پرېستان: مۇۋەپپەقىيەت:ئۇزلۇكسسىز تىرىشقانلارغا ....مەغلۇبىيەت يەنىلا شۇ ھۇرۇنلارنىڭ دەسمايىسى.. |
-
2009-02-21
ھۇنلارنىڭ ئومۇمىي تارىخى - [تارىخ]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/35516864.html
ھۇنلارنىڭ ئومۇمىي تارىخى
بۇ كىتاپ خەلق نەشىرياتىنىڭ 1986- يىلى 8- ئاي 1- نەشىرى، 1- باسمىسىغا ئاساسەن تەرجىمە ۋە نەشىر قىلىندى
ئاپتورى: لىن گەنتەرجىمە قىلغۇچى: تۇرسۇنجان ھېزىم ياۋۇز
تەرجىماندىن
ھۇنلار ئېلىمىزنىڭ شىمالىدا ياشىغان قەدىمكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، شىمالدىكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر تارىخىدا تۇنجى بولۇپ ئۆز ھاكىمىيىتىنى قۇرۇپ چىققان. ھۇنلار ھاكىمىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئېلىمىز ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىدە قۇرۇلغان خانلىقلار بىلەن خىلمۇ- خىل مۇناسىۋەتلەردە بولۇپ، ئېلىمىز تارىخىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇلارنىڭ بۇ خىل تەسىرى مەيلى ئۇلار كۈچەيگەندە بولسۇن ياكى ئاجىزلىغاندا بولسۇن زادىلا سۇسلاپ قالمىغان، ھەتتا ھۇن ھاكىمىيىتى پارچىلىنىپ، ھۇنلارنىڭ ئاساسلىق قىسىمى غەربكە كۆچۈپ كېتىپ، ئاز بىر قىسىمى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنىغا كۆچۈپ كېلىپ، خەنزۇلار بىلەن ئارىلاش ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىنمۇ ئۇلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ سىياسى، ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىگە ناھايتى زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن. شۇڭا، ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى زاماندىكى ئومۇمىي تارىخى بولغان «يىگىرىمە تۆت تارىخ» تا ھۇنلار توغرىسىدا مەخسۇس تەزكىرە ۋە شەخسلەر ھەققىدە مەخسۇس تەرجىمھاللار يېزىغان.
ھۇنلار ئېلىمىزنىڭ تارىخىغىلا تەسرى كۆرسىتىپ قالماستىن، دۇنيا تارىخىغىمۇ زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق قىسىمى غەربكە كۆچكەندىن كېيىن،مىلادىيە 4- ئەسىردىن باشلاپ ياۋروپاغىمۇ زور تەسىر كۆرسىتىپ، ياۋروپا تارىخىنىڭ مىللەتلەرنىڭ بىر قېتىملىق چوڭ كۆچۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇڭا، ياۋروپا تارىخچىلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئەسىرلىرىدە ھۇنلارغا مۇناسىپ ئورۇن بەرگەن. ياۋروپا ھۇنشۇناسلىرىنىڭ مەخسۇس بىر ئىلىم بولۇپ شەكىللىنىپ گېرمانىيە، ۋېگتىرىيە، روسىيە قاتارلىق ئەللەردە بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلار چوڭقۇر ئېلىپ بېرىلغان.
قولىڭىزدىكى «ھۇنلارنىڭ ئومۇمىي تارىخى» دىگەن بۇ ئەسەر، ئېلىمىزدىكى مەشھۇر شىمال مىللەتلىرى تەتقىقاتچىسى، تۈركشۇناس ئالىم لى گەننىڭ «تۈرك تارىخى» ، «قەدىمكى ئۇيغۇرلار تارىخى» (بۇ ئىككى ئەسەنىڭ ئۇيغۇچە تەرجىمىسى شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان) قاتارلىق ئەسەرلىرى قاتارىدىكى يىرىك ئەسەرلىرىنىڭ بىرى. ئاپتور يەنە ھۇن، تۈرك، ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە «ھۇن تارىخىي يىلنامىسى» ، «ھۇن تارىخىغا ئائىت ماتېرىياللا» ، « تۈرك ۋە ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ماتېرىيالار» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان ۋە تۈزگەن بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ شىمال مىللەتلىرى تەتقىقاتىغا كۆرىنەرلىك تۆھپە قوشقان.
چەت ئەللەردە ھۇن تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەر خېلى كۆپ يېزىلغان، ھۇنلارنىڭ تارىخى خېلى چوڭقۇر تەتقىق قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئېلىمىزدە بۇ ھەقتىكى تەتقىقات بىر قەدەر كېيىن باشلانغان ھەم كەڭ دائىرىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلمىغان. شۇڭا، بۇ ھەقتە يېزىلغان مەخسۇس ئەسەر يوق دېيەرلىك. بۇ ھەقتىكى ئۇيغۇرچە تەتقىقات ماقالىلىرى ۋە مەخسۇس ئەسەرلەر تېخىمۇ بەك يوقنىڭ ئورنىدا. شۇڭا، مەزكۈر ئەسەر ھۇن تارىخىنى بىر قەدەر سىستېمىلىق، چوڭقۇر ۋە ئەتىراپلىق يۇرۇتۇپ بېرەلەيدۇ. ھۇن تارىخىغا قىزىققۇچىلارنى ۋە ھۇن تارىخىنى ئۆگەنگۈچىلەرنى پايدىلىق ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ. ئۇلارنىڭ دەسلەپكى ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ، دەپ قاراپ تەرجىمە قىلىندى.
ئەسەرنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا ئەسلى ئەسەرگە سادىق بولۇش ۋە توغرا تەرجىمە قىلىش كۆزدە تۇتۇلۇپ، تۆۋەندىكى نوقتىلارغا دىققەت قىلىندى.
1. ئەسەردىكى بەزى تەرجىمە قىلش بىھاجەت دەپ قارالغان جايلار قىسقارتىۋېتىلدى.
2. ئەسلى ئەسەرگە سادىق بولۇش ۋە ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسىنى توغرا ئېلىش ئۈچۈن، يولداش داۋۇت سايىم قاتارلىقلار تۈزگەن «خەنزۇچە – ئۇيغۇرچە تارىخىي ئاتالغۇلار لۇغىتى» دىكى ئىسىم- ئاتالغۇلار ئاساس قىلىندى.
3. يۇقىرقى لۇغەتتە ئۇچرىمايدىغان ئاتالغۇلار، جۈملىدىن ئادەم ئىسىملىرى، يەر- جاي، ئەمەل- مەنسەپ ناملىرى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورنى نەشىرگە تەييارلىغان «يىگىرىمە تۆت تارىختىكى ئوتتۇرا ئاسىياغا ئائىت ماتېرىياللار توپلىمى» ، « تارىخىي خاتىرلەر» ، «خەننامە» ، «كېيىنكى خەننامە»، «جىننامە» قاتارلىق توپلاملاردىكى ئاتالغۇلار بويىچە ئېلىندى.
4. يۇقىرقى ئەسەرلەردىمۇ ئۇچرىمايدىغان قىسمەن ئاتالغۇلار ئەسلى قەدىمكى خەنزۇ تىلى تەلەپپۇزى بويىچە قويۇپ قويۇلدى.
ئەسەردىكى بەزى مەزمۇنلارنى ۋە ئىسىم- ئاتالغۇلارنى سېلىشتۇرۇپ بېكىتىشكە ۋە توغرلاشقا مەزكۈر ئەسەرنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى ئەخمەت مۆمىن تارىمى زۆرۈر ھەم قىممەتلەرنى ياردەملەرنى بەردى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەخەت مۆمىن تارىمغا ئالاھىدە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.
قەلىمىم ئاجىز، سەۋىيەم چەكىلىك بولغانلىقتىن، ئەسەرنىڭ تەرجىمىسىدە بەزىبىر نوقسانلارنىڭ بولۇشى تەبئىي. شۇڭا خاتارلىقلارغا يول قويغان بولسام، تارىخ تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خادىملارنىڭ سەمىمىي تەنقىد- تەكلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
2003- يىل ئاپرېل
收藏到:Del.icio.us
评论