پرېستان: مۇۋەپپەقىيەت:ئۇزلۇكسسىز تىرىشقانلارغا ....مەغلۇبىيەت يەنىلا شۇ ھۇرۇنلارنىڭ دەسمايىسى..

  • 2009-05-07

    دۇنيا تارىخىدىكى مەشھۇر ئىمپىرىيەلەر - [تارىخ]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39048407.html

    بۇ بەتتىكى ماقالىلەر مۇندەرىجىسى:
    (1)ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسى
    (2)پېرسىيە ئىمپېرىيىسى
    (3)ئالىكساندىر ئىمپېرىيىسى
    (4)رىم ئىمپېرىيىسى
    (5)ئەرەب ئىمپېرىيىسى
    (6)كارولىن ئىمپېرىيىسى
    (7)تېمۇر ئىمپېرىيىسى
    (8)ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسى
    (9)...


    ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسى

    ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسى قەدىمكى زامان دۇنياسىدىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ھەربىي ئىمپېرىيىلەرنىڭ بىرى. بۇ ئىمپېرىيە تگر ۋە ئېفرات دەريا ۋادىسىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى8 - ئەسىردە باش كۆتۈرۈپ، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى612 - يىلى يىمىرىلگەن، مەۋجۇت بولغان ۋاقتى100 يىلغا يەتمىگەن.
    ئاسسۇرىيىلىكلەر ئىككى دەريا ۋادىسىنىڭ يۇقىرىقى ئېقىمىدىكى ئېگىزلىكتە چارۋىچىلىق ۋە ئوۋچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن. ناھايىتى ئۇزاق بىر دەۋردە، ئاسسۇرىيىلىكلەرگە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاككاد، سۇمېر، ئامورى، خىتتىت قاتارلىق مىللەتلەر ھۆكۈمرانلىق قىلغان. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى14 - ئەسىرگە كەلگەندىلا، ئەتراپتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر (بابىلۇن، خىتتىت) ئارقا - ئارقىدىن زاۋاللىققا يۈز تۇتقاچقا، ئاسسۇرىيە باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان. ئەتراپتىكى مىللەتلەر بىلەن بولغان ئۇزاق مەزگىللىك ھەربىي توقۇنۇشتا، ئاسسۇرىيە ئۆزىنى پەيدىنپەي بىر غايەت زور ئۇرۇش ماشىنىسىغا ئايلاندۇرغان. تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى9 - ئەسىردىن باشلاپ ئاسسۇرىيىلىكلەر تۆمۈردىن ياسالغان جەڭ قوراللىرىنى زور مىقداردا قويۇشقا باشلاپ، دائىمىي ئارمىيە قۇرغان، مەنچاناق ۋە سېپىل تەشكۈ قاتارلىق شەھەرگە ھۇجۇم قىلىدىغان قورال - جابدۇقلارنى كەشىپ قىلغان ھەمدە ھارۋىلىق قوشۇن، ئاتلىق قوشۇن، ئېغىر قوراللانغان پىيادە قوشۇن، يېنىك قوراللانغان پىيادە قوشۇن، شەھەرگە ھۇجۇم قىلغۇچى قوشۇن، قورال - ياراغ توشۇغۇچى قوشۇن قاتارلىق كۆپ خىل كەسپىي ئەسكەر تۈرلىرىنى بەرپا قىلىپ، ئەينى زامان دۇنياسىدىكى ئەڭ ئىلغار ھەربىي تۈزۈلمە ۋە قورال - جابدۇقلارغا ئىگە قوشۇننى قۇرۇپ چىققان. تىگىلات پىلېسېر Ⅲ دەۋرى (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى746 - يىلىدىن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى727 - يىللار) دە، ئاسسۇرىيە جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ بابىلوننى گۇمران قىلغان، غەربتە سۈرىيىنى بويسۇندۇرۇپ، مەشھۇر تارىخىي شەھەر دەمەشقنى ئىشغال قىلغان. ئۇنىڭ ۋارىسلىرى سارگون Ⅱ (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى721 - يىللاردىن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى705 - يىللار)، سېناخېرىب (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى704 - يىللاردىن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى681 - يىللار) ۋە ئىساخىدېن ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرلەردە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىسرائىلىيە، مىسىرنى يوقىتىپ بابىلوننى قايتا بوسۇندۇرۇپ، ئاسىيا، ئافرىقىدىن ھالقىغان غايەت زور ئىمپېرىيە قۇرۇپ چىققان.
    ئاسسورىيە ئىمپېرىيىسى پۈتۈنلەي قانلىق ئىستېلا ئاساسىغا قۇرۇلغان، ئىستېلا قىلىنغان دۆلەت ۋە مىللەتلەرگە قارىتا ۋەھشىيانە تېررورلۇق ھۆكۈمرانلىق يولغا قويۇلغان. ئالايلۇق، ئاسسورىيە قوشۇنى دەمەشقنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ۋەھشىيانە قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ، ئادەم بېشىدىن كىچىك تاغ ياسىغان، زور تۈركۈمدىكى ئۇرۇش ئەسىرلىرى ۋە ئاددىي پۇقرالار دەھشەتلىك جازاغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆلتۈرۈلگەن، قالغان پۇقرالار ئاسسۇرىيىلىكلەرنىڭ قۇلىغا ئايلانغان. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى612 - يىلى يېڭى بابىلون ۋە مىدىيە بىرلەشمە قوشۇنى ئاسسورىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى نىنىۋىيىنى ئىشغال قىلغان ھەمدە نىنىۋىيىدە دەھشەتلىك قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەندىن كېيىن شەھەرنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئىمپېرىيە ھالاك بولغان.
    ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسى ھەربىي ئىستېلا ئاساسىدا قۇرۇلغان دۆلەت بولغاچقا، ئۇنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئىجادىي خاراكتېرلىك تۆھپىسى ئىنتايىن ئاز ئىدى. لېكىن ئىمپېرىيىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھى ئاسسۇر بانىپال نىنىۋىيە شەھىرىدە بىر كۇتۇپخانا سالدۇرغان، بۇ كۇتۇپخانىدا22 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق شىنا مىخ يېزىق ئويۇلغان لاي تاختا ساقلانغان. نىنىۋىيە شەھىرى ۋەيران قىلىنغاندا لاي تاختىلار خارابە ئىچىگە كۆمۈلۈپ كەتكەن، بۇ لاي تاختىلار19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندىلا ئاندىن ئارخېئولوگلار تەرىپىدىن تېپىلىپ، كېيىنكىلەرگە بىر تۈركۈم ئىنتايىن قىممەتلىك يازما يادىكارلىقلارنى قالدۇرغان.
    ____________________________________
    پېرسىيە ئىمپېرىيىسى

    پېرسىيە ئىران ئېگىزلىكىنىڭ غەربىي جەنۇب قىسمىغا جايلاشقان. پېرسىيە ئىمپېرىيىسى باش كۆتۈرۈشتىن بۇرۇن، ئىران ئېگىزلىكىدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئېلان ۋە مىدىيىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت بارلىققا كەلگەن. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى7 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە مىدىيە بىلەن بابىلون ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسىنى يوقاتقان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى553 - يىلى ئاخمېنىدلار نەسەبىدىن كېلىپ چىققان پارس ئاقسۆڭەك كۇرۇس Ⅱ ھەرقايسى پارس قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مىدىيە پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئاخمېند پادىشاھلىقىنى قۇرغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى550 - يىلى كۇرۇس Ⅱ پېرسىيە پادىشاھى بولغان.
    پېرسىيىنىڭ باش كۆتۈرۈشى ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنى ۋەھىمىگە سالغان. لۈدىيە، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەر پېرسىيىگە قارشى ئىتتىپاق تەشكىللىگەن، ئۇزاق ئۆتمەي پېرسىيە قوشۇنلىرى تەرىپىدىن بىر - بىرلەپ يوقىتىلغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى540 - يىلى پېرسىيە لۈدىيىنى يوقاتقان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى538 - يىلى بابىلوننى ئىشغال قىلىپ، پۈتكۈل غەربىي ئاسىيانى بىرلىككە كەلتۈرگەن. ئۇزاق ئۆتمەي كۇرۇس Ⅱ شەرققە كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا قوشۇن تارتقان. ئۇ مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى529 - يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چارۋىچى قەبىلىلەر بىلەن بولغان جەڭدە ئالەمدىن ئۆتكەن.
    كۇرۇس Ⅱ ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى كامبىس تەختكە چىقىپ، كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى525 - يىلى مىسىرنى بويسۇندۇرغان ھەمدە قوشۇننى بۆلۈپ غەربتە لىۋىيە، جەنۇبتا نوبىيىلەرگە ھۇجۇم قىلغان. غەربىي يولدىكى قوشۇن قۇم بورانغا دۇچ كېلىپ كۆمۈلۈپ كەتكەن، بۇ ئەسكەرلەرنىڭ قالدۇق سۆڭەكلىرى2500 يىلدىن كېيىن مىسىر ئارخېئولوگلىرى تەرىپىدىن تېپىلدى. جەنۇبىي يولدىكى قوشۇنلارمۇ ئوخشاشلا مەغلۇبىيەت تەقدىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. كامبىس يىراقتا ئىستېلا ئۇرۇشى قىلىۋاتقاندا، غەربىي ئاسىيادىكى ئىستېلا قىلىنغان جايلاردا تۇشمۇتۇشتىن پېرسىيىگە قارشى قوزغىلاڭ پارتلىغان، پېرسىيىنىڭ ئۆز زېمىنىدىمۇ سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن. كامبىس ئالدىراپ - تېنەپ دۆلىتىگە قايتىش سەپىرىگە ئاتلىنىپ سۈرىيىگە كەلگەندە ئۆلگەن (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى522 - يىلى)، كېيىن كۇرۇسنىڭ كۈيئوغلى دارىئۇس دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشنى باستۇرۇپ پادىشاھلىق تەختكە چىقىپ، دارىئۇس Ⅰ دەپ ئاتالغان. ئاندىن ئۇ شەخسەن ئۆزى زور قوشۇننى باشلاپ غەربىي ئاسىيادىكى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن دۆلەتلەرنى تىنچىتىپ توققۇز پادىشاھنى ئەسىرگە ئېلىپ، ئاخمېند پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قايتىدىن تىكلىگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ تۆھپىسىنى كۆز - كۆز قىلىش ئۈچۈن، قوزغىلاڭنى باستۇرۇش جەريانىنى پارسچە، ئېلامچە، بابىلونچە ئۈچ خىل مىخ يېزىق بىلەن بېخستون دېگەن جايدىكى قىياغا ئويدۇرغان. مانا بۇ مەشھۇر «بېخستون ئويما يېزىقى» دۇر.
    دارىئۇس Ⅰ ئىمپېرىيە چېگرىسى ئىچىدىكى مالىمانچىلىقلارنى تىنچىتقاندىن كېيىن، داۋاملىق سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى518 - يىلى، دارىئۇس Ⅰ يىراققا يۈرۈش قىلىپ ھىندى دەرياسىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىغا يېتىپ كەلگەن، ئاندىن ئارقىغا يېنىپ غەربكە يۈرۈش قىلىپ يۇنانغا تەھدىت سالغان، شۇنىڭ بىلەن يېرىم ئەسىرگە يېقىن داۋاملاشقان «يۇنان - پېرسىيە ئۇرۇشى» پارتلىغان.
    پېرسىيە ئىمپېرىيىسى دارىئۇس Ⅰ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە ئەڭ گۈللەنگەنىدى. ئىمپېرىيىنىڭ زېمىنى شەرقتە ھىندى دەرياسىدىن باشلىنىپ غەربتە ئېگېي دېڭىزىغىچە، شىمالدا كاسپى دېڭىزىغا، جەنۇبتا مىسىرغىچە كېڭەيگەن. يېرىم ئەسىرگە يەتمىگەن ۋاقىتتا، پېرسىيە كېڭەيمىچىلىك قىلىپ مىسلىسىز چوڭ ئىمپېرىيىگە ئايلانغان. پېرسىيە ئىمپېرىيىسى يۇنان - پېرسىيە ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن قايتا باش كۆتۈرەلمىگەن، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى330 - يىلىغا كەلگەندە يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن يەنە بىر ئىمپېرىيە  ماكېدونىيىدىكى ئالىكساندىر ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن يوقىتىلغان.
    ____________________________
    ئالىكساندىر ئىمپېرىيىسى

    ئالىكساندىر ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاساسى ماكېدونىيە پادىشاھلىقى ئىدى. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى4 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، فىلىپ Ⅱ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋر (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى359 -336 - يىللار) دە بىرلىككە كەلگەن ماكېدونىيە پادىشاھلىقى شەكىللەنگەن ھەمدە تېزلىكتە قۇدرەت تېپىپ يۇنان شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ زومىگىرىگە ئايلانغان. ماكېدونىيىنىڭ باش كۆتۈرۈشى يۇنان شەھەر دۆلەتلىرى دەۋرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.
    ئالىكساندىر (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى356 −323 - يىللار) فىلىپ Ⅱ نىڭ ئوغلى. ماكىدونىيە پادىشاھلىقى ئالىكساندىر ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە ئەڭ گۈللەنگەن بولغاچقا، كىشىلەر بۇ غايەت زور ھەم ئۆمرى قىسقا ئىمپېرىيىنى ئالىكساندىرنىڭ نامى بىلەن ئاتاشقا ئادەتلەنگەن.
    مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى336 - يىلى فىلىپ Ⅱ قەستكە ئۇچراپ ئۆلگەن، بۇ چاغدا ماكېدونىيە پۈتكۈل يۇناننى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دۇنياغا زومىگەرلىك قىلىشقا ئاساس سالغانىدى. ئەڭ مۇھىمى شۇكى، ئۇ بىر قابىل ئىزباسار − ئوغلى ئالىكساندىرنى تەربىيىلەپ چىققان.
    دادىسى ئالەمدىن ئۆتكەندە، ئالىكساندىر ئاران20 ياشتا بولسىمۇ، بىراق ئىستېداتتا قەدىمدىن ھازىرغىچە ئۆتكەن ھەرقانداق بىر پادىشاھتىن قېلىشمايتتى. ئالىكساندىر تەختكە چىققاندىن كېيىن يۇناندىكى توپىلاڭ كۆتۈرگەن شەھەر دۆلەتلىرىنى تېزلىكتە تىنچىتقان، ئاندىن ئارقىغا يېنىپ شەرققە يۈرۈش قىلىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى شەرقتىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەت − پېرسىيىنى بويسۇندۇرۇشقا ئاتلانغان.
    مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى333 - يىلى ئالىكساندىر قوشۇن باشلاپ سۈرىيە چېگرىسى ئىچىدىكى ئىسسىي دېگەن جايدا پېرسىيە پادىشاھى دارىئۇس Ⅲ قوماندانلىقىدىكى پېرسىيە قوشۇنى بىلەن زور كۆلەملىك جەڭ قىلغان. بۇ قېتىمقى جەڭدە دارىئۇس Ⅲ سەپنى تاشلاپ قاچقان، ئۇنىڭ ئايالى، قىزى ۋە ئانىسى ئالىكساندىرغا ئەسىرگە چۈشكەن. ئىككى يىلدىن كېيىن (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى331 - يىلى) ئالىكساندىر ئىككى دەريا ۋادىسىدىكى گاۋگامېلدا دارىئۇس Ⅲ بىلەن يەنە بىر قېتىم ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغان. پېرسىيە قوشۇنلىرى يەنە بىر قېتىم ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولغان، دارىئۇس Ⅲ ئۆزى يالغۇز قېچىپ چىقىپ، يولدا قول ئاستىدىكىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
    مۇشۇ مەزگىلدە (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى332 - يىلى) ئالىكساندىر يەنە قوشۇن باشلاپ ئافرىقىغا بېسىپ كىرىپ، مىسىرنى ئىشغال قىلغان ھەمدە نىل دەرياسى ئېغىزىغا ئۆزىنىڭ نامىدا شەھەر بىنا قىلغان. مانا بۇ مەشھۇر ئالىكساندىرىيە شەھىرىدۇر. بۇ شەھەر ھازىرمۇ مىسىردىكى ئەڭ چوڭ دېڭىز پورتى ھېسابلىنىدۇ.
    ئالىكساندىر پېرسىيىنى ئىستېلا قىلغاندىن كېيىن، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى327 - يىلى ئىران ئېگىزلىكىدىن قوشۇن باشلاپ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، ھىندىستانغا تاجاۋۇز قىلغان. ھىندىستاندىكى پەنجاپتا (بەش دەريادا) زور تالاپەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىنلا ئاندىن ھىندى دەريا ۋادىسىنى ئىستېلا قىلالىغان. گەرچە ئالىكساندىر داۋاملىق يۈرۈش قىلىپ گانگ دەريا ۋادىسىنى ئىشغال قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، ئەسكەرلەر داۋاملىق جاپالىق يۈرۈش قىلىپ جەڭ قىلىشقا ۋە ھىندىستاننىڭ ئىسسىق ھاۋا كىلىماتىغا چىدىيالماي قالغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى326 - يىلى ئالىكساندىر قايتىشقا مەجبۇر بولۇپ، دېڭىز، قۇرۇقلۇق ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ بابىلونىيىگە قايتقان.
    ئالىكساندىر بابىلنى بۇ غايەت زور ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى قىلىشنى قارار قىلغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى323 - يىلى ئالىكساندىر يەنە قوشۇن باشلاپ ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ياۋروپا زېمىنىنى بويسۇندۇرۇشقا تەييارلانغان. بىراق ئۇ يۈرۈشكە ئاتلىنىش ھارپىسىدا كېسەل بولۇپ قېلىپ33 يېشىدا قازا قىلغان. ئەينى چاغدا ماكىدونىيە ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقا ئۈچ قىتئەنى ھالقىغان مىسلىسىز چوڭ ئىمپېرىيىگە ئايلانغان. ئالىكساندىر ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئىمپېرىيىمۇ چاك - چېكىدىن پارچىلىنىپ كەتكەن. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى146 - يىلىغا كەلگەندە، ماكېدونىيە رىم تېررىتورىيىسىگە قوشۇۋېتىلگەن.
    رىم ئىمپېرىيىسى

    رىم جۇمھۇرىيىتى تەخمىنەن بەش ئەسىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى27 - يىلى ئوكتاۋىئان «ئاۋگۇستۇس» (سەلتەنەتلىك، ئۇلۇغ، مۇقەددەس دېگەن مەنىلەردە) دېگەن نامغا ئىگە بولغاندىن تارتىپ رىم ئىمپېرىيىسى ھالاك بولغۇچە (مىلادىيە476 - يىلى) بولغان دەۋر تارىختا رىم ئىمپېرىيىسى دەۋرى دەپ ئاتالغان.
    مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى29 - يىلى ئوكتاۋىئان ھەربىي كۈچكە تايىنىپ قەدىمكى رىمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ رىم سېنات تەرىپىدىن «بىرىنچى پۇقرا» (يەنى «پرىنسپات»)، «ئاۋگۇستۇس» دېگەن ناملار بېرىلگەن. ئۇ كۆرۈنۈشتە جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى داۋاملىق ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەم ئاشكارا سورۇنلاردا «سېنات ۋە رىم پۇقرالىرىنىڭ ئىرادىسى» گە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە دۆلەتنىڭ بارلىق مۇھىم ھوقۇقلىرىنى ئۆز قولىغا مەركەزلەشتۈرۈپ مۇتلەق ھوقۇققا ئىگە بولغان. بۇ خىل جۇمھۇرىيەت تونىغا ئورىلىۋالغان مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق «پرىنسپات سىياسىيسى» (ئالىي باشلىق سىياسىيسى) دەپ ئاتالغان. ئوكتاۋىئان ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋر (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى27 ~284 - يىللار) دەسلەپكى دەۋردىكى رىم ئىمپېرىيىسى دەپ ئاتالغان.
    ئوكتاۋىئان ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن دەۋر رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەڭ شانلىق ۋە گۈللەنگەن دەۋرى ھېسابلىنىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئىمپېرىيىنىڭ زېمىنى شەرقتە ئېفرات دەرياسىغا، غەربتە ئاتلانتىك ئوكيانغا، جەنۇبتا سەھرايى كەبىر قۇملۇقىغا قەدەر كېڭەيگەن، شىمالدا رېين دەرياسى ۋە دوناي دەرياسىنى پاسىل قىلىپ، تەبىئىي چېگرىلارغىچە كېڭىيىشنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىغان. ئوكتاۋىئان مىلادىيە14 - يىلى قازا قىلغان. ئۇ رىمغا44 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان، ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋر ئاۋگۇستۇس دەۋرى دەپ ئاتالغان. ئۇ بەرپا قىلغان «پرىنسپات سىياسىيسى» ئۇ ئۆلگەندىن كېيىنمۇ يەنە280 نەچچە يىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان.
    مىلادىيە3 - ئەسىردە رىم ئىمپېرىيىسى ئۇزاق مەزگىللىك كرىزىسقا پېتىپ قالغان. مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنىنىڭ قوماندانى دىئوكلېتىيان قورال كۈچى بىلەن ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ «پرىنسېپات (پرىنتسېپاتۇس) تۈزۈمى» نى بىكار قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى «ئىلاھ» بەرگەن دەپ قاراپ، «سېنات ۋە رىم خەلقى» بەرگەنلىكىنى ئاشكارا ئىنكار قىلغان، ئۆزىنى «پادىشاھ» دەپ ئاتىغان، رىم ئىمپېرىيىسى شەرقچە مۇستەبىت ئىمپېرىيىگە ئايلانغان، دىئوكلتېئاندىن باشلاپ رىم ئىمپېرىيىسى ئاخىرقى مەزگىلدىكى رىم ئىمپېرىيىسى دەپ ئاتالغان.
    دىئوكلېتىيان ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىزباسارلىرى ئۇنىڭ مۇستەبىتلىك سىياسىي تۈزۈلمىسىگە ۋارىسلىق قىلغان، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇرى كونستانتىندۇر. ئۇ31 يىل (306 ~337 - يىللار) تەختتە ئولتۇرغان. رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە سىياسىي، ئىقتىساد مەركىزى تەدرىجىي ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىسمىغا يۆتكەلگەن. كونستانتىن ئەسلىدىكى يۇنان شەھەر دۆلىتى ۋىزانتىيىنىڭ خارابىسىدە بىر يېڭى پايتەخت بىنا قىلىپ، ئىمپېرىيىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتكەن. بۇ يېڭى شەھەر كېيىن كونستانت نوپول دەپ ئاتالغان، يەنى بۇ ھازىرقى ئىستانبۇل شەھىرىدۇر. كونستانتىن خرىستىئانلارغا كەڭ قورساقلىق قىلغاچقا ۋە ئۇلارنى قوللىغاچقا، دىنىي جەمئىيەتنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولۇپ، «ئىمپېراتور كونستانتىن» دەپ ئاتالغان.
    كونستانتىن ئۆلگەندىن كېيىن ئىمپېرىيە يەنە مالىمانچىلىق پاتقىقىغا پېتىپ قالغان،394 - يىلىغا كەلگەندىلا ئاندىن تېئودوس تەرىپىدىن بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن، بىراق ئۇ ئاران بىر يىللا تەختتە ئولتۇرۇپ قازا قىلغان. ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئىمپېرىيىنى ئۆزىنىڭ ئىككى ئوغلىغا بۆلۈپ بەرگەن. چوڭ ئوغلى ئاكادى شەرقىي قىسمىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان، ئىككىنچى ئوغلى خېلورى غەربىي قىسمىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان.395 - يىلى ئىمپېرىيە رەسمىي پارچىلانغان، شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى كونستانتىنوپولنى پايتەخت قىلغان، غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى رىمنى پايتەخت قىلغان.476 - يىلى غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھى ئۆلتۈرۈلۈپ ئىمپېرىيە ھالاك بولغان، شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى (ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) يەنە نۇرغۇن ئەسىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ھالاك بولۇشى غەربىي ياۋروپا قۇللۇق جەمئىيەت تارىخىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن غەربىي ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر فېئوداللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويدى.
    _________________________________
    ئەرەب ئىمپېرىيىسى

    ئەرەب ئىمپېرىيىسى يەنە سالاسىن ئىمپېرىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، جۇڭگونىڭ قەدىمكى زامان تارىخنامىلىرىدە «ئەرەب» دەپ ئاتىلاتتى. ئادەتتە بۇ ئىمپېرىيە مىلادىيە7 ~13 - ئەسىرلەرگىچە ئەرەبلەر قۇرغان ئىسلام دۆلىتىنى كۆرسىتىدۇ.
    ئوتتۇرا دېڭىز بىلەن ھىندى ئوكيان ئارىلىقىدا غايەت زور بىر يېرىم ئارال، يەنى ئەرەب يېرىم ئارىلى بار. قەدىمدىن بۇيان يېرىم ئارالدا سام تىلىدا سۆزلىشىدىغان كۆچمەن چارۋىچى مىللەت ياشىغان بولۇپ، ئۇلار تارىختا ئەرەبلەر دەپ ئاتالغان. ئەرەب قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىمپېرىيىنىڭ ئاساسىنى سالغۇچى ئىسلام دىنىنىڭ ئىجادچىسى مۇھەممەد پەيغەمبەر ئىدى. ئۇ ئۆزىنى ئاللانىڭ ئەلچىسى، «پەيغەمبەر» دەپ ئاتىغان. ئۇ، ئۇزاق يىل ئىسلام دىنىنى تارقىتىش ئارقىلىق ئاخىر622 - يىلى مەدىنىدە ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشكەن دۆلەت قۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن، مۇھەممەد پەيغەمبەر قورال كۈچىگە تايىنىپ ئىسلام دىنىنى تارقاتقان.632 - يىلى مۇھەممەد پەيغەمبەر ئالەمدىن ئۆتكەن چاغدا، ئەرەب يېرىم ئارىلى ئاساسەن بىرلىككە كەلگەنىدى.
    مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ۋارىسى «خەلىپە» دەپ ئاتالغان. بۇ «ئاللانىڭ ئەلچىسىنىڭ ۋارىسى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، ئىسلام دىنى مۇرىتلىرى «مۇسۇلمان» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ «ئاللاغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار» دېگەن مەنىدە. خەلىپە ئىسلام دىنىنىڭ دىنىي داھىيىسى بولۇپلا قالماي، يەنە ئەرەب دۆلىتىنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي رەھبىرى ئىدى. ئەڭ دەسلەپتە، خەلىپە سايلام ئارقىلىق بارلىققا كېلەتتى. ئۇمەييە جەمەتىدىكى مۇئاۋىيە خەلىپە بولغاندىن تارتىپ خەلىپىنى سايلاش تۈزۈمى خەلىپىلىككە ۋارىسلىق قىلىدىغان پادىشاھلىق تۈزۈمگە ئۆزگەرتىلدى ھەمدە ئۇمەييە سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى باشلىنىپ (661 ~750 - يىللار)، سۈرىيىنىڭ دەمەشق شەھىرى پايتەخت قىلىپ بېكىتىلدى. بۇ مەزگىلدە ئەرەب دۆلىتى «غازات» تۇغىنى كۆتۈرۈپ شەرق ۋە غەربكە يۈرۈش قىلىپ كەڭ كۆلەمدە كېڭەيمىچىلىك قىلدى، زېمىن دائىرىسى شەرقتە ھىندى دەريا ۋادىسى ۋە جۇڭگونىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى غەربىي چېگرىسىغىچە كېڭەيدى، غەربتە ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا ۋە شىمالىي قىسمىنى ئىگىلەپ، جەبىلتارىق بوغۇزىنى كېسىپ ئۆتۈپ ئىسپانىيىگە بېسىپ كىردى.8 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەرەبلەر ئاسىيا، ياۋروپا ۋە ئافرىقا ئۈچ قىتئەدىن ھالقىغان، چېگرىسى شەرقتە ھىندىستان ۋە جۇڭگو چېگرىسىغا، غەربتە ئاتلانتىك ئوكيانغىچە كېڭەيگەن چوڭ ئىمپېرىيە قۇردى. ئىمپېرىيىنىڭ تېررىتورىيىسى ئەينى زاماندا بىر مەزگىل دەۋر سۈرگەن پېرسىيە ئىمپېرىيىسى، ئالىكساندىر ئىمپېرىيىسى ۋە رىم ئىمپېرىيىسىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتتى.750
    - يىلى ئىمپېرىيە قۇرۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي ئۇمەييە سۇلالىسى دېھقانلار قوزغىلىڭىدا ئاغدۇرۇپ تاشلىنىپ، ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى باشلاندى.762
    - يىلى ئابباسىيلار پايتەختىنى باغدادقا كۆچۈردى، ئۇزاق ئۆتمەي پارچىلىنىش گىردابىغا چۈشۈپ قالدى.10 - ئەسىرنىڭ بېشىدا ئۇمەييە خان جەمەتىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئىسپانىيىدە ئۇمەييە سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. شىئە مەزھىپى (ئىسلام دىنىدىكى مەزھەپلەرنىڭ بىرى) دىكى مۇسۇلمانلار شىمالىي ئافرىقىدا فاتىمىيە سۇلالىسىنى قۇردى. فاتىمىيە سۇلالىسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ھازىرقى تۇنىس، ئالجىرىيە، سۈرىيە، پەلەستىن، مىسىر، سىتسىلىيە ئارىلى ۋە ساردىن ئارىلى قاتارلىق جايلارنى بويسۇندۇردى ھەمدە973 - يىلى پايتەختىنى قاھىرەگە كۆچۈردى. فاتىمىيە سۇلالىسى ئەرەب ئىمپېرىيىسى پارچىلانغاندىن كېيىن قۇرۇلغان ئۈچ ئەرەب دۆلىتى ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت ئىدى.
    پارچىلانغاندىن كېيىن ئەرەب ئىمپېرىيىسى ئاجىزلىشىپ كەتتى.1105 - يىلى سەلجۇق تۈركلىرى باغدادنى ئىشغال قىلىۋالدى، خەلىپە دىنىي داھىي دېگەن نامىنىلا ساقلاپ قالالىدى، ئىمپېرىيىنىڭ ئېتى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق بولۇپ قالدى.1258 - يىلى موڭغۇللار باغدادنى ئىشغال قىلىپ، خەلىپىنى بىكار قىلدى. ئەرەب ئىمپېرىيىسى ھالاك بولدى.
    بىر مەزگىل دەۋران سۈرگەن بۈيۈك ئىمپېرىيىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى ئەڭ زور بولدى. غايەت زور ئەرەب ئىمپېرىيىسى قەدىمكى دۇنيانىڭ بىرقانچە مەدەنىيەت مەركىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھەرقايسى چوڭ مەدەنىيەتلەرنىڭ مول مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئەرەب مەدەنىيىتىنى پارلاق مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتۈردى. ماتېماتىكا جەھەتتە، ئەرەبلەر ھىندىستاننىڭ10 خانىلىق رەقەملىك ھېسابلاش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلدى ھەمدە ئۇنى ياۋروپاغا تارقاتتى، بۇ رەقەم ھەتتا ھازىرمۇ كىشىلەر تەرىپىدىن ئەرەب رەقىمى دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. ئۇلار يەنە مۇكەممەل ئالگېبرانى ئىجاد قىلدى. تېبابەتچىلىكتە ئەبۇ ئەلى ئىبىن سىنا غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن «تېبابەتچىلىك شاھى» دەپ نام ئالدى. ئۇ يازغان «تېبابەتچىلىك قانۇنى» 17 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ياۋروپادا نوپۇزلۇق ئەسەر ھېسابلانغان. ئەدەبىيات جەھەتتە ئەڭ مەشھۇر ئەسەر «مىڭ بىر كېچە» كۆپلىگەن مىللەتلەرنىڭ گۈزەل، تەسىرلىك خەلق چۆچەكلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن. ئەرەبلەرنىڭ يەنە بىر كۆرۈنەرلىك تۆھپىسى شۇكى، قەدىمكى دەۋردە جۇڭگو كەشىپ قىلغان قەغەز ياساش تېخنىكىسى، مەتبەئەچىلىك، كومپاس، مىلتىق دورىسى ۋە ئوت چاچارنى ياۋروپاغا تارقاتقان.
    _________________

    收藏到:Del.icio.us




ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق