پرېستان: مۇۋەپپەقىيەت:ئۇزلۇكسسىز تىرىشقانلارغا ....مەغلۇبىيەت يەنىلا شۇ ھۇرۇنلارنىڭ دەسمايىسى.. |
-
2009-05-07
پەرزەنت تەربىيەلەشنىڭ مەخپى رېتسىپى - [ئۇنىڭدىن -بۇنىڭدىن]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/39047914.html
پەرزەنت تەربىيەلەشنىڭ مەخپى رېتسىپى
«بىزنىڭ بالىمىز دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق، ئەڭ ئەقىللىق بالا»
بۇ سۆز - ھەر بىر ئاتا-ئانىنىڭ بالىسى توغرىسىدا دېيىشكە تېگىشلىك سۆزدۇر.
بىر پىسخولوگىيە ئالىمى: «كىچىك بالىلارنىڭ زېھنى ئاپئاق قەغەزگە ئوخشايدۇ، ئۇ قەغەزگە نېمە يېزىلسا، بالا چوڭ بولۇپ شۇ قەغەزگە يېزىلغاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ياشايدۇ، ھەر قانداق كىچىك بالىنىڭ زېھنى جەھەتتىن بولسۇن ياكى جىمسانىي جەھەتتىن بولسۇن ياخشى يېتىلىشى ئۈچۈن 80 پرسەنتى ئاتا-ئانىسى بەرپا قىلغان مۇھىتنىڭ تەسىرىگە باغلىق بولىدۇ. ئانىنىڭ باغرىمۇ بالىنىڭ تۈنجى مەكتىپى ھېساپلىنىدۇ» دىگەن.
بىز تۆۋەندە ئانىلار ئۈچۈن بىر قانچە تەۋسىيەلەرنى تەقدىم قىلىمىز.
بۇ تەۋسىيەلەرنىڭ، بالىلارىنىڭ زېھنى ۋە جىسمانى جەھەتتىن ساغلام يېتىلىشىگە پايدىسى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
★ ئانا بولغۇچى ئۆز بالىسىغا يېڭى تۇغۇلغان ۋاقىتتىن باشلاپ كۆڭۈل بۆلىشى لازىم، بالىسىغا مېھرى-مۇھەببەت بىلەن گەپ قىلىش لازىم، ئەگەر ئۇ بالا كىچىك بولغانلىقتىن ئانىسىغا جاۋاپ بېرەلمىسىمۇ، كۈلۈش ياكى پۈت-قولىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئارقىلىق مۇھەببەت ئىزھار قىلالايدۇ.
★ كىچىك بالىنىڭ زېھنى ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆپلىگەن نەرسىلەرنى كۆرسىتىڭ، ئوخشىمىغان نەرسە، ئوخشىمىغان رەڭلەرنى كۆرسە تىز ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارى ئاشىدۇ. ئوخشىمىغان ئويۇنچۇقلارنى ئويناش ئارقىلىق كۆپلىگەن نەرسىلەرنى ئۆگۈنىدۇ. ھەر خىل ئويۇنچۇقلارنى ئويناش بالىنىڭ ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆگۈنۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.
★ كىچىك بالىنى كىچىكىدىنلا يۇيۇنۇشقا ئادەتلەندۇرۇڭ، ھەر كۈنى يۇيۇندۇرۇپ، پاكىز كىيىملەرنى كەيدۈرۈشنى كۈندىلىك ئادەت قىلىۋېلىڭ، مۇشۇنداق قىلسىڭىز، بالىڭىزنىڭ تىز چوڭ بولۇشقا، جىسمانى جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشكە كۆپ پايدىسى بولىدۇ ۋە ئۇنىڭغا پاكىزلىققا ئەھمىيەت بىرىدىغان ئادەت پەيدا بولىدۇ.
ھەر كۈنى مەلۇم ۋاقىت باغچىغا ياكى مەيدانغا ئاپىرىپ ئايلاندۇرۇڭ، يېشىللىق بالىلارنىڭ زېھنى ۋە جىسمانى ساغلاملىقى ئۈچۈن پايدىلىق.
★ كىچىك بالىغا تىل چىقىپ سۆزلەشكە باشلىغاندا ئوخشىمىغان سۆزلەرنى ئۆگۈتۈپ سۆزلەشكە ئۈندەڭ، ھەر كۈنى مەلۇم ۋاقىت ئۇنىڭ سۆزلىشىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىڭ، يېڭى يېڭى يېقىملىق سۆزلەرنى ئۆگۈتۈڭ، بالىڭىز سىز ئۆگەتكەن سۆزلەرنى باشقىلار ئالدىدا سۆزلەيدىغانلىقىنى ھەرگىز ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ.
★ بالىڭىز ئويۇنغا بېرىلىپ كەتكەندە ئۇنىڭ نېمىگە قىزىقىدىغانلىقى ۋە قانداق ئويۇننى ياقتۇرىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىڭ، بۇ ئىش ئۇنىڭ ئىستىقبالى توغرىسىدا قارار چىقىرىشىڭىزدا پايدىسى بولىدۇ. چۈنكى كىچىك بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقلىرى ئۇنىڭ نېمىگە ھەۋەس قىلىشى، نېمىنى ياقتۇرۇشى، نېمىنى ئارزۇ قىلىشى، نېمىگە يۈزلىنىشىنى ئاشكارىلايدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ قىزىقىشىدا مۇناسىپ يول ئۇچراپ قالسا ئۇنىڭ قىزىققان شۇ نەرسىدە مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىدا ھېچقانداق شەك يوق.
★ كىچىك بالىلارنىڭ سورىغان سوئالىغا ھەرگىز سەل قارىماڭ، بالىلار سوئال سوراش ئارقىلىق ئۆزىدىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئاشكارىلايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ سوئالىغا ئەستائىدىللىق بىلەن جاۋاپ بېرىڭ ، ئۇنى جۈرئەتلىك بولۇشقا ئۈندەڭ، ئاپىرىن ئوغلوم، يارايسەن، دېگەن سۆزلەرنى كۆپ قىلىڭ.
★ بالىلارنى ياخىشى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن توغرا بىلەن خاتانىڭ پەرقىنى چۈشەندۈرۈڭ، ئۇنىڭ ئالدىدا ھەرگىز يالغان سۆزلىمەڭ، داۋاملىق ئۆزىڭىزنى ئېسىل، ئالى جاناپ كۈرسىتىڭ، ئۆزىڭىزنى بالىڭىزغا ئۆلگە قىلىڭ، ھەتتاكى ئۇ سىز ماڭغان يولنى ئۆزلەشتۈرۈپ، شۇ يۈلدا مېڭىشتىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى پەيدا بولسۇن.
★ بالىڭىزغا تارىختا ئۆتكەن مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىڭ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى توغرىسىدا يېزىلغان كىتابلارنى، قىسسىلەرنى ئوقۇپ بېرىڭ، بەزىدە ئۆزىڭىزمۇ ياخشى ھېكمەتلىك ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بىرىڭ. ئۆزى ئوقۇيالايدىغان بولغاندا شۇ خىلدىكى كىتابلارنى ئەكىلىپ بېرىڭ.
★ بالىلاردا كىچىكىدىن بەش ۋاخ ناماز ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈڭ، بۇ، دىنىي جەھەتتىن ساۋاپلىق ئىش ۋە دۇنيالىق جەھەتتىنمۇ بالىلاردا تەرتىپلىك ۋە ئىنتىزامچانلىق ئادىتى يېتىلدۇرىدۇ.
★ بالىڭىزنى ھەرگىزمۇ بىر نەرسىدىن قورقۇتماڭ، ئۇنىڭ زېھنىغا بىر نەرسىدىن قورقۇش كىسىلىنى ئورناتماڭ.
ئۇنى بىر باھادىر ئىنسان قىلىپ يېتىشتۈرۈڭ.
★ بالىڭىزنىڭ ئالدىدا ۋاقىراپ گەپ قىلماڭ ۋە ئۇنىڭ بىلەن جەڭگە جىدەل قىلماڭ، جەڭگە جىدەلدىن ئىمكان بار يىراق قىلىڭ. ئۇنداق قىلمىسىڭىز بالىڭىزنىڭ چۈشەنچىدە پىكرى چېچىلاڭغۇلۇق ئېشىپ كېتىپ، ھاياتقا بولغان تونۇشى چۈشكۈنلىشىدۇ.
★ بالىڭىز بىرەر ياخشى ئىش قىلسا، ئۇنى جۈرئەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «ئاپىرىن، يارايسەن ئوغلۈم» دەڭ.
باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئوغلىڭىزنىڭ ياخشى ئىش قىلغانلىقىنى ماختاڭ، شۇنداق قىلسىڭىز ئۇ كەلگۈسىدە ياخشى ئىش قىلىشقا تىرىشىدىغان بولغۇسى.
★ بالىلارنى تەربىيەلەش ئاتا-ئانىنىڭ مەجبۇرىيىتى، لېكىن ئاللاھ تائالا جەننەتنى ئانىنىڭ قەدىمىنىڭ ئاستىدا قىلدى، چۈنكى بالىلارنى قاتارغا قوشۇش، تەربىيەلەشتە دادىغا قارىغاندا ئانىنىڭ ئەجىر كۆپ بولىدۇ ۋە ئۇنى تەربىيىلەپ يېتىلدۈرۈش باشقىلارنىڭ باغرىدا ئەمەس، دەل ئانىنىڭ باغرىدىكى ۋاقىتتىن باشلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ ئانىلىق مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشقا تىرىشىڭ ۋە بۈگۈنكى ئانىلارنىڭمۇ كىشىلەرنىڭ ھەۋىسىنى قوزغىغىدەك بالىلارنى تەربىيىلەپ چىقالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقىڭ، ھەمدە كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا: «شۈبھىزكى، گۈدەك بالىلارنىڭ جەمئىيەتكە ياراملىق، پايدىلىق بولىشىدا، جەمئىيەتتە مۇھىم رول ئوينىيالىشىدا ئانىلارنىڭ خاسىيىتى بار ئىكەن» دېگەن چۈشەنچە ئورۇن ئالغاي.历史上的今天:
پەلەستىننىڭ داھىسى-ياسىر ئەرافات 2009-05-07يەھۇدىي مىللىتى 2009-05-07دۇنيا تارىخىدىكى مەشھۇر ئىمپىرىيەلەر 2009-05-07
收藏到:Del.icio.us