پرېستان: مۇۋەپپەقىيەت:ئۇزلۇكسسىز تىرىشقانلارغا ....مەغلۇبىيەت يەنىلا شۇ ھۇرۇنلارنىڭ دەسمايىسى.. |
-
2009-05-21
بىرلەشسە دىن بىلەن ئىلىم -پەن - [ھىكمەتلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/39721252.html
بىرلەشسە دىن بىلەن ئىلىم -پەنمەن يوللىغان بۇ شېئىرنى 80 يىل بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن دىنى پەننى ئالىم دەپ پۇتۇن دۇنيا ئىتىراپ قىلغان تەنتاۋى رەھمىتۇللا ئالەي يازغان ھەم مۇنداق دېگەن:
بىز تاپىنىمىز ئاستىدا دەسسەپ يۇرگەن ھەقىقەت نۇرغۇن . كوز ئالدىمىزدا تۇرىدۇ. ئاللا بىلدۇرمىسە بىلمەيمىز ، كۆرمەيمىز. شۇنىڭ ئۇچۇن، ئاللاھ « قاراڭلار، تەپەككۇر قىلىڭلار »دېگەن. ئەمما بىز ھايۋاندەكلا يەپ-ئىچىپ ئۇخلاۋاتىمىز ،ئىسىت!
قەلبىمگە يېقىپ قالدى ئىلىم-پەن،
قەلبىمگە لەززەت سالدى ئۇ خۇددى شىكەر- قەن.
دىن بىلەن ئىلىم- پەن خۇددى روھ بىلەن تەن،
نادانلىقتىن ئارىلىقنى زىدلاشتۇرما! سەن.
بىرلەشسە دىن بىلەن ئىلىم-پەن،
تەرەققى قىلىدۇ بىزنىڭ ئانا ۋەتەن.
زىدلاشتۇرۇپ دىن بىلەن ئىلىم-پەننى سەن،
ۋەتەنگە ۋە دىنغا بولما خائىن سەن.
مېنىڭ تەتقىقاتىم دىن بىلەن ئىلىم-پەن،
بۇ خىزمەت ئۈچۈن كوپ كۈچ چىقىرىمەن.
قايەردە بولسا، يېڭى ئىلىم-پەن،
شۇ تەرەپكە تۆت پۇتلاپ يۈگىرىمەن.
ئىلىم- پەننىڭمۇ خاتاسى بولۇر.
مېغىزىنى يەپ شاكىلىنى تاشلايمەن.
بولسا ھەقىقەت يۇقىرى چەككە يەتكەن.
دەل شۇ ھەقىقەتنى كىتابقا تاشلايمەن.
ئىلىم دېڭىزىدىن جەۋھەر سۈزۈپ مەن،
نادانلارنى ھەقىقەتكە باشلايمەن.
دىن بىلەن ئىلىم-پەننى بىرلەشتۈرۈپ مەن،
ئەل ئىچىدە خۇراپاتلىقنى تاشلايمەن.
manba .marwayit.com
收藏到:Del.icio.us