئال ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى يەر ئىستىراتىگىيسى نوقتىسىدا تۇرۇپ تونۇپ يېتىشىمىز كىرەك.
ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇرۇشى ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ئىغىر ئىقتىسادىي يۈك پەيدا قىلىپ، ئامىرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىستىراتىگىيسىنىڭ بالدۇراراق ئەمەلگە ئىشىشىغىمۇ پايدىلىق تەسىر كۆرسەتتى. ئامىرىكا ئاففانىستان ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە پارس قولتۇقىغا تۇتىشىدىغان نىفىت توشۇش لىنيەسىنى قۇرۇشقا ئالدىراۋاتىدۇ. دۆلىتىمىز ئاففانىستان ئىچكى ئۇرۇشىنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغانلىق پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئاففانىستاننىڭ تىنىچلىق قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتىنىشىش بىلەن بىرگە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىپ، خەۋپ-خەتەرنى ئازايتىپ، چوڭ بازارلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئامىرىكىدىن ئاۋۋال ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ نىفىت ئىكىسپورت قىلىش قىزغىنلىقىنى جۇڭگۇغا جەلپ قىلىش كىرەك.
4. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ نىفىت ئىكىسپورت قىلىش قىزغىنلىقىنى شەرقىي ئاسىياغا جەلپ قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتىش جۇڭگۇغىلا پايدىلىق بولۇپ قالماستىن، ياپۇنىيە ۋە شەرقىي ئاسىيا رايۇنىنىڭ ئىستىراتىگىيلىك مەنپەئەتىگىمۇ پايدىلىق. ئوتتۇرا ئاسىيادىن جۇڭگۇ چوڭ قورۇقلۇقى ئاقرىلىق شەرقىي ئاسىياغا تۇتاشقان نىفىت ئىمپورت لىنيەسى يەنە ياپۇنىيەنىڭ دىڭىز نىفىت توشۇش لىنيەسىگە ھەددىدىن زىيادە تايىنىشچانلىقىدىن قۇتۇلۇشىغىمۇ پايدىلىق.
1997-يىلى ياپۇنىيە باش ۋەزىرى «ياۋرۇ-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى دىپلۇماتىيەسى» تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ياپۇنىيە مىتسۇبېشى مالىيە گوروھى بىلەن ئامىرىكا ئەيكىسىن نىفىت شىركىتى بىرلىكتە ياۋرۇ-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى كېسىپ ئۆتكەن، ئۇزۇنلىقى 8000كىلۇمېتىرغا يىتىدىغان، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇر
收藏到:Del.icio.us