پرېستان: مۇۋەپپەقىيەت:ئۇزلۇكسسىز تىرىشقانلارغا ....مەغلۇبىيەت يەنىلا شۇ ھۇرۇنلارنىڭ دەسمايىسى..

  • 2009-04-14

    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋىدالىشىش نۇتقى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/37888296.html

    ھەممە مەدھىيە ئاللاھقا خاس. ئاللاھنى مەدھىيەلەيمىز، ئاللاھتىن كەچۈرۈم سورايمىز، ئاللاھقا تەۋبە قىلىمىز، ئاللاھقا سېغىنىپ، نەپسىمىزنىڭ يامانلىقىدىن ۋە يامان ئىشلاردىن پانا تىلەيمىز. ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئادەمنى ھېچكىم ئازدۇرالمايدۇ. ئاللاھ ئازدۇرغان ئادەمنى ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ. شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمەنكى يالغۇز بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوق. ئاللاھنىڭ شېرىكى يوق. يەنە گۇۋاھلىق بېرىمەنكى مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر.

    ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! سىلەرنى ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشقا تەۋسىيە قىلىمەن، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشىڭلارنى تەرغىب قىلىمەن، سۆزۈمنى خەيرلىك ئىشلاردىن باشلايمەن.

    ئى خالايىق، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! بۇ يىلدىن كېيىن مۇشۇ جايىمدا سىلەر بىلەن ئۇچىرشالماسلىقىم مۇمكىن دەپ ئويلايمەن، ئى خالايىق! تاكى رەببىڭلارنىڭ دەرگاھىغا بارغىنىڭلارغا قەدەر بىر - بىرىڭلارنىڭ جېنىغا، مېلىغا چېقىلىش، خۇددى مۇشۇ ئاينىڭ، مۇشۇ كۈننىڭ، مۇشۇ جاينىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىققا ئوخشاشلا ھارامدۇر. سىلەرگە شۇنى يەتكۈزىمەنكى، ئى ئاللاھ گۇۋاھ بولغىن.

    قۇلىدا كىشىلەرنىڭ ئامانەتلىرى بار ئادەملەر ئامانەتنى ئۆز ئىگىلىرىگە قايتۇرسۇن؛ جاھىلىيەت دەۋرىدە قىلىنغان جازانە بىكار قىلىنىدۇ. ئالدى بىلەن تاغام ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتتەلىبنىڭ جازانىسىنى بىكار قىلشتىن باشلايمەن. جاھىلىيەت دەۋرىدىكى قان قەرز بىكار قىلىنىدۇ. ئالدى بىلەن ئامىر ئىبنى رەبىئە ئىبنى ھارىسنىڭ قان قەرزىنى بىكار قىلىشتىن باشلايمەن. جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئادەتلەردىن كەئبىنى، زەمزەم سۈيىنى باشقۇرۇشتىن باشقىلىرى بىكار قىلىنىدۇ.

    قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئەگەر ئۇ، بىر كىشىنى تاياق بىلەن ياكى تاش بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرسە قىسمەن قەستەنلىك ھېساپلىنىپ، قىساسىغا 100 تۆگە تۆلىتىۋېلىنىدۇ. بۇنىڭدىن ئارتۇق تۆلىتىش جاھىلىيەت كىشىلىرىنىڭ ئىشى.

    ئى خالايىق! شەيتان سىلەرنىڭ زېمىنىڭلاردا ئىبادەت قىلىنىشتىن ئۇمىدىنى ئۈزدى. لېكىن ئۇ سىلەر كىچىك سانايدىغان ئىشلىرىڭلاردا سىلەرنى ئۆزىگە بوي سۇندۇرماقچى بولىدۇ.

    ئى خالايىق! نەسى[1] دېگەننى قوللىنىش كۇفرىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ. كاپىرلارنى ئازدۇرىدۇ. ئاللاھ ھارام قىلغان ئاينى ئۆزلىرىچە ھالال قىلىش ئۈچۈن ئۇنى بىر يىل ھالال قىلسا، يەنە بىر يىلى ھارام قىلىشىدۇ. ئاللاھ ئاسمان زېمىننى ياراتقا ۋاقىتتىن تارتىپ، زامان ئۆز پېتىچە دەۋر قىلىپ كەلدى. قۇرئاندا ئاللاھنىڭ ھۆكمىدە ئاسمان - زېمىن يارىتىلغاندىن تارتىپ، ئايلارنىڭ سانى ئون ئىككى. بۇلارنىڭ ئىچىدە تۆت ئاينىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىق ھارام قىلىنغان. بۇ ئايلارنىڭ ئۈچى ‿زۇلقەئدەؿزۇلھەججە، مۇھەررەم بىر - بىرىگە ئۇلىنىپ كېلىدۇ. جۇمادىيەل ئاخىر ئېيى بىلەن شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رەجەپ ئېيى بولسا، يالغۇز كېلىدۇ. سىلەرگە تەبلىغ قىلدىممۇ (سىلەرگە ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى يەتكۈزدۈممۇ)؟ ئى ئاللاھ گۇۋاھ بولغىن!

    ئى خالايىق! زىممىڭلاردا ئاياللىرىڭلارنىڭ سىلەر رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ھەققى بار. ئاياللىرىڭلارنىڭ زىممىسىدىمۇ ئۇلار رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك سىلەرنىڭ ھەققىڭلار بار. سىلەرنىڭ ھەققىڭلار شۇكى، ئاياللىرىڭلار تۆشەكلىرىگە سىلەردىن غەيرى ئادەملەرنى يولاتماسلىقى، سىلەر خوپ كۆرمەيدىغان ئادەملەرنى سىلەردىن رۇخسەتسىز ئۆيگە كىرگۈزمەسلىكى ۋە پاھىشە قىلماسلىقى لازىم. ئەگەر ئۇلار شۇنداق قىلسا، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۇلارنى چىڭ تۇتۇشۇڭلارغا، ئۇلارنى ئۆيدىن چىقارماسلىقىڭلارغا، ئۇلار بىلەن بىر تۆشەكتە ياتماسلىقىڭلارغا، ئۇلارنى ئاستىراق ئۇرۇشڭلارغا رۇخسەت بېرىدۇ. ئەگەر ئۇلار چەكلىنىپ سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنى چىرايلىقچە ئاش- نان، كېىيىم - كېچەك بىلەن تەمىنلەڭلار. سىلەرنىڭ ئەمرىڭلاردىكى ئاياللار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى ئىگە ئەمەس. ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئامانىتى قىلىپ ئالدىڭلار، ئۇلارنى نىكاھ ئارقىلىق ئۆزۈڭلارغا ھالال قىلدىڭلار. ئاياللار توغرىسىدا ئاللاھتىن قورقۇڭلار. ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش توغرىسىدىكى ۋەسىيەتلەرنى قوبۇل قىلىڭلار. سىلەرگە تەبىلىغ قىلدىممۇ؟ ئى ئاللاھ گۇۋاھ بولغىن.

    ئى خالايىق! مۇئمىنلار بىر - بىرىگە قېرىنداش. قېرىندىشىنىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن بەرمىگەن مېلى ھېچكىمگە ھالال ئەمەس. سىلەرگە تەبىلىغ قىلدىممۇ؟ ئى ئاللاھ گۇۋاھ بولغىن.

    مەندىن كېيىن مۇرتەد بولۇپ بىر - بىرىڭلارنى قىرىدىغان كاپىر بولماڭلار! سىلەرگە مەن ئاللاھنىڭ كىتابى بولغان قۇرئاننى قويۇپ كەتكەتتىم. قۇرئاننى مەھكەم تۇتساڭلار، ئازمايسىلەر. تەبىلىغ قىلدىممۇ؟ ئى ئاللاھ گۇۋاھ بولغىن.

    ئى خالايىق! سىلەرنىڭ رەببىڭلار بىر، ئاتاڭلار بىر، ھەممىڭلار ئادەم ئاتىدىن بولغان. ئادەم ئاتا تۇپراقتىن يارىتىلغان. كىم ئەڭ مۇتتەقى (ئاللاھنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى قىلىپ، ئۇنىڭ تۇسقان ئىشلىرىدىن چەكلەنگەن ئادەم) بولسا، شۇ ئادەم ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ھۆرمەتلىكتۇر. ئەرەب بولغان ئادەم بىلەن غەيرى ئەرەب بولغان ئادەمنىڭ قايسىسى تەقۋادار بولسا، شۇ ئەۋزەل. تەبىلىغ قىلدىممۇ؟ ئى ئاللاھ گۇۋاھ بولغىن.

    سۆزۈمنى بۇ يەرگە ھازىر بولغانلار ھازىر بولمىغانلارغا يەتكۈزسۇن.

    ئى خالايىق! ئاللاھ ھەر بىر ۋارىسقا مىراس نەسىۋىسىنى بەلگىلىدى. مىراسنى بىرلا ۋارىسقا ۋەسىيەت قىلىش دۇرۇس ئەمەس. مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن كۆپرەكىنى ۋەسىيەت قىلىش دۇرۇس ئەمەس. بالا ئەرنىڭ بولىدۇ. زىنا قىلغۇچىنىڭ بولمايدۇ. كىمكى، ئاتىسىدىن باشقا بىرىنى ئاتا دەپ، خۇجانىدىن باشقا بىرىنى خۇجايىن دەپ دەۋا قىلسا، ئۇ ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە ھەممە كىشىلەرنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ بەرگەن نەرسىسى ۋە گۇۋالىقى قۇبۇل قلىنمايدۇ. سىلەرگە ئامانلىق ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن.

    [1] نەسى - ئەرەبلەر يىل ئاي ھېساۋىدا قەمەرىيە ئايلىرىنى قوللىناتتى. قان تۆكۈش ھارام قىلىنغان ھەج ئايلىرىنىڭ ھۆرىمىتىنى ساقلاشتەك ئىشلار ئىبراھىم ۋە ئىسمائىل پەيغەمبەرلەرنىڭ زامانىدىن تارتىپ، شۇ ئايلار (شەۋۋال، زۇلقەئدە، زۇلھەججە، مۇھەررەم)غا قاراپ بەلگىلىنەتتى. ئۇلار، بۇ ئىشنىڭ شۇ قائىدە بويىچە كېتىۋېرىشنى ئۆلىرىنىڭ سودا قىلىش مەنپەئەتلىرىگە زىيانلىق دەپ قارىدى. چۈنكى ھەج بەزى چاغلاردا ئۇلارغا نامۇۋاپىق پەسىلدە كېلەتتى. بەزىدە ھارام قىلىنغان ئايلار ئۇلارنىڭ سودا ئىشلىرىغا مۇناسىپ پەسىلدە كەلمەيتتى. شۇڭا ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى مۇناسىپ كېلىدىغان پەسىلدە تۇراقلىق بولۇشى ئۈچۈن شەمسىيە يىلىغا ئۇيغۇنلاشتۇرماقچى بولۇپ، قەمەرىيە يىلىنىڭ ئاخىرىغا مەلۇم كۈنلەرنى قوشۇپ نەسى (كېچىكتۈرۈلدى) كۈنلىرى دەپ ئاتىدى. ئۇلار، بۇ كۈنلەرنى جەملەپ، بىرەر ئاي قىلىپ تولدۇراتتى، بۇنىڭ بىلەن بەزى يىللار، 12 ئاي، بەزى يىللار 13 ئاي كېلىدىغان بولۇپ قالدى. شۇنداق قىلىپ، ھەج بەزىدە زۇلھەججە ئېيىدا كەلسە، بەزىدە زۇلقەئدە ئېيىدا كېلەتتى. مۇشۇنداق ئايلىنىپ، ئىككىنچى قېتىم يەنە زۇلھەججە ئېيىدا كېلەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەججەتۇلۋىدادا ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە بۇ قائىدىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا، قەمەرىيە ئايلىرى بويىچە ئىش قىلىشقا بۇيرىدى. زامان ئايلىنىپ، ھەج يەنە ئۆز ئېيىدا كېلىدىغان بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام "زامان ئايلىنىپ كەلدى" دېدى


    收藏到:Del.icio.us




ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق