پرېستان: مۇۋەپپەقىيەت:ئۇزلۇكسسىز تىرىشقانلارغا ....مەغلۇبىيەت يەنىلا شۇ ھۇرۇنلارنىڭ دەسمايىسى..

  • 2009-05-21

    ھەركىم ئۆز بەختىنىڭ ئۇستازىدۇر - [نادىر تىمىلار]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39720633.html

    ھەركىم ئۆز بەختىنىڭ ئۇستازىدۇر

    ئەزىزى

     

    ئەقلى بار ھەربىر كىشى، ئۆز بەختىنىڭ ئۇستازىدۇر،

    ئۇ ھەقىقەتنى ئۆزىگە، دوس تۇتۇشقا ئارزۇدۇر.

     سوقمىسا گەرچە يۈرەك، مۇنداق ئۇلۇغۋار روھ بىلەن،

    ئۇشبۇ ئىنسان گەۋدىسى، گويا قۇرۇق بىر جازىدۇر.

     ئاھ يۈرەك بىر پارچە گۆشتۇر، مەنىسىز سوقسا ئەگەر،

    دەل ئۇچاغ ئالغان نەپەسمۇ، خۇددى كاربون گازىدۇر.

     بەزىلەر دۆڭگەيدۇ بارلىق ئىشنى بىر تەقدىرگىلا،

    چۈشۈنەلمەي تەڭرىنىڭ، تەقدىرىنى كۆپ ئازىدۇر.

     قىلدى بىر بانا سەۋەپ، تەقدىرگە قىلماي ھىچ كۈرەش،

    باشنى باسسا ئەگەر، تاغ بويسۇنۇشقا رازىدۇر.

     سەئى قىلماي بەخىت-تالەي، ئىزدىگەنلەردىن لېكىن،

    خەلقىم ئەمەس ھەتتا ياراتقان، تەڭرىمۇ نارازىدۇر.

     چۈنكى بۇ ئالەم ئەزەلدىنلا، سەبەپنىڭ ئالىمى،

    دەل ئۇنىڭ ئەكسىنچە سۆزلەر، كونا يوتقان مازىدۇر.

     ئەيتتى ھەق "ئەنلەيسەلىل ئىنسانى ئىللا مەسە-ئا

    (ئىنسان ئۆزىنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەل-ئەجرىگە لايىق ساۋاپ ۋە ياخشىلىق تاپىدۇ)"،

    ئۇشبۇ قۇرئان مەئىنىسى، دىلگە شىپالىق دورىدۇر.

     بارچە ئىشلەرگە سەبەپ، ئىشلەشنى تەڭرىم بۇيرىدى،

    كىم ئەمەل قىلسا ئۇنىڭ، قەلبى ھامان گۈلزارىدۇر.

     يالتىراپ تۇرغان قۇياشنىڭ نۇرىنى قەغەز بىلەن،

    توسقۇچى مۇرتەتلىدىن، ئاللاھ ھامان بىزارىدۇر.

     ھەممىدىن ئەلا ۋە ئۈستۈندۇر، خۇدانىڭ سۆزلىرى،

    بۇرمىلانغان غەيرى سۆز، ياتنىڭ ھەسەت ئاھ زارىدۇر.

     ئۈژمە پىش ئاغزىمغا چۈش دەپ، ياتسا نادانلار ئەگەر،

    ئۇ خىيال كەپتەرلىرىنىڭ، چۈشىدىكى پەرۋازىدۇر.

     بەزىلەر خەلق قانتەرىدىن، سۇ ئىچىشنى ئىزدىشەر،

    بۇ تىرىك تاپلىق پەقەت، ئىت-بۆرىنىڭ ئەلپازىدۇر.

     بەزىلەر راھەت-پاراغەتلەرنى تالەي دەپ تونۇپ،

    دەيدۇ ئۇ تارتقان ئازابىنى، شۇم پەلەكنىڭ كاجىدۇر.

    تەڭرىنىڭ تەقدىرىگە ئەلبەتتە تەن بەرمەك كېرەك،

    بەزى يالغان پەتىۋا، شەيتانلىنىڭ رەڭۋازىدۇر،

    بەخىتسىزلىكنىڭ سەۋەپكارى بولۇر ھەركىم ئۆزى،

    چۈنكى ھەركىم قىلمىشى ئۆلچەش ئۈچۈن تارازىدۇر.

     تەڭرىم ئاللاھ بەندىنى ئوخشاش ياراتقان ئەسلىدە،

    قىلمىسا ھەركىم سەبەپ بىر پارچە نانغا زارىدۇر.

     مىللىتىمنىڭ ئاھ نادامەت مەنبىئىنى ئىزلىسەم،

    سەئىسىزلىكتىن كېلىپ چىققان يۈرەك مۇڭزارىدۇر.

     ئويلىسام مەن بەخىت-تالەي دەيدىغان سۆز ئەسلى يوق،

    بىزگە لازىم بولغىنى ئىسمى ئەمەس جىسمانىدۇر.

     ئەسلىدە ئاللاھ بەندىسىنى راھەت كۆرۈشكە بۇيرىغان،

    ئىھ! لېكىن تارتقان ئازابى ئۆزىنىڭ پەيمانىدۇر.

     ھەقتە ئالا بەندىلەرگە ھىچ قاچان زالىم ئەمەس،

    بەلكى شادلىق سازىغە سۆزى ئۈزۈلمەس تارىدۇر.

     بەخىت-تالەي دەيدىكەنمىز زادى ئۇ ئويلاڭ نىمە؟

    ئىشلىسە چىشلەيدىغاننىڭ كۆزلىگەن جانانىدۇر.

     ئاھ سەبەپ قىلماي تۇرۇپ جانانغا يەتمەس ھىچ كىشى،

    يەتمىگەنلەر بۇ جاھاننىڭ بىر ھورۇن ئىنسانىدۇر.

     بارچە ئىپلاس ئىشلىنى ئۆزمەيلىچە سادىر قىلىپ،

    ئارقىدىن تەقدىرگە دۆڭگەشمۇ ئۇنىڭ بۆھتانىدۇر.

     بەزىلەر ھاكىم ۋە مەھكۇملۇقنى تەقدىر دەپ بىلۇر،

    بەلكىم مەھكۇم ئەلنى ھاكىم ئەيلىگەن جان-مالىدۇر.

     تۇغۇلۇش بىر كۈن ئۆلۈشتەك ئىش ھامان تەقدىر بولۇپ،

    ئۆز ھاياتىڭدا بولۇر ئىش بەلكى جۇزئى چارىدۇر.

     شۇنچە قانۇنلۇق قىلىپ، بىزنى ياراتتى ئول خۇدا،

    بەلكى بىرتامچە سېسىق سۇلەردىكى ھەق جانىدۇر.

     ئەسلىسەك بىز قايسىۋاخ، ئۆلمەكنى بىلمەيمىز پەقەت،

    بۇ كەبى ئىشلار تامان، بىر تەڭرىنىڭ پىنھانىدۇر.

     بىرمۇ تۈۋرۈكسىز ئەجەپ، ئۈستۈڭدە كۆك گۈمبەز تۇرۇر،

    بۇمۇ تەڭرىمنىڭ ياراتقان، يەتتە قات ئاسمانىدۇر.

     كۈندۈزى كۈننى كۆرۈڭ، ئاخشاملىرى ئاينى كۆرۈڭ،

    ھەر كۈنى تاڭدىن خەبەر، بەرگەن خۇدا چولپانىدۇر.

     نەچچە مىليونلاپ ساما يۇلتىزلىرى سەيرە قىلۇر،

    قانچە ئالىملەر ئۇنى بىلمەك ئۈچۈن ئاۋارىدۇر.

     بۇ كەبى ئىشلار تامام، شەك-شۆھبىسىز تەقدىر بولۇپ،

    بەزىلەر ئالتۇنغا مىس ئالماشتۇرۇپ ئاۋارىدۇر.

     بەزىلەر ھەرخىل بالاغا مۇپتىلا بولسا ئەگەر،

    تەڭرىدىن كۆرمەي پەقەت، دەيدۇ پالان-پىستانىدۇر.

     بەزىلەر ھەرخىل گۇناھلارنى قىلىپ قەستەن ئۆزى،

    دۆڭگىسە تەقدىرگە ئۇ، يالغانچىنىڭ يالغانىدۇر.

     تەڭرىمىز قىلما دىگەن ئىشلارنى ئۇ تەكرارلاپ قىلىپ،

    قانچە ئەپسۇسلانسىمۇ، كاززاپلىنىڭ پۇشمانىدۇر.

     بىر كىشى دەريا لىبىدە ئۇسسۇزلىقتىن ئۆلسىمۇ،

    بۇنى ھەم تەقدىرگە ئارتىش تەڭرىگە بۆھتانىدۇر.

     نازۇ نىئىمەتلەرنى يوقتىن بار قىلىش تەقدىر ئىشى،

    بۇنى ئىشلەپ يەپ-يىمەسلىك بەندىنىڭ ئەب ئالىدۇر.

     ئىخ، ھالالدىن تەر تۆكۇپ، يىمەكنى تەڭرىم بۇيرىدى،

    لېكىن ئىشلەپ تېپ يىسە، ئۇنىڭ تۇرمۇشى شاھانىدۇر.

     ئاھ ھورۇنلۇقنى ئۆزگە كەسپى قىلغانلار ئۆزى،

    تاپسا يەپ گەر تاپمىسا يىمەيدىغان ئىت جانىدۇر.

     بۇ جاھان قىسقا جاھان، ھىچكىم ئاڭا باقى ئەمەس،

    ئاخىرەتكە نىسپەتەن بىلسەك بۇ دۇنيا پانىدۇر.

     بۇ جاھاننى كىم ئۆزىگە مەنىلىك ئۆتكۈزسىلا،

    خاھ ئۇ دۇنيا خاھ بۇ دۇنيا ئۆز-ئۆزىگە خانىدۇر.

     كىمكى تەڭرىم تەقدىرىنى توغرا-راس دەپ تونىسا،

    ھەر قاچان ئانداق كىشى ، ئاللاھغا چىن دوستانىدۇر.

     بەزىلەر قۇرئان ئوقۇپ، قۇرئانغا قارشى ئىش قىلۇر،

    دىننى بۇزغان ئانداق كىشى، بارچە ئەل يامانىدۇر.

     ھەر كىشى ئۆز ئارزۇ-ئارمانىغا قانماق ئۈچۈن ،

    قىلسا بىر سەئى سەبەپ، ئۆز دەردىنىڭ دەرمانىدۇر.

     چىن ھەقىقەت نەدە دەپ، ئىزدەپ يۈرۈشنىڭ ئورنى يوق،

    بۇ ھەقىقەت ھەق كالامىدا، ئوپ-ئوچۇق ئاشكارىدۇر.

    بىلسىڭىز قۇرئان-ھەدىس مۇتلەق ھەقىقەتدۇر ئەبەت،

    چۈنكى ئۇ ھەقنىڭ كالامى، ھەم رۇسۇل ئەھكامىدۇر.

     ئىزلىسەك بەخىت-سائادەت، شۇ كالامدا بار ئىدى،

    پايدىلانماستىن ئەجەب، بىز ھەممىدىن ۋەيرانىدۇر.

     پايدىلانغاچقا لېكىن، كۇپپار-ناسارالەر بۈگۈن،

    زاڭلىق قىلىپ بىزلەرنى ، ئۆز كۆڭلىدە ھەيرانىدۇر.

     بىزنى بىر غەپلەت بۆشۈكتە، تەۋرىتىپ ئەللەي ئېتىپ،

    كۆكتە ئۇچقان سۇدا ئۈزگەن، ياتلىنىڭ قاپقانىدۇر.

     چۈنكى ئۇ قىلدى قۇرال، جەڭدە قۇرالنى دائىما،

    بىز لېكىن مەھرۇم بولۇپ، كەلگەچ ئىلىم بىچارىدۇر.

     شۇنچە مىسكىن شۇنچە بىچارە قىلىپ قويغان نىمە؟

    ئويلاپ كۆرسەك بىلىمدىن ئۆزگە تۇتقان يارىدۇر.

     ھەي قېرىنداشلار كۆرۈڭلار، بۇ جاھاننىڭ كارىنى،

    ھەممە ئىش باغلىق ئۆزەڭگە، چەتلىنىڭ نىمە كارىدۇر.

     قولدىكى قۇرئاننى دائىم، تاختى بىشىغا ئەپ قويۇپ،

    غەيرى ئىزىمگە ئالدىنىشمۇ، بىزگە نومۇس ئارىدۇر.

     مىللىتىم قۇرئاننى تۈرك تىلىدا ئۈگەنسە ئەگەر،

    ئۇ پۈتۈن خەلقىم ئۈچۈن، نۇرلۇق يۈرەك دىلدارىدۇر.

     چۈنكى بۇ قۇرئان كەرىم، چوڭ نازۇ-نىئىمەت باغچىسى،

    بىز ئۇنىڭغا چاقىرىلغان تەڭرىنىڭ مېھمانىدۇر.

     ئۇشبۇ مېھمانلار قاتارىدىن، قەتئى ئورۇن ئالماق،

    ئەھلى ئىسلامنىڭ شەرەپلىك، پەخىرلىك ئۇنۋانىدۇر.

     ھەقتە ئالا رەھمىتىنى سۆزلىسە خەددىدىن تولا،

    ئۇشبۇ قۇرئان بىزگە قىلغان، ئەڭ بۈيۈك ئىنئامىدۇر.

     قانچە ئىچكىرلەپ كىرىپ، يەتكەندە قۇرئان تەكتىگە،

    ئۇ كۆڭۈل گۈلزارىنىڭ، توزىمايدىغان بوستانىدۇر.

     بەزىلەرنىڭ قوللىرىدا بىباھا گۆھەر بايلىق تۇرۇپ،

    بىر تىيىنغا زار بولۇپ، يات ئىشكىدە دىۋانىدۇر.

     بىلسىڭىز قۇرئان قۇرۇق، داستان ئەمەس ئىنسان ئۈچۈن،

    بەلكى تەڭرىمنىڭ نەسىھەت ئەيلىگەن ئىزھارىدۇر.

     ئۇ پەقەت بىر قىلچە ئۆزگەرمەيدىغان قانۇن-بولۇپ،

    لېكىن ئىجرا قىلمىسا ھەر ئىككى ئالەم خارىدۇر.

     بىزگە ئۇ تارىخ ئەلىدە، ئەمرىدىن بەرگەن خەبەر،

    بۇ ئۇلۇق ئۇچ ئىش ھامان، بىزلەرگە چوڭ ھەمكارىدۇر.

     ئۇشبۇ قۇرئان مەنىسىنى، بىلمىگەچ نۇرغۇن كىشى،

    دەيدۇ كۆپ تەكرارلىسا قىلا، دەردىمىزگە داردىدۇر.

     گەر ئاڭا قىلماي ئەمەل، كۆپلەپ ئوقۇپ سۇپ-سۇپ دىسە،

    ئۇ كىشىنىڭ قەلبى پاكلانماي ھامان بىمانىدۇر.

     تەڭرىمىز ئوقۇغىن دىگەچ، دائىم ئوقۇپ ئۈگۈنىش كىرەك،

    مەئىنىسىنى ئۈگۈنۈش ئەسلى ئۇنىڭ نىشانىدۇر.

     ھەق بىلەن ناھەقنى كىم، تەتقىق قىلىب ئاجراتسىلا،

    ئۇ ئۆزى ئالىم بولۇپ، ئەلنىڭ سۆيەر دىلدارىدۇر.

     سەللىنى كەيسە يوغان، قۇرئانغا قىلماستىن ئەمەل،

    ئۇ ئەرەپچە تەرجىمان، ۋەيا ھاياسىز قارىدۇر.

     بەزى ئالىم مەن دىگەنلەر ئۈگۈنىشنىڭ ئورنىغا،

    نەزرە بار دەپ ھەر قەيەردە، ھەرقاچان تەييارىدۇر.

     پاھ ئۇلاردىن ئۈلگە ئالغان، نەپسى شەيتانلار ھامان،

    چوڭ تەماخورلۇق بىلەن، سائىل كەبى تەييارىدۇر.

     بەزى ئىشانلار نېشە چەكمىش خۇدانىڭ ئىشقىدا،

    نانغا ئاشىق ساختا كاززاپ، ئوت ئۈچۈن پەرۋانىدۇر.

     بەزىلەر ئۆزىنى مۇسۇلمان، چاغلىشىپ داۋا قىلۇر،

    قىلمىشى ئەمما ئۇنىڭ شەك-شۆبىھسىز كۇپپارىدۇر.

     بەزىلەر بولغاچقا قۇرئان مەئىنىسىدىن بىخەبەر،

    پەئىلىدىن يانماي ھامان، يۈرگەن يەرى مەيخانىدۇر.

     بەزى بىر ئاسى گۇناھكار، بەندىنىڭ قىلمىشلىرى،

    بىھېساب بولغان سامائە يۇلتۇزلىرىنىڭ سانىدۇر.

     كىم خاتالىقتىن ئەگەر، قول ئۈزسىلا ئۈزۈل-كېسىل،

    ئەفرى قىلغاي ھەقتە ئالى قەھرىدىن ئامانىدۇر.

     كىم ئەگەر تۆۋبە قىلىب، ئۆتكۈزمىسە قايتا گۇناھ،

    ئاھ نەسۇھا دە كاڭا، ئاللاھ ئىگەم رەھمانىدۇر.

     ھەقتە ئاللاھنىڭ سالامى، تۈگۈمەس بايلىق بولۇب،

    ھەر بىر سۆزى بىر مۆجىزە، گۆھىرى دۇردانىدۇر.

    بۇرمۇلاش يا يوشۇرۇش يا ئاۋۇتۇش مۇمكىن ئەمەس،

    چۈنكى قىل سىغمايدىغان، ھەقنىڭ ھۆكۈمى ئىلانىدۇر.

     دىندىكى مەزھەپچىلىك قۇرئانغا مۇتلەق زىت بولۇب،

    ئۇ پۈتۈن ئىسلامىيەتنى، پارچىلاش قىڭراغىدۇر.

     ئەھلى ئىسلامنىڭ يولى، ئىككى ئەمەس بىردۇر پەقەت،

    نەچچە مەزھەبگە بۆلۈش، بۇزماققا تۈزگەن چارىدۇر.

     ھەمە ئىشقا بىر خۇدا، پەيغەمبىرى قىلسا ھۆكۈم،

    بۇرمۇلاپ كىرگەن قوشۇمچە، ياتلار ئۇرغان دەرىدۇر.

     بىرلىشىشكە قىلدى داۋەت، ئول ھەدىس قۇرئان ئۈچۈن،

    قىلمىسا ھەركىم ئەمەل، كۆڭلى ھامان دەشۋارىدۇر.

     ئويلىساڭ بىرباغ چىۋىقنى، سۇندۇرۇش مۇمكىن ئەمەس،

    گەرچە بىر-بىرلەپ ئوشۇتساق ھەممىسى تارمارىدۇر.

     كىمكى بۇ ئاچچىق ساباقنى، ئۆزىگە دەرسلىك قىلمىسا،

    ھەرقاچان مەغلۇب بولۇپ، قىلغان ئىشى بىكارىدۇر.

     ھەق سۆزىنى ناسىخ ۋە مەنسۇخ دىمەك توغرا ئەمەس،

    بارلىقى كۈچكە ئىگە، ۋاختى ۋە پەيتى بارىدۇر.

     ئەھلى ئىسلام ئەجنەبىلەر، ئالدىغا گول بوپ بېرىپ،

    پايدا قوغلاب ئاقىبەت، تاپقانلىرى زىيانىدۇر.

     بىلسىڭىز قۇرئانغا زىد، بولغان تامام دىنى كىتاب،

    كۈن يۈزىنى قاپلىغان ، گوياكى چوڭ تۇزاڭىدۇر.

     چىن ھەقىقەت چىن ئادالەت، مەرگىزى ھەر دايىما،

    ئۇ تۇزانلارنى سۇرۇب قوغلايدىغان بورانىدۇر.

     بەزىلەر مازا-ماشايىختىن تىلەيدۇ بەختىنى،

    بىزگە بۇ مۇشرىكلىنىڭ قۇرغان چوقۇم زىندانىدۇ

     بەزىلەر ھايات مازار دەب ئەۋلىياغا باش قويۇپ،

    بۇ ھىلە ئالدامچىلەرنىڭ ئازدۇرۇش ئامالىدۇر.

     ئەۋلىيا دەپ كىشى يوق، دىيىشكە بولمايدۇ لېكىن،

    چىن ھەقىقەت چىن ئا


    收藏到:Del.icio.us




ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق