-
لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى نامزاتىدىكى ئەسەرلەر ئېلان قىلىندى - [ئەدەبىيات ئۇچۇرى]
2010-05-20
جۇڭگۇ ئېقتىساد تورىنىڭ 2010 - يىلى 5 - ئاينىڭ 20 - كندىكى خەۋرى : بەشىنجى قېتىمىلق لۈشۈن ئەدەبىيات مۇكاپىتىنى باھالاش ئىشخانىسىنىڭ 19 - ماي ئېلان قىلغان خەۋرىدە ، بەشىنجى قېتىملىق لۈشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرنى باھالاش خىزمىتى 30 - ئاپرېل ئاياغلاشقان ھەمدە باھالاشقا قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەر مۇشۇ كۈندىن باشلاپ ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان .
باھالاش كومتېتى دەسلەپكى قەدەمدە 1008 پارچە ئەسەرنى باھالاش قائىدە - تۈزۈملىرىگە ئۇيغۇن دەپ قاراپ باھالاپ بىكىتكەن . بۇلارنىڭ ئىچىدە پوۋسىت 209 پارچە ، ھىكايە 210پارچە ، ئاخبارات ئەدەبىياتى 146 پارچە ، شېئر 126 پارچە ، نەسىر 159 پارچە ، ئەدەبىيات نەزىريىسى ۋە ئەدەبىي ئوبزۇرلار 122 پارچە ، تەرجىمە ئەسەرلەر 36 پارچە ئىكەن . 1008 پارچە باھالاشقا قاتناشتۇرۇلغان ئەسەر تىزىملىك بويىچە 2010 - يىلى 5 ئاينىڭ 19 كۈنى << ئەدەبىيات - سەنئەت گېزىتى >> ۋە جۇڭگۇ يازغۇچىلار تورىدا ئىلان قىلىنىپ ، كۆپچىلىكنىڭ نازارىتىنى قۇبۇل قىلىدىكەن . ئېلان قىلىنىش ۋاقىتى 2010 - يىلى 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن باشلاپ 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنىگىچە بولىدىكەن .