تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئابدۇقادىر سادىر: يېڭى يىلغا كىرىش

يېڭى يىلغا كىرىش



ئابدۇقادىر سادىر



ئاخىرقى تېۋىشئۇزاپ ماڭماقتىدۇر بىر يىل ئەسىر ھۇجراسىدىن ئاستا،

چىقىپ كەتكەچ يەنە بىر ئوق پەلەكنىڭ ياسىدىن ئاستا.


رۇجەك چەكمەكتە بىر پەرى لېچەككە پۈركىنىپ پېنھان،

يېڭى بىر كۈي ئېقىپ چىقمىش قەلب دۇنياسىدىن ئاستا.


قەدەھلەر چايقىلار لەرزان لەزىز كۈي بەھرىدە بىھۇش،

يۈرەكلەر ئېرىگەي تامچىپ نىگار سەۋداسىدىن ئاستا.


كېلەر شۇ تاپ داۋان ئاتلاپ بۆيۈك كولدۇرمىلىق كارۋان،

ياغار دىللارغا شادمانلىق بەخت ئەنقاسىدىن ئاستا.


يېڭى ئاي شولىسى يۇتتى شۇدەم ئاخىرقى بىر تۈننى،

دېماغلار قۇچتى خۇشبۇي ھىد  چۈچۈك ئالماسىدىن ئاستا.


دېكابىر خوش دېدى باتناپ، چىمەنلەر باغرىنى تىرناپ،

بىتاپ ئايرىلدى بىر ياپراق ئۆمۈر سەيناسىدىن ئاستا.


كېتىپتۇ بىر رەقەم يۈكلەپ يېشىمنىڭ ئۈستىگە يىللار،

كېچىپ تۇرسۇن دېگەچ مەغرۇر ھايات دەرياسىدىن ئاستا.


ماڭا ئېھسانمۇ يا بىر يۈك بۇ بىر ياش، بىلمىدىم زىنھار،

ۋە يا ئايرىشمۇ بۇلبۇلنى گۈلى رەناسىدىن ئاستا.


تېڭىرقاش ئىلكىدە باقتىم يەنە ئەينەكىگە بىر مەررە،

كېتىپتۇ چاچتا ئاق ئاۋۇپ ئىشق سەۋداسىدىن ئاستا.


تەسەللى چىشلىگەن سەلكىن پەرى سىلايدۇ تۇيغۇمنى،

قۇتۇلسۇن دەپ مېنى بەلكى ھايات غەۋغاسىدىن ئاستا.


دىكابىر كىرپىكىگە قار ئېتىپ قاچماقنى ئىستەيدۇ،

قىلىپ تەرك ئابدۇقادىرنى يەنە ئاشناسىدىن ئاستا.



سۈبھىدىكى ھېتىرقاش



ئۇشلىدى سەلكىن سەھەرنىڭ بارمىقىدىن جىممىدە.

چۆچۈپ ئويغاندى سەنەم خۇش چاقچېقىدىن جىممىدە.


زەپ شېرىن ئۆركەشلىدى ئۆز تەكتىگە كۆلچەك سۈيى،

كەتتى چاچراپ بىر بېلىجان قارمىقىدىن جىممىدە.


ئۈندى قارچۇقلار ئارا بەك- بەك مۇقەددەم بىر سۈرەت،

جان ئارا ئوت چۈشتى ئوت، نۇر چاقمېقىدىن جىممىدە.


شۇ دەقىق باغلارغا چۆكتى لەۋنى قان ئەيلەپ سۈكۈت،

بولدى بارچە گۈل جۇدا بىر ياپرىقىدىن جىممىدە


 بەردى يانۋار بارچە جاننىڭ ياشىغا بىردىن رەقەم،

چىقتى بىر «چىك» كىمسىنىڭدۇر تامغىقىدىن جىممىدە.


سەزمىدى بەلكى نىھاللار قامىتىدە زەررە ھال،

قالغىنىنى ئايرىلىپ جان ئامرىقىدىن جىممىدە.


قەددى يۈكسەك ئەرمۇدۇنلار كۆزلىرىدە ئەندىكىش،

چۈشتى بىرتال قەترە سىرغىپ قاسرىقىدىن جىممىدە.


ئابدۇقادىرغا دېكابىر خۇش دېگەن شۇ ئاخشىمى،

چىقتى شۇ ھالنى سىزىپ گۈل، يامچىقىدىن جىممىدە.


مەنبە: www.maaripchilar.com

 

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز