تەكلىپ-پىكىر ئىملا تەكشۈرگۈچ خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە لۇغەت       باش بەت 

  • نەبىجان تۇرسۇن كىم؟ - [نەبىجان تۇرسۇن ماقالىلىرى]

    تارىخ پەلسەپە پەنلىرى دوكتۇرى نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئانا يۇرتى ئاقسۇ ئۈچتۇرپان
    نەبىجان تۇرسۇن 1990-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى ( 1992-يىلىدىن كېيىن رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى دەپ ئۆزگەرتىلگەن) نىڭ شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ئىنىستىتۇتىدا ئوتتۇرا ئاسىيا-ئۇيغۇر تارىخى بويىچە ئوقۇپ، دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا سازاۋەر بولغان.
    ئىلگىرى كېيىن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا، موسكۋا شەرق تىللىرى ئىنىستىتۇتىدا دەرس بەرگەن ھەمدە ئىلمىي تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللانغان. 2001-يىلىدىن ئېتىبارەن ئامېرىدىكى جونس ھوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا-كاۋكازىيە تەتقىقات ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن غەرب دۇنياسى بويىچە تۇنجى ھەم ئەڭ چوڭ ئۇيغۇر تەتقىقات قۇرۇلۇشى تەركىبىدە باشقا 17 نەپەر ئامېرىكا ئالىملىرى بىلەن بىرلىكتە ئىشلەپ، ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان تەتقىقات ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقەيەتلىك ئورۇنلىغان. ئۇ  1912-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە بولغان سىياسىي تارىخ ۋە كونتروللۇق ئىستىراتېگىيىسى ۋە  20-ئەسىر ئۇيغۇر مىللىي تارىخشۇناسلىقىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە نۇقتىنەزەرلىرى شۇنىڭدەك ئوتتۇرا ياۋرو-ئاسىيادىكى ئۇيغۇر دىئاسپورىسى ناملىق مەخسۇس تەتقىقاتلىرىنى ئورۇنلىغان.