پرېستان: مۇۋەپپەقىيەت:ئۇزلۇكسسىز تىرىشقانلارغا ....مەغلۇبىيەت يەنىلا شۇ ھۇرۇنلارنىڭ دەسمايىسى..

  • 2009-04-14

    بۆرنىڭ توققۇز خىل خاراكتىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/37888672.html

    بۆرە»نىڭ توققۇز خىل خاراكتىرى

    1.پۇرسەت كۈتۈش: «بۆرە» ئۆزى ئاجىز ۋاقىتتا قانداقتۇر ئاتالمىش غورۇر ئۈچۈن ئۆزىدىن كۈچلۈكلەرگە ھۇجۇم قىلمايدۇ .

    2.ئۆملۈك : «بۆرە» ئۆزىدىن كۈچلۈك دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇشقا مەجبۇر بولغاندا،چوقۇم كوللىكتىپ ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ.

    3.ئۆزىنى بىلىش: «بۆرە»نىڭمۇ ھايۋاناتلار پادىشاھى بولۇش خىيالى بار ئەلۋەتتە.لېكىن «بۆرە» ئۆزىنىڭ بەرىبىر شىر ئەمەس بەلكى «بۆرە» ئىكەنلىكىنى ئېسىدە مەھكەم ساقلايدۇ .

    4.سۇنىڭ ئېقىشىغا قاراپ ئىش تۇتۇش : «بۆرە» قانداق قىلىپ ئەڭ كىچىك بەدەل بىلەن چوڭ پايدىغا ئېرىشىشنى بىلىدۇ .

    5.تەڭ ئىلگىرلەپ تەڭ چېكىنىش: «بۆرە» گەرچە تەنھا يۈرۈشنى ياخشى كۆرسىمۇ لېكىن بىرلەشمە ھۇجۇمدا ئەڭ ئىتتىپاق .«بۆرە» ئەزەلدىن يارىلانغان سەبدىشىنى تاشلاپ جەڭ مەيدانىدىن چېكىنمەيدۇ .

    6.ئۆزىنى ھەم ئۆزگىنى چۈشۈنۈش: «بۆرە» ھەرقانداق رەقىبىنى ھۆرمەت قىلىدۇ.ھەر قېتىملىق ھۈجۇمدىن بۇرۇن رەقىبىنى ياخشى چۈشىنىدۇ،رەقىبىنى سەل چاغلىمايدۇ.شۇڭا «بۆرە» ئۆز ھەركىتىدە ئاساسەن غەلىبە قىلىدۇ .

    7.كۆيۈمچانلىق: ئەركەك «بۆرە» چىشى«بۆرە» ھامىلدار بولغان ۋاقىتتىن تارتىپ «بۆرە»كۈچۈگى تۇغۇلۇپ تاكى مۇستەقىل ھەركەت قىلغۇچە ئانا-بالىنى قوغدايدۇ.

    8.پەرزەنت تەربىيسى: «بۆرە» بالىسى مۇستەققىل ھەركەت قىلىش يېشىغا يەتكەن ھامان بالىسىدىن ئايرىلىپ كېتىدۇ. چۈنكى«بۆرە»نىڭ پەلسەپەسى بولسا:ياكى «بۆرە» بول، بولمىسا قوي بولۇپ يەم بولدىن ئىبارەت !

    9.ئەركىنلىكنى سۆيۈش: «بۆرە» ئەركىن،تەنھا يۈرۈپ ئاشلىقتىن ئۆلۈشكە رازىكى بىر پارچە تەييار لوقما ئۈچۈن باشقىلارغا قۇيرۇق شىپاڭشىتمايدۇ.



    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىم!
    ھەممىمىزگە مەلۇمكى«بۆرە»ئۇيغۇر تۇتىم مەدەنىيتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇننى ئىگەللەيدۇ.مىنىڭچە كۆپىنچە ئۇيغۇر   قىرىنداشلىرىمىز بۇنى بىلسىمۇ،لىكىن ئەجداتلىرىمىزنىڭ نىمەئۇچۇن «بۆرە»نى ئۆزىگە تۇتىم قىلغانلىق سەۋەبىنى
    ئىنىق بىلمەسلىكى مۇمكىن،سىز «بۆرە»نىڭ توققۇز خىل خاراكتىرىنى ئوقۇپ بولۇپ، تەپسىلي تەھلىل قىلسىڭىز
    «بۆرە»نىڭ خاراكتىرىنىڭ بىزگەسوغۇققان بولۇش،ئىتتىپاق بولۇش، ئەسلىدىن تانماسلىق،ھەرقانداق ئىشتا كاللا ئىشلىتىش، ئۆز قىرىنداشلىرىغا سادىق بولۇش،ئىھتىياتچان بولۇش،ئۆز ئائىلىسىگە مەسئۇل بولۇش، پەرزەنتنى قانداق تەربىيلەش ، ۋىژدان-غورۇر بىلەن ياشاش دىگەندەك نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگۈتىدۇ.ئەسلىدە «بۆرە»دىكى بۇ خاراكتىرلار بىز ئۇيغۇرلاردا ئەزەلدىنلا بار ئىدى،لىكىن بىز ئۇيغۇرلاردا مەدەنىيەت جەھەتتە تىخىمۇ ئالغا ئىلگىرلىمەي بىر ئىزدا توختىۋىلىش،ئاپپاق غوجا دەۋرىدىن قىلىپ قالغان يۇرتۋازلىق ۋە كۆرەلمەسلىكلەرنىڭ بىر قىسىم ئاسارەتلىرى، مىللى مائارىپتىكى مەغلۇبىيەتلەر،ئەخلاق جەھەتتىكى بىر قىسىم چۈشكۈنلىكلەر تۈپەيلىدىن «بۆرە»نىڭ بىز  ئۇيغۇرلاردىكى بەزى خاراكتىرلىرى بارغانسىرى خىرەلىشىشكە باشلىدى.قىنى ئۇنداق بولسا «بۆرە»نىڭ خاراكتىرى بىلەن تونۇشۇپ چىققاندىن كېيىن ئۇنى ھازىرقى دەۋىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاشتىكى مەقسىتى،ۋە تۇرمۇش پەلسەپەسى بىلەن باغلاپ تۇرۇپ،ئىلگىرى ئۇيغۇرلار قانداق ياشىغان ۋە ياشايتى؟ھازىر قانداق ياشاۋاتىدۇ ۋە بۇنىڭدىن كىيىن قانداق ياشىشى كىرەك؟قوي بولۇپ ياشاش كىرەكمۇ؟ ياكى«بۆرە»بولۇپمۇ؟ ئۇيغۇر مىللىتىمىزنىڭ مۇنچە ئۇزۇن يىل ئۇخلىشىغا زادى نىمە سەۋەپچى بولدى؟مىللىتىمىزنى زادى نىمىگە تايىنىپ قۇدرەت تاپقۇزىمىز؟ قۇرۇق گەپ بىلەنمۇ ياكى ئەمەلىي ئىش ھەركەتلەر بىلەنمۇ؟بىز نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە مىللەتنى ئۇنداق-بۇنداق دەپ ئەيىپ-نۇقسانلارنى ئىچىپ تاشلاش بىلەنلا چەكلىندىغان تىمىلارنى كۆپ ئۇچرىتىپ، ئاشۇ ئاتالمىش ئەيىپ نۇقسانلارنى قانداق ھەل قىلىش توغرىسىدىكى تىمىلارنى ئاساسى جەھەتتىن ئۇچرىتالمايمىز؟نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىمىزدە ئۇيغۇرلىقىدىن تانىدىغان ۋە چانىدىغان مەزمۇندىكى تىمىلار كۆپ ئۇچرايدۇ؟ دىگەنلەر:ھەققىدە شەبنەم مۇنبىرىكى،شۇنداقلا بارلىق ئۇيغۇر مۇنبەرلەردىكى تورداشلارنىڭ ئويلىنىپ بىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن!لۈشۈن ئەپەندىمۇ خەنزۇ مىللىتىنى ھاقارەتلەپ تۇرۇپ ئەسەر يازغان،لىكىن ئۇ ئۆز ئەسەرلىرىدە مىللەتنى قانداق ئويغۇتۇش ۋە روناق تاپقۇزۇش ھەققىدىمۇ ئىزدەنگەن،يالغۇز مىىللەتنى ئەيىبلەپ قويۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان ئەمەس! ئەگەر سىز راستىنلا بىر مىللەت سۆيەر كىشى(ئاپتور)بولسىڭىز؟!مۇشۇ نۇقتىغىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن! چۇنكى مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلۈش ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيتى، شۇنداقلا بۇرچى!بىز ئۇيغۇرلار ھەقىقي كۆڭۈل بۆلۈشكەتىگىشلىك مەسىللەر قانداقتۇر پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنىشى ياكى ئىران ۋە چاۋشىيەن يىرىم ئارىلىنڭ يادرۇ خەۋپسىزلىكى مەسىللىرى ئەمەس بەلكى ئۆزىمىزدىكى كىرزىسلاردۇر.


    بىز كىرزىستا تۇرىۋاتىمىز.بىراق بىزنىڭ ھازىرقى كىرزىسىمىز
    ھېچكىمنىڭ كىرزىسىغا ئوخشىمايدۇ.بۇ دەل كىرزىسنىڭ كىرزىس
    پېتى ئۇزاق مۇددەت داۋام قىلىشىدىن ئىبارەت.


                                    _ئابدۇقادىر.جالالىدىن


    收藏到:Del.icio.us




ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق