خۇشخەۋەر! ۋىزا ئۈچۈن تۈركىيە ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىڭ

ۋىزا ئۈچۈن تۈركىيە ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىڭ!

كومىتېتىمىز تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مائارىپ مېنىستىرلىكى ۋە ئالىي مائارىپ كومىتېتىغا سۇنۇلغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيەگە كېلىپ ئوقۇش چاقىرىق قەغىزى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىغا ئەۋەتىلدى. ۋىزا كۈتۈپ تۇرغان قېرىنداشلارنىڭ دۈشەنبە كۈنى  (10 – ئاينىڭ 10 – كۈنى)دىن تارتىپ، بېيجىڭدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، چاقىرىقى كەلگەن بولسا، دەرھال ۋىزا ئېلىۋېلىشىنى ئالاھىدە ئۇقتۇرىمىز. باشقا دۆلەتلەردىن تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدۇ، پاسپورتىنى بېيجىڭغا ئەۋەتىپ يۈرۈشنىڭ  ھاجىتى يوق.
ئەسكەرتىش: تۈركىيە ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، چاقىرىقىڭىزنىڭ كەلگەنلىكىنى ئېنىقلىماي تۇرۇپ، ۋىزا ئېلىشقا ئالدىرىماڭ!

بۇ يازما ئۇقتۇرۇش, ئۇنىۋېرسال, خەۋەرلەر كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈچلىۋېلىڭ.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: