كۆردۈم
كۆردۈم
تەلقىنى
كۆمۈلگەن شۆھرەتنى كىتابتىن كۆردۈم،
ئۇيغۇرنىڭ تىگىنى ئوغۇزدىن كۆردۈم.
«ئاسىيا سەردارى»ئۆتمۈشتە نامىڭ،
مىڭ ئەپسۇس بۈگۈن بىر نىمجاننى كۆردۈم.
كوچىدا ماڭغىلى بولمايدۇ ھازىر،
شۇندىمۇ ئۆيۈمدە ماجىرانى كۆردۈم.
كىتاب يوق،گۈدەكنىڭ قولىدا چوتكا،
پۇل ئۈچۈن مايلىغان ئاياغنى كۆردۈم.
ئاناتىل يىغلايدۇ مەكتەپتە ئۆكسۈپ،
سەبىينىڭ ئاغزىدا قوش تىلنى كۆردۈم.
خاس ھاجىپ،قەشقىرى كەتتى قاياققا؟
تاملارغا ئىسىقلىق كوڭزىنى كۆردۈم.
ئىلىم-پەن ئىزدەشكە پۇل يوق بىزلەردە،
بۇلۇڭدا قۇرۇلغان تاۋكانى كۆردۈم.
قاتارچاي ئىچىدە ئانام ئاۋارە،
قاراڭغۇ مەسچىدتە ئاتامنى كۆردۈم.
ئاي بولغۇم بار ئىدى ئاسماندا ھەر تۈن،
ۋەلىكىن ئۇنىڭدا ئاپئاق داغ كۆردۈم.
بەك سۈزۈك كۆل ئىدىڭ ئانا ماكانىم،
گىياھسىز بوپ قاپسەن تاقىر تاغ كۆردۈم.
ئون ئىككى مۇقامىڭ دۇنياغا داڭلىق،
سازەندە قولىدا گىتتارنى كۆردۈم.
رەپتارى ھەممىمىزمەشرەپ-سەنئەتنىڭ،
دىسكوغا بارغاندا مومامنى كۆردۈم.
كورىيە-ھىندىستان مەستانىسى بىز،
توي قىلغان قىزلاردا قىزىل خال كۆردۈم.
خەلقىمنىڭ ناخشىسى ئۈزۈلمەس ئېقىن،
بەزمىدا ياڭراپتۇ«ۋاچچەللى»كۆردۈم.
پو ئاتار«خەلقىمنىڭ چاكىرى مەن»دەپ،
خەلقتىن شىكايەت-ئەرزنى كۆردۈم.
ئات مىنىپ كىلىدۇ قانخۇر جاللاتلار،
جۈپ قولدا خەلققە خەنجەرنى كۆردۈم.
تەۋپىقنىڭ روھىمۇ كەتتى يىراقلاپ،
ئۇستازدا ئىپى يوق ھۈنەرنى كۆردۈم.
بۇۋاققۇ سوسكىدا ئۇخلاپ ئۈگەنگەن،
خۇراپات ئالدىدا ئالىمنى كۆردۈم.
ھەقىقەت زىباسى كەلمەس مىنىڭ دىيارىمغا،
كەلگەندە ئىگىلىپ سۇنماسنى كۆردۈم.
تەتۈركەن بۇ جاھان بەزىدە شۇنداق،
باغلاردا بۇلبۇل يوق يولۋاسنى كۆردۈم.
ئىگىزدە تۇرغاننى تارتىمىز پەسكە،
تۈزيەرنى كولىغان تاياقنى كۆردۈم.
بىرلىرى دىۋانە،بىرلىرى سەرسان،
«خۇدايىم بىرەر»دەپ ياتقاننى كۆردۈم.
«ئۇيغۇر»نىڭ مەنىسى ئۇيۇشماق ئەسلى،
چىچىلدۇق قۇملاردەك بارخاننى كۆردۈم.
كىرورەن قۇربانى جۇدۇن-چاپقۇننىڭ،
ئەجەلسىز كۆمۈلگەن جەسەتنى كۆردۈم.
بولدى بەس تەلقىنى سۆزلىمە ئەمدى،
سۆزلىگەن كىشىگە سولاقنى كۆردۈم.
پەرۋايىم يوق مىنىڭ چاقماق چاققانغا،
خەلقىمگە تۇتۇلغان يۈرەكنى كۆردۈم.
بۆرىمەن كۆك رەڭلىك،بۆرىدەك ياشاي،
ئەجدادىم ئىچىدە پالۋاننى كۆردۈم.
ئەل ئۈچۈن قان تۆككەن باھادىرلارغا،
دەستىلەپ تىزىلغان گۈللەرنى كۆردۈم.
ئەسكەرتىش:«قاراڭغۇ مەسچىدتە ئاتامنى كۆردۈم» بۇ مىسرادا مەن دىنىمىزغا ھاقارەت قىلماقچى ئەمەسمەن،مۇنبەرداشلارنىڭ نىمە ئۈچۈن«قاراڭغۇ»دەپ ئالغانلىقىمنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن،بۇ سۆزنىڭ بۇ يەدرىكى مەنىسىنى چۈشىنىڭ،كۆڭۈل ئاغرىقى تىپىۋالغۇم يوق.
مەنبە:مىسرانىم مۇنبىرى
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: كۆردۈم
سەرگارى
نەدە مەن بۈگۈن؟
(ئۈزۈندە)
نەدە مەن بۈگۈن؟ قايمۇقتى بىشىم،
ئەتراپدا كالدىر چۈشۈنەلمىدبم.
قېنى ئۇ ھويلام باراڭلىق ئۆيىم؟
مەن ئويناپ ئۆسكەن بوستاڭ باغلىرىم؟
ئەتراپدا ئىگىز قەۋەتلىك ئۆيلە،
سارايلا، ماللا، يالتىىراق سودا.
يوق ئىدى ئەۋۋەل ژىڭنە كۆز جانلا،
ئەمدى غىچ ئولا يوق بادام دوپپا.
قېنى ئۇ ھەيتكا روھى باھارىم؟
بۇلۇتلا ئارا ھەيكەلنى كۆردىم.
قېنى ئۇ ئوردا ئۇلۇق قاغانىم؟
مامۇت كەپتەرنى پەشتاقدا كۆردىم.
……………………………….
داۋامى