پرېستان: مۇۋەپپەقىيەت:ئۇزلۇكسسىز تىرىشقانلارغا ....مەغلۇبىيەت يەنىلا شۇ ھۇرۇنلارنىڭ دەسمايىسى.. |
-
2009-05-15
گىتلىرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دىگەن كىتابى - [تارىخ]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/39405803.html
ئاۋۇسترىيە مۇنارخىيىسى
ئاۋۇسترىيە مۇنارخىيىسىنىڭ يىمىرلىشىنى تىزلەتكەن ئامىللار ئىچىدە ئىمپىرىيە پارلامېنتى، يەنى ئاۋۇسترىيىلىكلەرنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا رېيچسرات دەيدىغان ئورگان ئالدىنقى ئورۇندا تۇراتتى. بۇنى نەزەر دائىرىسى ئىنتايىن تار بولغان بۇرجۇئازىيىمۇ تونۇپ يەتكەن ئىدى. بۇ ئورگان بىر قارىماققا كلاسسىك دېموكراتىيىنىڭ ۋەتىنى بولغان ئەنگىلىيىدىن ئۈلگە ئېلىنىپ قۇرۇلغاندەك كۆرۈنەتتى. بۇ مۇئەسسە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۆزگەرتىلمەي ئەنگىلىيىدىن ۋىيېناغا ئۆزپىتى كۆچۈرۈپ كېلىنگەن بىر ئورگان ئىدى.
قوش قۇرۇلتايلىق ئەنگىلىيە ھاكىمىيەت سىستېمىسى تۆۋەن پالاتا (ئاۋام قۇرۇلتىيى ــ ت) ۋە يوقۇرى پالاتا (ئاقسۈڭەكلەر قۇرۇلتىيى ــ ت) دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ پائالىيەت قىلاتتى. بۇ ئىككى قۇرۇلتاي بىر-بىرسىدىن پارلامېنت بىنالىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەنلا پەرقلىنىپ تۇراتتى. بىر يىللىرى باررىي دىگەن ئېنجىنېر، تايمىس دەرياسىنىڭ شاۋقۇنلىرى ئىچىدىن كۆتۈرۈلگەن پارلامېنت بىناسىنى قۇرۇشقا كىرىشكەن ۋاقتىدا برىتانىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ تارىخىي مەنبەلىرىدىن پايدىلانغان ئىدى. 1200 بۆلۈملۈك شامدان، ۋاسا ۋە تۈرۈكلەر بىلەن بىزەلگەن، ھەيكەللەر ۋە ماي بوياق رەسىملەر ئارقىلىق زىننەتلىنىپ چىقىلغان ئاق سۈڭەكلەر قۇرۇلتاي سارىيى بىلەن ئاۋام قۇرۇلتاي سارىيى ئېنگىلىزلارنىڭ غۇرۇرلىنىپ تەلپۈنىدىغان ئورنىغا ئايلانغان ئىدى.
ۋىيېنادىكى پارلامېنت سارىيىنى سېلىش جەريانىدا تۇنجى كۆرۈلگەن مەسىلە بىزەشكە كەلگەندە كۆرۈلىدۇ. دانىيىلىك خانسېن خەلققە ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ ساراينىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە مەرمەر پارچىسىنى قويۇپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن بۇ ساراينى بىزەش ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا تارىخىي مەنبەلەردىن ئۈلگە ئېلىشنى ئويلايدۇ. ‘غەرپ دېموكراتىيىسى’ نىڭ تىياتىرخانىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بۇ ھەشەمەتلىك بىناسى يونان ۋە رىم دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن پەيلاسوپلىرىنىڭ ھەيكەللىرى بىلەن بىزىلىدۇ. مازاق قىلىنغاندەك بىر يېرى، بۇ بىنانىڭ ئۈستىنى بىزىگەن ‘غالىبىيەت ھارۇۋىسى’ نى تارتقان ئاتلار تۆت تەرەپكە قاراپ چاپچىپ تۇرغان بولۇپ، بۇ مەنزىرە بىنانىڭ ئىچىدە يۈز بېرىدىغان ھەممە ھەر تەرەپكە سۆرەيدىغان بۆلۈنۈش ۋەزىيىتىنى بىنانىڭ سىرتىدا ئاشكارە تەسۋىرلەپ بەرمەكتە ئىدى.
ئاۋۇسترىيە ھەر مىللەت خەلقى، كەمسىتىش خاراكتىرىنى ئالغان بۇنداق بىر تەسۋىرنى بىزگە ھاقارەت قىلغانلىق دەپ ھىساپلاپ بۇ ساراي بىناسىدا ئاۋۇسترىيە تارىخىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىنغان دەپ نارازىلىق بىلدۈرىشى پۈتۈنلەي مۇمكىن ئىدى. ئەمما بۇ ئىمپىرىيە پارلامېنت بىناسى، گېرمانىيە رېيچتا “نېمىس خەلقىگە سوغات” دېگەن خەتلەر ئويۇلۇپ پاۋل ۋاللوتنىڭ تاپشۇرغىنىدەك ۋىيېنادىمۇ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ گۈلدۈرمامىلىرى ئىچىدە ئاۋۇستىرىيىلىكلەرگە سوۋغا قىلىنغان ئىدى.
تېخى يىگىرمە ياشقىمۇ كىرمىگەن بىر ۋاقىتلىرىمدا، بىر قېتىملىق قۇرۇلتاي يىغىنىنى ئاڭلاپ بېقىش ئۈچۈن فرانزېنسرىڭ سارىيىغا بىرىنچى قېتىم كىرگەن ۋاقتىمدا بەدىنىمنى توك سوقىۋەتكەندەك ھىسىياتلارغا كىرىپ قالغان ئىدىم.
ئەسلىدە مەن قۇرۇلتاي (پارلامېنت) غا ھەقىقەتەنمۇ ئۆچ ئىدىم. شۇنداقتىمۇ مېنىڭدىكى بۇ ئۆچلۈك ھەرگىزمۇ بۇ ئورگانغا بولغان ئۆچلىكىمدىن كەلگەن ئەمەس، ھەتتا مەن لىبېرالىستىك كۆز قاراشلىرىم تۈپەيلىدىن پارلامېنت تۈزۈمىدىن باشقىچە بىرەر ھاكىمىيەت شەكلىنىمۇ ئەقلىمگە كەلتۈرەلمەي تۈرەتتىم. ئۇ كۈنلەردە ھەرقانداق بىر دىكتاتورلۇق كۆز قارىشى ھابسبۇرگ سارىيىغا بولغان ئۆچمەنلىك قارىشىمغا سېلىشتۇرۇلغاندا گويا ئەركىنلىك، ئەقىل، مەنتىققا قارشى ئېغىر خىيانەتكارلىقتەكلا بىلىنەتتى. مېنىڭدە بۇنداق قاراشنىڭ شەكىللىنىپ قېلىشىغا ئەنگىلىيە پارلامېنتىغا بولغان ھەيرانلىقىم سەۋەپ بولغان بولىشى مۇمكىن. مېنىڭدىكى بۇ خىل پارلامىنت سۆيگۈسى، ياش ۋاقىتلىرىمدا ئوقۇغان گېزىتلاردىن ئالغان تەسىراتلىرىمدىن بارلىققا كەلگەن بولىشىمۇ مۇمكىن. ئاۋام كامىرىسىنىڭ ئەنگىلىيىدە ئۈستىگە ئالغان ۋەزىپىلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئورۇنداپ كېلىۋاتقانلىقىنى گېرمان گېزىتلىرى ئالاھىدە كۆككە كۆتۈرۈپ ماختاپ تونۇشتۇرۇشلىرى مېنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن ئىدى. ئۇ كۈنلەردە بىر خەلقنىڭ ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرغىنىدىن ئارتۇق يەنە قانداق بىر ھاكىمىيەت تۈزۈمىنى تەسەۋۋۇر قىلالىشىم مۇمكىن؟ ئاۋۇسترىيە قۇرۇلتىيىغا ئۆچ بولۇپ قېلىشىمغا ئۇنىڭ خەلقنى كۆزدە تۇتماي ھەردائىم خاتالىق سادىر قىلىپ تۇرۇشلىرى، ناتوغرا قارار چىقىرىشلىرى سەۋەپ بولغان بولۇپ، بۇنداق خاتالىقلار شەرەپلىك بىر ئورگاننىڭ ئىناۋىتىگە قىلىنغان ھاقارەت دەپ قارايتتىم. بۇ جەرياندا ئۇلارغا ئۆچ بولۇپ قېلىشىمغا باھانە بولۇپ بېرىدىغان مۇنداق بىر ئەھۋالغىمۇ دۈچ كەلگەن ئىدىم:
ئاۋۇسترىيە دۆلىتى تەۋەسىدىكى گېرمان ئامىللىرىنىڭ تەغدىرى رېيچسراتنىڭ ئالىدىغان قارارلىرىغىلا باغلىق ئىدى. مەخپى ئاۋاز بېرىش ياكى ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈش لايىھىسى ماقۇللانماستىن بۇرۇن پارلامېنتتا سانى ئاز بولسىمۇ خېلى كۈچلۈك گېرمان ۋەكىللىرىنىڭ تەسىرى مەۋجۇت ئىدى. ئەسلىدىنلا گېرمان ۋەكىلىنىڭ بۇنچە ئاز بولىشىمۇ كىشىنى ئويغا سالماي قويمايتتى. چۇنكى مىللەت نوقتىسىدىن ئالغاندا سوتسيال دېموكرات پارتىيىسى گېرمان مەنپەئەتى ئۈستىدە قارار ئېلىشقا توغرا كەلگىنىدە ھەر دائىم رەقىپلەرگە يان بېسىپ ئاۋاز بېرىشكە مايىللىقى كىشىنى ئويلاندۇرماي قويمايتتى. سوتسيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ بۇنداق قىلىشى گېرمانلاردىن باشقا ئۇنسۇرلاردىن ئايرىلىپ قېلىشتىن بەكلا ئەنسىرەيدىغانلىقىدىن كەلمەكتە ئىدى. دىمەك، شۇ ۋاقىتلاردىن تارتىپلا سوتسيال دېموكراتلار پارتىيىسىنى بىرەر گېرمان پارتىيىسى دەپ قارىغىلى بولمايتتى. ئومۇمىي سايلام ئۇسۇلى قوبۇل قىلىنغىنىدىن كېيىن گېرمانلارنىڭ سان جەھەتتىن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلىشىمۇ ئەمەلدىن قالغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ، گېرمانلىقنى تازىلاش پۇرسىتى يارىتىلغان ئىدى.
شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، مېنىڭدىكى مىللەتچى (ناسيۇنالىست)، مۇتەئەسسىپ تۇيغۇلىرىم گېرمانلىققا تەۋە بولغان ھەر قانداق نەرسىنى ھىمايە قىلىشقا قاراپ ئۆزگىرەپ، گېرمان ئامىللىرىنى قوغداش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئۇنىڭغا ئۆچمەنلىك قىلىدىغان بۇنداق بىر قۇرۇلتاينى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلالمايدىغان بولۇپ يېتىلمەكتە ئىدىم.
ئەمما بۇ يەردىكى مەسىلە ئاۋاز ئۈستۈنلىكىدىكى گەپ ئەمەس بەلكى ئاۋۇسترىيە دۆلىتىنىڭ ئۆزىدىكى مەسىلە ئىدى. قېرىپ كەتكەن بۇ دۆلەت مەۋجۇد بولۇپ تۇرالىشىغا كۈچى يەتمىگەنسىرى، گېرمان مىللىتىمۇ بۇ قۇرۇلتايدا بىرىنچى دەرىجىلىك بىر ئورۇنغا ئېرىشەلىشى ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. مەن ھۆرمەت قىلىشقا تىگىشلىك، ئەمما ئىناۋىتىنى ئاللىمۇقاچان يوقۇتۇپ بولغان بىر سارايغا ئەنە شۇنداق بىر روھىي ھالەت ئىچىدە كىرىپ كەلگەن ئىدىم. شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتىمەنكى، مەن بۇ يەرگە كىرىۋاتقان ۋاقتىمدا بىنانىڭ دەب-دەبىلىك كۆرۈنىشى ئالدىدا بىر تۈرلۈك ھۆرمەت ھىسىياتىم بىلەن كىرىپ كەلگەن ئىدىم. بۇ بىنا ــ گېرمان تۇپراقلىرى ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر يونان مۇجىزىسى ئىدى.
ئەمما قۇرۇلتاي زالىدا بولىۋاتقان ئىشلارنى كۆرگىنى
收藏到:Del.icio.us