موسكۋا بولشوي تىياتېرىدا ياڭرىغان «رىزۋانگۈل»
موسكۋا بولشوي تىياتېرىدا ياڭرىغان «رىزۋانگۈل» سىمفونىيىسىنىڭ ھېكايىسى نەدىن كەلگەن؟
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 1944 – ، 1949 – يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىدا ئۆز ھاياتىنى تەقدىم قىلغان قەھرىمان قىز رىزۋانگۈلنىڭ ئوبرازى يازغۇچى زۇنۇن قادىرنىڭ «شەپقەت ھەمشىرەسى» ناملىق ھېكايىسى بىلەن كومپوزىتور قۇددۇس غوجامياروفنىڭ «رىزۋانگۈل» سىمفونىيىسى ئارقىلىق خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان.
بولۇپمۇ قۇددۇس غوجامياروفنىڭ ئىجادىدىكى «رىزۋانگۈل» سىمفونىيىسى ئۇنى مۇزىكا ساھەسىدە يوقىرى نام – ئابرويغا ئىگە قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە مىللىي قەھرىمان رىزۋانگۈلنىڭ ئوبرازىنى تىكلەشتىمۇ ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن سەلىمە كامال خانىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ كومپوزىتور قۇددۇس غوجامياروفنىڭ «رىزۋانگۈل» سىمفونىيىسى ھەققىدە توختالدى.
ئۇنداقتا، سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدا تونۇلغان كومپوزىتور قۇددۇس غوجامياروف ئۆزىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە مۇزىكا ئەسىرى – «رىزۋانگۈل» سىمفونىيىسىنىڭ ھېكايىسىنى نەدىن ئالغان؟
مەلۇم بولۇشىچە، 1945 – يىلى 13 – يانىۋاردا غۇلجىدىكى ھەرەمباغنى ئېلىش ئۇرۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان 18 ياشلىق «شەپقەت ھەمشىرەسى» رىزۋانگۈلنىڭ ھېكايىسى مىللىي ئارمىيە ئوفېتسېرلىرىدىن مىرزىگۈل ناسىروفنىڭ ۋاستىسى بىلەن تۇنجى قېتىم قۇددۇس غوجامياروفقا ئاڭلىتىلغان. ئۇيغۇر قىزى رىزۋانگۈلنىڭ ئىلىدا قوزغالغان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىدا ئۆز ھاياتىنى تەقدىم قىلىشتەك بۇ قەھرىمانلىق روھى ئىجادىيەت قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تۇرغان ياش قۇددۇس غوجامياروفقا چوڭقۇر تەسىر قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ رىزۋانگۈل ھەققىدە مۇزىكىلىق ئەسەر ئىشلەپ ئۇنىڭ ئۆلمەس ئوبرازىنى تىكلەشكە بەل باغلىغان.
ئۇنداقتا، قەھرىمان قىز رىزۋانگۈلنىڭ ھېكايىسىنى كومپوزىتور قۇددۇس غوجامياروفقا يەتكۈزگەن مىرزىگۈل ناسىروف زادى كىم؟
مىرزىگۈل ناسىروف ئەسلىدە قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن چېگرىلىنىدىغان ئۇيغۇر يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ «ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى» غا قاتناشقان ئۇيغۇر جەڭچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 1942 – يىلى بۇيرۇق بويىچە ئۇرۇش ئالدىنقى سېپىدىن ئورتا ئاسىياغا قايتۇرۇلغان. ئاندىن ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ياشلىرىدىن تەشكىللەنگەن 24 كىشىلىك ئالاھىدە ئەترەت تەركىپىدە تاشكەنتكە ئەۋەتىلىپ مەخسۇس ھەربىي تەلىم – تەربىيە ئالغان. بۇ جەرياندا ئۇلار ئۆزبېكىستان كومپارتىيىسىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارى ئوسمان يۈسۈپوف ۋە ك گ ب خادىملىرىدىن تۇرسۇن رەھىموف قاتارلىقلاردىن مىللىي ئىنقىلاب ۋە ئۇيغۇر تارىخى بويىچە دەرس ئاڭلىغان. كېيىن ئەنجان ۋىلايىتىگە قاراشلىق بىر قىشلاققا ئەۋەتىلىپ ھەربىي مەشققە قاتناشتۇرۇلغان ھەمدە گېنېرال پولىنوفنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىلى تەۋەسىگە كىرىشكە تەييارلانغان. 1944 – يىلى سېنتەبىردە مىرزىگۈل ناسىروف بۇ ئالاھىدە ئەترەتنىڭ تەركىپىدە چېگرىدىن ئۆتۈپ، ئابدۇكېرىم ئابباسوف ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ ھەربىي خادىمى كۇزمىن قاتارلىقلار بىلەن ئۇچراشقان. شۇندىن باشلاپ مىرزىگۈل ناسىروف مىللىي ئارمىيە سېپىدا نۇرغۇن جەڭلەرگە قاتناشقا ھەمدە كۆپ قېتىم خىزمەت كۆرسەتكەن. ئەلقەم ئەختەم بىلەن بىرلىكتە مىللىي ئارمىيىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەربىي كوماندا بۇيرۇقلىرىنى رۇسچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 1945 – يىلى يازدا سوپاخۇن پولكى بىلەن بىرلىكتە مۇزداۋاندىن ھالقىپ ئۆتۈپ ئاقسۇنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان. شۇ يىلى كۈزدە بۇيرۇق بويىچە جەنۇبقا چۈشكەن مىللىي ئارمىيە قىسمى بىلەن بىرلىكتە غۇلجىغا قايتىپ چىققاندىن كېيىن، ئالماتا ئەتراپىدىكى مېدېئو دېگەن جايغا 10 كۈنلۈك دەم ئېلىشقا بارغان. ياش ئوفېتسېر مىرزىگۈل ناسىروف بۇ يەردە مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن قادىر ھەسەن ۋە قۇددۇس غوجامياروفلار بىلەن ئۇچرىشىپ سۆھبەتلەردە بولغان. ئۇ 18 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى رىزۋانگۈلنىڭ سېستىرا سۈپىتىدە غۇلجىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقانلىقى، يارىدار ئەسكەرلەرنى قۇتۇلدۇرۇش جەريانىدا ئوق تېگىپ قۇربان بولغانلىقى ھەققىدىكى تەسىرلىك ھېكايىنى ئۇلارغا سۆزلەپ بەرگەن. قۇددۇس غوجامياروف مىرزىگۈل ناسىروفنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلىغان رىزۋانگۈل ھەققىدىكى ھېكايىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەن. كېيىنچە ئۇ بۇ ھېكايىنىڭ ئىلھامى بىلەن ئۆزىنىڭ مەشھۇر سىمفونىيىسى «رىزۋانگۈل» نى يورۇقلۇققا چىقارغان.
مىللىي ئارمىيە ئوفېتسېرى مىرزىگۈل ناسسىروف كېيىنچە بۇيرۇق بويىچە سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا قايتىپ كەتكەن. 1991 – يىلى سوۋېتلەر ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن ياشىنىپ قالغان مىرزىگۈل ناسىروف ئۆزىنىڭ 1940 – يىللاردىكى مىللىي ئىنقىلاب جەريانىدا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرىنى ئۇيغۇر يازغۇچىسى شايىم شابايوفقا سۆزلەپ بەرگەن. شايىم شابايوف مۇشۇ ئاساستا «ھۆججەتلىك قىسسە – مىرزىگۈل» ناملىق ئەسلىمە ئەسىرىنى يېزىپ چىقىپ، 2000 – يىلى ئالماتادا نەشر قىلدۇرغان.
خەۋەرنى ئاڭلاش:
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/2012-u1227-qutlan.mp3
خەۋەر مەنبەسى:
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/rizwangul-12272012210905.html
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: موسكۋا بولشوي تىياتېرىدا ياڭرىغان «رىزۋانگۈل»
Саргари
شەرقى تۈركىستان جەمھۆرىيېتى
ھەر قانداق خەلىقنىڭ، ئۇنىڭ سانىدىن، قۇدرەتلىك ياكى قۇدرەتسىزلىكىدىن، دۆلەتمەن ياكى دۆلەتسىزلىكىدىن قەتئى نەزەر، تەنتەنىلىك خاتىرلەيدىغان خوشاللىق ۋە پاجىئەلىك كۈنلىرى بولىدۇ. ئۇ كۈنلەرنى، ئۆزىنىڭ ئەركىن ياكى ئەركىن ئەمەسلىكىگە قاراپ – ئەركىنلىك بار جايلاردا خوشال كەيپىياتدا كەڭرى داغدۇغۇلق، ئەركىنلىك يوق جايلاردا، ئۆزىنىڭ دىلداش قېرىنداشلىرى بىلەن ئۆز ئارا، يىتمسىراپ، داۋراڭ قىلماي، يوشۇرۇن – ئۆتكۈزىدۇ. بۇ خەلىقلەرنىڭ ئاساسى ئادەت ۋە خىسلەتلىرىنىڭ بىرسىدۇر. بايراملىرىنى ئۇنۇتقان خەلىق ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ۋە پۈتۈنلىكىنى يوقۇتۇپ، باشقىلارنىڭ ئويۇنچىقىغا ئايلىنىدۇ. نەتىجىدە تارىخنىڭ زەراتكالىقىدىن ئورۇن ئالىدۇ ۋە، پەقەتلە، تارىخچىلار ۋە ئارخىئولوگلارنىڭ دىقېتىگە مۇيەسسەر بوپ قالىدۇ خالاس.
بىز، ئۇيغۇرلار، ئۆزىمىزنىڭ تارىخى بايراملىرىمىزنى ئاللىقاچان يوقۇتۇپ بولدۇق، ھازىر باشقىلارنىڭ بايراملىرىدا ئۇسسۇل ئوينايمىز. ئارخىئولوگ ۋە تاىخچىلارنىڭ قىزغىن ئۈگۈنىش ئوبېكتى بولۇپ قالدۇق. بىزنى، ئۇزۇندىن بىرى، ھېچ كىم ئۆز دۆلېتىگە ئىگە بولۇپ، ئۆز زىمىنىدا ئۆز خائىشىيچە ئەركىن ۋە ھۆر ياشاشقا، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ تەڭ – باراۋەر ئەزالىقىغا لاىيىق خەلىق ھىساپلىمايدۇ. بۇ، ئېچىنىشلىق! ئامما كۆز ژۇمۇپ بولمايدىغان ھەقىقەت.
مەن، ھەتتا، مۇشۇ ماقالىنى ئانا تىلىمدا ۋە ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىپ تارقىتالمامىدىمئ بۇ، مىنىڭ ئانا تىلىمنى ۋە مىللېتىمنىڭ يېزىقىنى بىلمىگەنلىكىمدىن ئەمەس، بەلكى، بىر مىللىئونغا يېقىن ئۇيغۇر ياشايدىغان سابىق سەۋىت تەۋەلىكىدە ۋە رۇسىيەدە ئۇيغۇرچە خەت بىلىدىغانلارنىڭ يوق دىيەرلىك ئازلىقىدىن ۋە ئۇيغۇرچە ئوقۇيدىغانلارنىڭ يوقلىقىدىندۇر. ئەگەر ئەھۋال تۈپ يىلدىزىدىن ئۆزگەرمىسە، خىتاي باسقۇنچىلىرىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ غەيرېتى بىلەن يېقىن ئارىدا (15 – 20 يىللاردىن كىيىن) ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋەتىنىدىمۇ ئۇيغۇرچە ئوقۇيدىغانلار قالمايدۇ. ھازىر ئۇ يەردە مىللى بايراملارنى، بولۇپمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەققىللىق دەۋرىدىكى بايراملارنى ۋە خىتاي باسقۇنچىلىرىنىڭ ئۈستىدىن قازانغان غەلبە كۈنلىرىنى خاتىرلەش قەتئى چەكلەنگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمىشدىكى ۋە كەلگۈسىدىكى مۇستەققىلىقى توغرۇلۇق گەپ ئېچىشنى باسقۇنچىلار ھۆكۈمېتى: ”تېررورلىق، مىللى بۆلگۈنچىلىك“ ۋە ”زورۋانلىق“ – دەپ ھىساپلاپ، شەپقەتسىز جازالايدۇ.
مانا مۇشۇ ئەھۋالدا، ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭلىرىغا يېقىنقى تارىخىمىزنى ئۇنۇتماسلىق، مىللېتىمىزنىڭ خوشاللىق ۋە پاجىئەلىك كۈنلىرىنى، مۈمكىنچىلىك بار جايلاردا (چەت ئەل دېموكراتىك دۆلەتلەردە) كەڭ ئاممىۋى داغدۇغۇلۇق، مۈمكىنچىلىك يوق، چەكلەنگەن جايلاردا، جۈملىدىن ۋەتەننىڭ ئىچىدە، داۋراڭسسىز، باسقۇنچىلا ھۆكۈمتتىنىڭ دىققىتىنى جەلۇپ قىلماي، يوشۇرۇن ھالدا ئۆز ئارا، ئىشەشلىك ئەل- ئاغىنىلەر بىلەن خاتىرلەشنى ئادەت قىلىش، مىللى ئەنئەنىگە ئايلانۇرۇش ۋە ياش ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرۇش، مىللېتىمىزنىڭ ئويغۇنىشىغا ۋە زامانىۋى مىللەت سۇپىنىدە تەكرار تىرىلىشى ئۈچۈن موھىمدۇر، مۇشۇ نوختا نەزەردىن ئالغاندا، XX ئەسىردە ئەژدادلىرىمىزنىڭ قۇتلۇق قانلىرى ھىسابىغا قۇرۇلغان ئىككى دۆلەتنىڭ: شەرقى تۈركىستان ئىسلام جەمھۆرىيېتىنىڭ (1933- 1934) ۋە شەرقى نۈركىستان جەمھۆرىيېتىنىڭ (1944 – 1949) كۈنلىرىنى خاتىرلەش بىز ئۈچۈن بەك موھىمدۇر.
سەۋىتلەر ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كىيىنكى يىللاردا، رۇس ۋە ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئۇيغۇرلانىڭ يېقىنقى تارىخى توغرىسىدا رۇس ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا نۇرغۇن ماقالە ۋە، ھەتتا، قىلىن كىتاپلانى يېزىشتى. ئۇ كىتالاردا يۇقۇرىدا ئاتاپ ئۆتىلگەن ئىككى ئۇيغۇر دۆلېتىىبىڭ پەيدا بولىشىغا ۋە يوقۇلىشىغا ئائىت نۇرغۇن مەخپىلىكلەر پاش قىلىىندى. ئامما ئۇ يازمىلارنىڭ مۇئەللىپلىرى، بىتەرەپ مەيداندا تۇرۇپ، ”چۇڭقۇر ئىلمى“ مۇنازىرېلەر“ ئارقىسىدا بۈگۈنكى ئۇيغۇر مەسىلېسىگە ئانچە كۆڭۈل بۆلمىدى. تۈنۈگۈن ىىلەن بۈگۈننى ئۇلاشقا ھەركەت قىلىشمىدى. ئۇيغۇر مەسىلېسى يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭلا مەسىلېسى ئەمەس، بەلكى ئېۋراسىيە مىللەت ۋە دۆلەتلىرىنىڭ ئۇمۇمى مەسىلېسى، يەنى ئۇلارنىڭ جىمىسىنىڭ كەلگۈسى تەغدىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تەغدىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىيالمىدى . ئەسىرلەر جەريانى خىتاينىڭ ئېۋراسىيەنى ستىلا قىلىشىغا پۇتلۇشۇپ كىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى سەھنىدىن يوقۇلىشى خىتاينىڭ ئېۋراسىيەنى ئىشغال قىلىشىغا ئۇدۇل يول ۋە ئۇ زىمىن ئىگېلىرىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ دۆلەتلىرىنىڭ زاۋالى ئىكەنلىكىنى كۆرەلمىدى ۋە ياكى كۆرىشنى خالىمىدى. ئامما ئۇلا ئۆزلىرىنىڭ مۈمكىنچىلىكلىرىدىن پايدېلىنىپ، بىز بىلمەيدىغان ۋە ئېنىقلىيالمايدىغان (دۆلەت ئارخىپلىرىغا يوشۇرۇنغان) نۇرغۇن مەسىلېلەرنى بىزگە يورۇتۇپ بەردى. ئۇلار بىزنىڭ چوڭ رەخمېتىمىزگە ئەرزىيدۇ.
ئۇ ئەسەرلەرنى ئوڭايلىقچە تاپقىنى بولمايدىغانلىقىنى ۋە ھازىرقى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قىلىن كىتاپلارنى ئوقۇمايدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ ماقالىدا ئۇ ئىككى دۆلەتنىڭ بارلىققا كىلىش، يوقۇلىش ۋە يوقۇلۇش سەۋەپلىرىگە قارىتا ئۆزۈمنىڭ كۆز قارىشىنى قىسقىچە ئىزھار قىلدىم.
12 نويابىردا، بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئېڭ قاراڭغۇ بۇلۇڭلىرىنىڭ بىرسى، ئۇيغۇرستان ئاھالېسىنىڭ قوزغىلىڭىغا ۋە نارېسىدە ئۇنجۇقتۇرىلغان، ھازىر جىمىسى ئۇنۇتقان، شەرقى تۈركىستان جەمھۆرىيېتىنىڭ قۇرۇلغىنىغا 66 يىل، شۇنداقلا، ئۇيغۇرستاننىڭ ئىككى ”ياخشى“ قوشنىلىرى – خىتاي ۋە سەۋىتلەر ئىتتىپاقى بالا ياتقۇسىدا قاتىل قىلغان شەرقى تۈركىستان ئىسلام جەمھۆرىيېتىنىڭ قۇ رۇلغىنىغا 77 يىل بولدى.
ئۇيغۇرستانلىقلارنى ۋە ئۇيغۇرلارنى مانا شۇ ئىككى دۆلەتنىڭ قۇرۇلغان كۇنى – خوش قوش بايرام – بىلەن تەبرىكلەيمىز ۋە ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشى مۇناسىۋەتلىك جىمى قېرىنداشلارغا تەزىيە بىلدۈرىمىز. بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ ئۇ، خوشاللىق ۋە پاجىئەلىك كۈنلىرىنى، بىلىپ ئۇنۇتقانلارغا ئەسلېتىپ، بىلمەي، بىلىشنى خالىغانلارغا ئايان قىلماقچىمىز. .
بىزنىڭ ھۆرلىكىمىز ئۈچۈن قۇربان بولغانلارغا ئاللاھدىن، ئۇ دۇنيادا جەننەتدىن ئورۇن تىلەيمىز. بۈگۈنكى دۇنيانىڭ سىياسى خەرىنېسىدە ئۇيغۇر دۆلېتىنىڭ يوقلىقىدا ئۇلارنىڭ ھېچ قانداق گۇنايى يوق.
1944- يىل. ئىككنجى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ يۆنۈلىشى ئانتىگىىتلېر بىرلەشمىسىنىڭ پايدىسىغا ئۆزگەردى. تىھران كونھېرېنسى ئۆتكۈزىلىدى، سەۋىتلەر ئىتتىپاقى كۇرسك ئەگىمىسدە (دوغىسىدا) چوڭ غەلبە قازاندى، ھىتلېر ڧاشىزىمىنىڭ ژۇلىنى ئۇزىلدى. كەلگۈسى غالىپلار ئۇرۇشتىن كىيىنكى دۇنيانى بۆلىش تەييارلىقىنى باشلىدى.
ئۆزىنىڭ بىر قىسما زىمىنىنى ياپونىيەگە تارتقۇزۇپ قويغان، جاڭكەيشىنىڭ ”گۇمېنداڭ“، ماۋپېدۇڭنىڭ ”گۇڭچەنداڭ“ ۋە ئايرىم شىڭ سى سەيگە ئوخشاش ”بەگلەرنىڭ“ (1933 – 1944 يىللاردىكى شىنجاڭنىڭ ھۆكۈمدارى) ئوتۇرىسىدا تارتىپ- تالاشتا قالغان خىتاينىڭ مەركىزى ھۆكۈمېتى دۆلەتنىڭ يىراق رايون ۋە شىنجاڭغا ئوخىشاش مۇستەملىكېلىرىنىلا ئەمەس، مەركېزى قىسمىنىمۇ تۈزۈك نازارەت قىلىش قۇدرېتىگە ئىگە ئەمەس ئىدى. سىياسى قالايمىقانچىلىق، ئىختىسادى چۈشكىنلىك، مەڭساپدارلانىڭ ئۆز مەيلىچىلىكى، غەزنە ئوغۇرلۇقچىلىقى، پۇخرالانى بۇلاپ- تالىشى ئەمېلى ۋەزىيېەت ئىدى. ئۇيغۇرستانلىقلارنىڭ ھۆرلىك ئۈمۈدىنىڭ ئەمەللىشىشىگە يول ئېچىلغان ئىدى.
1934- 1937 – يىللىرى تۆكۈلگەن قانلارنىڭ ھىدى ئۇيغۇرستان ھاۋاسىدىن تىخى تاېقاپ كەتمىگەن، ئۇيغۇرستان ئاھالېسى شىڭ سى سەي ۋە ستالىن جەللاتلىرىدىن ئالغان جىسمانى ۋە روھى يارىلىرىنى تېخى داۋالاپ بولالمىغان ئىدى. چىگرانىڭ ئىككىلا تەرېپىدە (سوۋېت ۋە خىتايدا) ئۇيغۇرلارنى تۇتۇش، قاماش تەكرار باشلاندى. 1937 يىلنىڭ بېشىدا ستالىن س س س ر- دا باشلىغان ئۇيغۇرلارنى تۇتۇش، قاماش، پالاش، ئېتىش ھەركېتى، شۇ يىلى كۈزدە ئۇيغۇرستانغا يىتىپ كەلدى. ستالىن بىلەن شىڭ سى سەي، ئۆز ئارا بەسلەشكەندەك، ئۇيغۇر ئازاتلىق ھەركېتىنىڭ رەھبەرلىرىنىلا ئەمەس، شۇنداقلا زىيالى ۋە ئاددى ئۇيغۇرستانلىقلارنىمۇ يوقۇتىشدى. ئۇلارنىڭ مىللى، ئىتىقاد، پارتىيە ۋە باشقا تەۋلىكىگە قارىمايتتى، جىمىسىگە پانتۈركىست ۋە، ئۇيغۇرستانلىقلارنىڭ تروتسكىي دىگەننى ئاڭلاپ باقمىغانلىقىغا قارىماي، تروتسكىست قالپىقىنى كەيدۇرەتتى. سوۋىتلەر ئىتتىپاقىدا ئۇيغۇر بولۇشنىڭ ئۆزى چوڭ گۇنا ئىدى. ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ۋە باللىرىنىڭ مىللى تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر ئىدى.
ئۇيغۇرستاندا كەڭ كۆلەملىك تۇتۇش 1937 – يىلى ئۆكتەبردە، 1931- 1934 يىلاردىكى قۇمۇل قوزغىلىڭىنڭ رەھبېرى، شەرقى تۈركستان ئىسلام جەمھۆرىيېتىنىڭ رەئىسى غوجا نىياز ھاجىنىڭ، سوۋىتلەر ئىننىپاقىدا 1938 – يىلى، قازاقستاننىڭ كۆرىنەرلىك دۆلەت ئەربابى روزى باقىيېۋنىڭ قولغا ئېلىنىشى بىلەن باشلاندى. بىرىنجىسى 1942 – يىلى ئۈرۈمچى تۈرمىسىدە بوغۇپ ئۆلتۈرىلگەن، ئىككىنجىسى سىبىردە قاتىل قىلىنغان، ۋاختى بىزگە نامەلۇم.
مانا مۇشۇ ئەھۋالدا، سوۋىتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىكى ئۇتۇقلىرىدىن، ئۇنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئازادلىق ئۈچۈن كۈرېشىۋاتقان خەلىقلەرگە قۇللۇقدىن قۇتۇلىشقا يادەم قىلىش ۋەدېسىدىن ئىلھاملانغا ئۇيغۇر زىمىنىنىڭ ھەقىقى ئىگېلىرى: ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، مۇڭغۇل، تاتار ۋە باشقىلار، ”باسقۇنچىلارنىڭ زۇلۇمىنى، ئاز بولسىمۇ، ئۆزى تېتىپ باققان ئۇلۇق قوشنىمىز بۇ قىتىم ئالدىماس“ دىگەن ئويدا، تەكرار قۇراللىق كۈرەشكە تۇتۇش قىلىشتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە، ئۆز ۋاقتىدا بولشېۋىكلەردىن قېچىپ ئۇيغۇرستاندا پانا تاپقان، رۇسلارمۇ بار ئىدى.
ئۇيغۇرستانلىقلارنىڭ قوزغۇلىڭى ئادەتدىكىدەك، بىر پۈتۈن سىياسى ۋە ھەربى مەركەزسىز، بىر بىرى بىلەن ئالاقىسىز، ھەر خىل جايلاردا (يىزا، سەرا، تاغلاردا) باشلاندى. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن جايلاردا (شەھەرلەردە) مەخپى تەشكىلاتلار قورۇلىشقا باشلندى. شۇنداق تەشكىلاتلارنىڭ بىرسى، ھېلىخان تۆرېنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 1944 – يىلى باھاردا غۇلجىدا قۇرۇلغان، شەرقى تۈركستان جەمھۆرىيېتى“ دۆلتىنىڭ قۇرۇلىشى بىلەن ئاياقلاشقان غۇلجا قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلىغان، ”ئازاتلىق تەشكىلاتى“ ئىدى.
ستالىن، ئۇرۇشىدىن كىيىنكى دۇنيا تەخسىماتىنىڭ س س س ر- نىڭ پايدىسىغا بولۇشىنى ۋە كەلگۈسى دۇنيانىڭ غوجۇلىقى ئۈچۈن ئىمپېرىئالىزىم بىلەن بولمىش كۈرەشنى ئويلاپ، خىتاي كوممۇنىست ”قېرىنداشلىرىغا“ ياردەم قىلىشنى، نۇرغۇن مىللىئونلىق خىتاينى سونسىئالىستىك قىلىپ، ئۆزىگە بېقىندۇرۇشنى پلانلىدى. ئۇيغۇرستانغا، ئەۋۋەلقى رۇسىيە سىياسەتچىلىرىگە ئوخشاشلا، خىتاينىڭ سىياسېتىنى قېلىپتا تۇتۇش، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ نەپسىنى تىزگىنلەش ئۈسكىنىسى رولىنى ئايرىپ قويدى.
بۇنىڭدىن بۆلەك، سوۋېت گېئولوگلىرى ئۇيغۇرستاندا، چىگرانىڭ يېنىدا، شۇ كەمگىچە تېخى سوۋىت تەۋەسىدە تېپىلمىغان، – گېرمانىيە ۋە ئامېرىكىدا بەس- بەسدە ياسىلىۋاتقان – پوپۇزا قۇرالىنى (ئاتوم بومبىسىنى) ياساش ئۈچۈن بەكمۇ كىرەكلىك ئۇران مەنبەئىنى تاپتى. ستالىن ئۇيغۇرستانلىقلارنىڭ ئازاتلىقىغا ياردەم قىلىشنى قارار قىلدى.
ئامېرىكا بىلەن ئېڭگلىيە ۋە س س س ر ئوتتۇرىسىدا مۇرەككەپ سىياسى قىما (ئويۇن) باشلاندى. ئۇنىڭ ئاسىيەدىكى قويمىسى خىتاي ئىدى. ئامېرىكا بىلەن ئېڭگلىيەنىڭ ئۇيغۇرستانغا قاراشقا چولىسى يوق ئىدى. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئېۋرىپادىكى مەنپەئەتىنى ئەۋزەل كۆرەتتى. ئاسىيەدە جاڭكەيشىگە ئىشىنەتتى. ئۇلار: ”جاڭكەيشى ئۆزىنىڭ نۇرغۇن مىللىئونلۇق لەشرېى بىلەن خىتايدا كوممۇنىستلارنىڭ دۆلەت ئۈستىگە چىقىشىغا ۋە ئۇنىڭ (خىتاينىڭ) سوۋىت تەراپدارى بولۇپ قېلىشىغا يول قويمايدۇ“ دەپ ئويلايتتى. غەرىپ ئەللىرى ستالىننىڭ خىتاي ۋە ئۇيغۇرستاندىكى قەدەملىرىگە سەل قاراشتى. بەك كەچ ۋە سۇس ئىنكاس بىلدۈرىشتى. ئۆزىنىڭ كۈرەشتە تاۋلانغان سەركېلىرىنى يېقىندا يوقاتقان ئۇيغۇرلارمۇ سوۋىتلىكلەر بىلەن مۇرەككەپ ئويۇنغا تەييار ئەمەس ئىدى. شۇ چاغدىكى، تۇتۇش، چاپقۇنلاردىن ساق قالغان، ئۇيغۇرستاننىڭ رەھبېرى سىياسەتچىلىرىنىڭ ئاساسى قىسمى سوۋىتدە بىلىم ئالغان، ياش ۋە سوتسىئالىزم مەپكۈرىسىگە (ئىدېيەسىگە) سادىق، ۋە، ھەتتا، ئاز قىسمىنى ھىساپقا ئالمىغانلدا، سوۋىتنىڭ مەخسۇس ئورگانلىرىنىڭ شاگىرتلىرى ئىدى.
سوۋىتنىڭ مەخسۇس خىزمەت ئورگانلىرى ئۆزىنىڭ ياردېمىنى ئەۋۋەل جۇنۇپلىقلارغا تەكلىپ قىلىشتى. قەشقەرگە، قەشقەر ۋىلايېتىنىڭ قىزىلسۇ كەنتىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ۋە 1937 يىلى سوۋىتكە قاچقان قىرغىز ئوغلى ئىسقاق بەك رەھبەرلىكىدە، كىچىك بىر ئەترەتنى كىرگۈزدى. ئامما، 1937 – 1938 يىللاردىدىكى ستالىن جەللاتلىرىنىڭ ۋەھشىلىكلىرىنى تېخى ئۇنۇتمىغان، قەشقەرلىقلەر ئەلچىگە ئىشەنمىدى. ئۇ سوۋىتكە قايتىشقا مەجبۇر بولدى. بەزى بىر مەنبەئى ئېنىقلانمىغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىسقاق بەكنىڭ ئەلچىلىكىنىڭ ئۈنۈمسىز ئاياقلاشقىنىدا قەشقەردىكى ئېڭگلىيە كونسۇلخانىسىنىڭ مەلۇم رولى بارمىش. ستالىننىڭ ئەلچىلىرىنى غۇلجا خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىشتى. توغرىراقى، غۇلجىلىقلار ستالىننىڭ ئەلچىلىرىنىڭ ۋەدىلىرىگە ئىشەندى ۋە ھايالسىز قۇراللىق قوزغىلاڭنىڭ تەييارلىقىنى باشلىدى.
ئازاتلىق تەشكىلاتى، 1944– يىلى 7 – نويابردا غۇلجىدا، ئۇمۇمىيۈزلىك قۇراللىق قوزغىلاڭ كۆتەردى. ئۇلارغا، غېنى باتۇر رەھبەرلىكىدە غۇلجا ئەتراپىدىكى تاغلاردا پارتىزانلىق قىلىۋاتقان ۋە شۇ ۋاقىتقا كەلگەندە ببىر نەچچە ناھىيەلەرنى ئازات قىلىپ بولغان، جەڭچىلەر كىلىپ قوشۇلدى. سوۋتنىڭ ياردېمى ئاتقۇچ قۇرال بىلەن قۇراللانغان 50 نەپەر ئادەمدىن تەشكىل تاپتى. قوزغىلاڭ ئۇزۇن سوزۇلغان قانلىق 5 كۈن داۋاملاشتى. شۇ جەرياندا، قوزغىلاڭ رەھبەرلىرى سوۋىت كونسۇلخانىسىغا بىر نەچچە قېتىم قۇرال سوراپ مۇراجىئەت قىلغان بولسىمۇ، ئامما ۋەدە قىلىنغان ياردەمنى ئۇلار ئالالمىدى. بۇنىڭغا قارىماي، ھۆرلىك مەستانېلىرى، قارا مىلتىق، ئار اچوماقلار بىلەن چىش تىرنىقىغىچە زامانىۋى قۇراللانغان باسقۇنچىلار ئۈستىدىن غەلبە قازاندى. 12- نويابردا، شەھەر ئاھەلە قاتلاملىرىنىڭ ۋە ئۆلكىنىڭ جىمى مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ يىغىنىدا ھېلىخان تۆرە، ئۇيغۇر دۆلەتچىلىكىنىڭ ئەكسىگە كەلتۈرىلگەنلىكىنى ۋە شەرقى تۈركستان جەمھۆرىيېتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەتنتەنىلىك جاكارلىدى. شۇ يىغىندا ئۇنى (ھېلىغان تۆرېنى) بىر ئېغىزدىن دۆلەت رەئىسىلىكىگە ۋە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىگە سايلىدى.
ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ بىرىنجى يىغىنىدا: ”كۈرەشنى داۋاملاڭتۇرۇش، ئەلنى خىتاي باسقۇنچىلىرىدىن تولۇق تازىلاش“ قارارىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۆز قارارىنى دەرھال ئىجرا قىلىشقا باشلىدى.
ئاجىز قۇراللانغانلىقىغا، قۇرالنىڭ يىتىشمەسلىكىگە ۋە ھەربى سەۋىيەسىنىڭ ۋە تەجىربېسىنىڭ يوقلىقىغا قارىماي، قوزغىلاڭچىلار، خەلىقنىڭ قوللىشىغا تېيىنىپ، ئۆزىنىڭ ھۇجۇمىنى ئەتراپلىق كەڭەيتىشكە ۋە ئارقا- ئارقىدىن شەھەر، كەنتلەرنى ئازات قىلىشقا باشلىدى. ئۇلار جەڭ جەريانىدا پارتىزانلاردىن مۇنتېزىم لەشكەرگە ئايلاندى.
1945 – يىلى 8 – ئاپرېلدا، يېڭى پەيدا بولغان ئۇيغۇر دۆلېتى: ”شەرقى تۈركستان جەمھۆرىيېتىنىڭ“ (ش ت ج) پايىتەختى غۇلجا شەھرىدە تۇنجا ھەربى پاراد ۋە ئۇمۇمى خەلىق يىغىنى ئۆتكۈزىلدى. شۇ يىغىندا دۆلەت رەئىسى ھېلىخان تۆرە 8 – ئاپرېلنى: ”جەمھۆرىيەت مىللى ئارمىيە كۈنى“ دەپ، تەنتەنېلىك جاكارلىدى. “
1945 – يىلنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە، سوۋىتلەر ئىتتىپاقى ، ئاخىر، ش ت ج – گە ھەربى تېخنىكا جەھەتدىن ”ياردېمىنى“ كۈچەيتىشنى قارار قىلدى. ”ياخشى باھاغا“، پەقەتلا يىنىك ئاتقۇچ قۇراللارنى – مىلتىق ۋە پۇلېمۇتلارنى (ئوق چاچقۇچلارنى) بەردى. بىر مىلتىققا – 5، بىر پۇلېمۇتقا – 25، يۈز ئوققا – 4 قوي ئالاتتى. شۇنداقلا، ئات كاللا، ئالتۇن ۋە باشقا قىممەت بويۇملارنىمۇ ئالاتتى. ئەلنىڭ غوجىلىرىنىڭ رۇخسېتىسىز، ئۆز مەيلىچە ئېلىۋاتقان: ئوران، قارىماي (نېڧت، رەڭلىك مېتال (شۇ قاتاردا ئالتۇن) ۋە باشقىلار ھىساپقا ئېلىنمايتتى. ئۇچاق(ئايرىپلان)، تانكا ۋە باشقا زامانىۋى ئۇرۇش قۇراللىرىنى بەرمەيتتى.
ئۈرۈمچىنىڭ يولىدىكى، ئېڭ ”مۇستەھكەم قورغان“ تۈگۈندە شەھەر، شىخونى ئالغاندىن كىيىن شەرقى نۈركستان ئارمىيەسى، چەتنىڭ ياردېمىسىز، مۇستەققىل ھالدا ئەلنى تولۇق ئازات قىلىش قۇدرېتىگە ئىگە ئىكەنلىكى ئايان بولدى. شەرقى تۈركستان ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇمچىنى توختامسىز ئالىدىغانلىقى، ئۇيغۇرستاننىڭ ھەممە جايلىرىدا پەيدا بولغان قوزغىلاڭچىلارنىڭ قوللىشى بىلەن پۈتۈن ئەلنى خىتاي باسقۇنچىلىرىدىن تىزلا تازىلايدىغانلىقى ۋە دۇنيانىڭ سىياسى خەرىتىسىدە يىڭى بىر تۈركى- مۇسۇلمان دۆلېتىنىڭ پەيدا بولىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتى.
ستالىن، ”بۇزۇلماس ئىتتىپاقنىڭ بىقىنىدا، ئۇنى (سوۋىتنى) پارچىلاشقا يۈزلەندۈرىدىغان تۈرك دۆلېتىنىڭ پەيدا بولىشىغا يول قويماسلىق ئۈچۈن“ غەلبېنىڭ بوسۇغىسدا تۇرغان خەلىقنىڭ ئۈستىدىكى نازارەتنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى. ”ئۇلۇق داھى“، تەركىبىدە سوۋىتدىكى تۈرك مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ جىمىسى دىگىدەك بار ئۇيغۇرستان خەلقىنىڭ، مىللى ئايرىمچىلىقسىز، باسقۇنچىلارغا قارشى بىرلىكدە جاسارەتلىك كۈرېشىدىن ۋە ھۆرلىككە ئىتىزارلىقىدىن قورقۇپ كەتكەن بولۇش مۈمنكىن.
بىزنىڭ ئويۇمىزچە، ئۇنداق قورقۇش ئاساسىز ئىدى. چۈنكى ئۇيغۇر خەلقى، ئېۋراسىيە بىرلىكىنىڭ تارىخى يىلتىزى قىسمى بولغانلىقدىن، ئەزەلدىن خىتايغا قارشى بىرلىكنى تەرغىپ قىلىپ كەلگەن. رۇسلارنى ۋە ئۇلار قۇرغان ئېۋراسىيە ئىتتىپاقىنى (س س س ر – نى) ئۇيغۇرلار يات ھىساپلىمايتتى. شەرقى تۈرستان ھۆكۈمېتىنىڭ تەركىبىمۇ شۇنى كۆرسىتەتتى. ئەكسىنچە، شەرقى تۈركستان دۆلېتىنىڭ مەۋجۇتلىقى س س س ر – نى مۇستەھكەملەيتتى. مىللەتچى- كۆكسىياسەتچى (كوسموپولىتىك) ستالىن، ئۆزىنىڭ ئۇلۇقلۇق سايىسى ۋە ياسالما بەينەلمەنەللىك كۈنلىكى ئاستىدا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ غايېسىنى چۈشەنمىدى، چۈشىنىش ۋە ھىساپلىشىشنى خالىمىدى.
مەلۇمكى، ئۇيغۇرلار مىڭ يىللار جەريانىدا ئېۋراسىيە خەلىقلىرى بىلەن بىرلىكدە ياشىغا ۋە خىتاي باسقۇنچىلىرىنىڭ ئېۋراسىيەنىڭ غوجىسى بولۇش ۋە ئۇنىڭ مىللەتلىرىنى خەنلەرگە سىڭدۇرىۋېتىش نىيېتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىشىغا قارشى كۈرەشتە ئۇيۇشتۇرۇش رولىنى ئويناپ كەلگەن. مىللەتنىڭ نامى، ”ئۇيغۇر“ دىگەن ئاتالغۇمۇ، يالغۇز مىللەتنىڭ نامىنىلا ئەمەس، شۇنلاقلا ئۇيۇللۇقنى كۆرسېتىپ كەلگەن. xx ئەسىردە، قىسقىلا مۇددەت بەرپالىقدا بولغان، شەرقى تۈركستان جەمھۆرىيېتىمۇ ”ئۇيغۇر“ ئاتالغۇسىنىڭ ئۇيۇللۇق مەنېسىنى جارى قىلدۇرغان ئىدى.
س س س ر – نىڭ پارچىلىنىشىدىن كىيىنكى خىتاينىڭ ئېۋراسىيەنى ئۆمىلىمە ستلا قىلىش ھەركەتلىرى، ئۇتتۇرا ئاسىيە دۆلەتلىرى ۋە رۇسىيەنىڭ، كۈن ساناپ قۇدرەت تېپىۋاتقان خىتاينىڭ ئۇ، ھەركەتلىرىگە مۇناسىپ جۇۋاپ تاپالماي، ئامالسىز ئۇنىڭ خام ئەشيا مەنبەئەسىگە ۋە گلوباللىق ستراتېگىيەسنىڭ ئىجراچىلىرىغا ئايلېنىپ قېلىۋاتقانلىقى، بىزنىڭ يۇقۇرىدىكى پىكرىمىزنىڭ توغرىلىقىنى تەستىقلىماقتا. ئەپسۇسكى، ۋاقىت ئارقىغا قايتمايدۇ، ئۆتكەن خاتالىقنى تۈزۈگىلى بولمايدۇ.
ستالىننىڭ شەرقى تۈركسناندىكى قول چوماقلىرى، موسكۋانىڭ كۆرسەتمىسىگە بىنائەن، ئالغان قۇراللارنى سوۋىتكە قايتۇرۇپ بىرىشنى جىددى تەلەپ قىلدى. بۇ، ھېچ قانداق خەلىق ئارالىق مۇناسىۋەت قېلىپىغا چۈشمەيدىغان ۋە دۆلەتلەر ئارا سىياسەتتە كۆرۈنىپ باقمىغان كۈچلىكنىڭ ئاجىزغا ئىشلەتكەن بېسىمى، توغرىراقى، ئوچۇقدىن – ئوچۇق بۇلاڭچىلىق ئىدى. چۈنكى ئېلىنغان قۇراالارنىڭ ھەققى، ئەسلى باھاسىدىن ھەسسىلەپ ئۈستۈن تۆلىنىپ بولغان ئىددى. شەرقى تۈركستان، پۈتۈن ئۇيغۇرستان ئاھالېسى ئىتىراپ قىلغان، ئەمېلى مۇستەققىل دۆلەت ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ش ت – نىڭ مىللى ئارمىيەسى قۇرالسىزلاندۇرىلىدى، ئۇنىڭ ھۆكۈمېتى باسقۇنچىلار بىلەن، مەجبۇرى ھالدا، سۆھبەت ئۈستېلىگە ئولتۇرغۇزىلدى.
ئۇيغۇرستانلىقلارنىڭ خائىشىسىز قۇراللىق كۈرەش توختۇتىلىدى، كەلگۈسى ئېنىقسىز، تەشۋىشلىك، تىنىچلىق ھايات باشلاندى. ئازاتلىق ھەركېتىنىڭ يېرىم يولدا توختۇتىلغانلىقىنىڭ سەۋبىنى ۋە ش ت ھۆكۈمېتىنىڭ قىلىۋاتقان ھەركەتلىرىنى خەلىق چۈشەنمەيتتى. تۈنۈگۈنكى ”دوس – ئىزىلگەن ئەل ۋە ئاچلار دۇنياسىنىڭ تايانچىسى“ – ”ئۇلۇق“ ستالىننىڭ ۋە سوۋىتلەر ئىتتىپاقىنىڭ سېتىۋەتكەنلىكىنى بىلمەيتتى.
بۇنىڭغا قارىماي، خىتاي باسقۇنچىلىرى بېسىۋىلىپ 60 يىل ئۆتكەندىن كىيىن، ئۇيغۇرستاننىڭ 3 ۋىلايېتىدە خەلىق ئۆزىنى تەكرار ئۆز زىمىنىنىڭ غوجايىنى ھىس قىلىشقا باشلىدى. ھۆكۈمەتنىڭ جىمى ئورگانلىرىدا خەلىق ۋە دۆلەت خادىملىرى بىر (ئانا) تىلدا گەپلىشىدىغان ۋە بىر – بىرىنى تەرجىمانسىز چۈشىنىدىغان بولدى، چۈنكى ئۇيغۇرستان ئاھالېسىنىڭ %98 بىر- بىرىنى تەرجىمانسىز چۈشىنىدىغان بىر خەتلىك تۈرك مىللەتلىرى ئىدى. ئانا تىللىق مەكتەبلەر ئۇمۇمىيۈزلىك ئېچىلىشقا باشلىدى. ئەلمىساقدىن داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان – XX ئەسىرنىڭ بىرىنجى يېرىمىدا مۇستاڧا كامال (ئاتا تۈرك) ۋە لېنىن ئۈزۈۋەتكەن، تۈرك مىللەتلىرىنىڭ يېزىق (خەت) بىرلىكى ئاخبارەت بىرلىكىنىڭ، مىللەتلەر ئارا دوسلۇق ۋە ھەمكارلىقنىڭ ئاساسىغا ئايلاندى. ئۇيغۇرستاننىڭ بىر بۇلۇڭىدا تۈرك دۇنياسى ئەكسىگە قايتقان ئىدى. باشقىچە ئەيتقاندا،ئۇيغۇرستاندا تۈرك دۇنياسىنىڭ ئىخچام كىچىك بىر شەكلى قۇرۇلغان ئىدى. ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تاتار، مۇڭغۇل ۋ.ب. ئۇيغۇرستانلىق ياش ئۆسمىرلەر ئۆزىنىڭ ئەينى تارىخىنى ئۈگۈنىشكە ۋە كىمنىڭ پۇشتى ئىكانلىكىنى تونۇشقا باشلىدى. تۈرك دۇنياسىنىڭ قاراڭغۇ بۇلۇڭىدا تۈرك دۇنياسىنىڭ ئويغۇنىشى باشلانغان ئىدى. مانا بۇ، ”ئۇلۇق داھى“ ستالىننى قورقۇتىۋەتكەن بولىشى مۈمكىن.
سىياسى ۋەزىئەتنىڭ موقۇمسىزلىقىغا، كەلگۈسى ئىستىقبالىنىڭ قاراڭغۇلىقىغا ۋە سوۋىتنىڭ زومىگەرلىك نازارېتىگە قارىماي، ش ت ج قۇدرەت تېپىپ تولۇق دۆلەتكە ئايلىنىشقا، ھەر قانداق مۇستەققىل دۆلەتكە ئوخشاش جىمى ئاپپاراتلىرى تەل تۆكۈس قۇرۇلۇپ ئۈنۈملىك ئىشلەشكە باشلىدى. ئازاتلىققا ئىرىشكەن خەلىقنىڭ ئەركىن ئەمگەك كۈچىىگە تېيىنغان ئىختىساد سوۋىتلەر ئىتتىپاقىنىڭ، ئاز- تولا ياردېمىگە تېيىنىپ، ئۇنىڭ ھەر تەرەپلىمە بېسىمىغا ۋە ئىككى ئوتتۇرىدىكى سودا مۇناسىبېتىنىڭ تەڭسىزلىكىگە قارىماي، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوقەتچىلىك سەنئېتى بىلەن تىز راۋاجلىنىشقا، ئاھالىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى، ئەۋۋەل كۆرۇنىپ باقمىغان سۇرئەتتە، يۈكسىلىشكە باشلىدى.
ئەۋۋەل، خىتاې باسقۇنچىلىرىنىڭ قول ئاستىدا، ئۇيغۇرستانلىقنىڭ ئۇخلاپ چۈشىگە كىرىپ باقمايدىغان: ھەقسىز ئوقۇش، داۋالاش، يارىدار- مېيىپلارغا، قۇربانلارنىڭ ئائىلېلىرىگە دۆلەتنىڭ تۇراقلىق ياردىمى، يوقسىزلارغا، يىتىم- يېسىر ۋە قېرىلارغا غەمخورلۇق ۋە باشقا مىھرىيەتلىك پروگراممىلار قىسقىلا مۇددەتدە ئەمەللەشتۈرىلدى.
ئۇيغۇرستاننىڭ، خىتاينىڭ قول ئاستىدا قالغان 7 ۋىلايېتىدە مەنزىرە ئەكسىنچە ئىدى. باسقۇنچى ئارمىيەنىڭ سانى كۆپەيمەكدە، ئۇنىڭ خاراجېتى ئۆسمەكدە، زاۋالىنى تۇيغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ غەزنە ئوغۇرلىقى، ئاھالېنى ۋە ئەلنىڭ بايلىقىنى بولاپ تالىشى ئەۋجىگە چىققان، ئاچارچىلىق ئاددى پۇخرانىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشقا ئايلانغان ئىدى. مۇشۇ سەۋەپلىك ۋە تۇراقلىق خەلىق قوزغىلاڭلىرى تۈپەيلىدىن ئىختىساد ھەددىدىن زىيادە چۈشكۈنلىككە ئۇچرىغان ئىدى. رېپرېسىيە (تۇتۇش، قاماش، قاتىل قىلىش) كەڭ قانات يايدى. تۈرمە- زىندانلار توشۇپ، جاي قالماي، ئادەملەرنى قاپلارغا سولاپ ئۈستى- ئۈستىگە دەستىلەپ ياتقۇزاتتى. مەھبۇسلارنى ئۇتتۇرا ئەسىر ئۇسۇللىرىدا قىيناش ۋە ئۆلتۈرىش ئادەتدىكىدىن بەتتەرلەشكەن ئىدى.
باسقۇنچىلارنىڭ زۇلىمىغا جاق تويغان، غەزەپكە تولغان خەلىق ئازاتلىق ھەركېتىنىڭ داۋاملىشىشىنى تەقازالىق بىلەن كۈتەتتى. شەرقى تۈكستان ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىغا ماسلىشىپ ئۇمىيۈزلىك قوزغىلىشقا تەييار ئىدى. لېكىن، ئەپسۇسكى، س س ر- نىڭ رىياسەتچىلىكىدە باشلانغا تىنىچلىق سۆھبەت داۋاملاشماقتا ئىدى.
1945 – يىلى 12 – ئاينىڭ 15 دە، غۇلجىدا، ئازاد قىلىنغان ئۆلكە، رايون ۋەكىللىرىنىڭ قۇرۇلتېيى چاقىرىلدى. 3 كۈن داۋاملاشقان ئۇ، قۇرۇلتاي شەرقى تۈركستان ھۆكۈمتىنىڭ نامىدىكى ”ۋاقىتلىق“ دىگەن قوشۇمچىنى ئېلىپ تاشلاپ، ھىلىخان تۆرىنى تەكرار دۆلەت رەئىسلىكىگە ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىكىگە سايلىدى. يوقۇرى كۆپچىلىك ئەۋاز بىلەن خىتاي ھۆكۈمېتىدىن شەرقى تۈركستاننىڭ مۇستەققىللىقىنى ئىتېراپ قىلىشنى ۋە پۈتۈن ئۇيغۇرستان تەۋەسىدىن ئۆز ئارمىيەسىنى ئېچىقىپ كىتىشنى تەلەپ قىلدى. ئەگەر بۇ تەلەپنى خىتاي تەرپ قوبۇل قىلمىسا، ۋەتەن باسقۇنچىلاردىن تولۇق تازىلانغىچە ئازادلىق ئۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش قارارى قوبۇل قىلىندى.
ئامما ئۇيغۇرستانلىقلارنىڭ 190 يىل ئەۋۋەل يوقاتقان مۇستەققىلىقىنى ۋە 65 يىل ئەۋۋەل يوقاتقان دۆلەتچىلىكىنى ئەكسىگە كەلتۈرۈپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق ئەزاسى سۈپېتىدە ھۆر ياشاش ئۈمىدى، ئۆتكەنكى نۇرغۇن قېتىملاردىكىدەكلا، ئەمەللىشىشكە مۇيەسسەر بولالمىدى.
”ئۇلۇق“ داھى ستالىن رەھبەرلىكىدىكى قۇدرەتلىك سوۋىتلەر ئىتتىپاقى باشقىچە قارار قىلدى. پۈتۈن رۇسىيەنىڭ جاھانگىرى (ئىپىراتورى) ئالېكساندېر II رەھبەرلىكىدىكى رۇسىيەنىڭ 1884 يىللاردىكى ”ئۇيغۇرلارنى ھۆرلىككە قويۇپ بەرمەسلىك سىياسېتىنى تەكرارلىدى. ھازىر ھەممىگە ئايان بولغاندەك، شۇ چاغدا يەتتە شەھەر دۆلېتىنىڭ رەھبېرى ياقۇب بەگ، ئۇيغۇرلار ئىچىدىن ياللىۋېلىنغان مۇناپىق ئارقىلىق زەھەرلەپ ئۆلتۈرىلگەن ئىدى. ھارزىرغىچە زەھەرلىگۈچىنىڭ ئارقا تىېكى مەلۇم ئەمەس. بۇ، ئىمپېراتورنىڭ داھىغا قارىغاندا ئۆزىنىڭ ۋە دۆلېتىنىڭ ھار- نۇمۇسىىنى ئەۋزەل كۆرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنى ئاسراش ئۈچۈن تىرىشقانلىقىنى، ئىنچىكە ئىش قىلغانلىقىنى كۆرسېتىدۇ.
ستالىننىڭ قول چوماقلىرى، قۇۋلىق بىلەن ئارىلاشقان، سىلىق، بەزەن ئوچۇقدىن – ئوچۇق قوپال، مۇئامىلە ۋە ھەركەتلەر بىلەن ھېلىخان تۆرىنى، قەدەممۇ-قەدەم، ئەۋۋەل گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن بولۋاتان كىلىشمىدىن، كىيىن دۆلەت ئىشلىرىدىن يىراقلاشتۇرىشقا باشلىدى. سوۋىتدە تەربىيەلەنگەن، ئۇنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ مەسلەتلىرىگە قارۇغۇلارچە ئەگىشىدىغان دۆلەتنىڭ ياش ئەزالىرى گومىنداڭ بىلەن تىنىچلىق كىلىشمىگە قول قويۇشتى. ئۇ كلىشمىدە شىنجاڭغا تولۇق دىگىدەك مۇختارىيەتلىك (ئاۋتونومىيە) بىرىلگەن ئىدى. مۇستەققىللىقدىن باشقىنى ئىتىراپ قىلمىغان شەرقى تۈركستان دۆلېتنىڭ بىرىنجى رەئىسىنى 1946 – يىلى 13 ئيۈندا سوۋىنىڭ مەخسۇس خىزمەت ئورگانلىرى ئوغۇرلاپ ئالمۇتىغا ئېلىپ كىتىشتى. ئۇ، ئۆزىنىڭ قالغان ھاياتىنى تاشكەندە ئۆي قامىقىدا ئۆتكەزدى.
ھېچ قايسى تەرەپ كىلىشمىنى ئىجرا قىلىشقا ئالدىرىمىدى. موسكۋا ۋاقىتنى سوزۇشقا باشلىدى، ستالىن خىتايدا كوممۇنىستلارنىڭ دۆلەت بېشىغا چىقىشىنى كۈتەتتى. خىتايدا كوممۇنىستلار ھوقۇقنى ئالغاندىن كىيىن، ئەۋۋەل ئۇيغۇرستانلىقلارغا جۇمھۆرىيەتلىق ھوقۇق بىرىشنى ۋەدە قىلغان ماۋزېدۇڭ، ئۆزىنىڭ ۋەدېسىنى ئىجرا قىلمىدىلا ئەمەس، ھەتتا گومىنداڭ ھۆكۈمېتى بىلەن ش ت ج ئوتۇرىسىدا بولغان كىلىشمىدە ئۇيغۇرستان خەلىقىگە بىرىلگەن ھوقۇقنىمۇ ئىتىراپ قىلمىدى. ئۇ شىنجاڭنىڭ جۇڭگۇ خەلىق جەمھۆرىيېتىگە شەرتسىز قوشۇلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۆز دۆلېتىنىڭ رەئىسىنىڭ گىپىگە كىرمەي، سوۋىتنىڭ مەسلەتچىلىرىنىڭ كۆرسەتمىسىگە بىنائەن، گومىنداڭ ھۆكۈمېتى بىلەن تىنىچلىق كىلىشمىگە قول قويغان، رەئىسنى ئوغۇرلاپ كەتكەندىن كىيىن، ئۇنىڭ ئىزدرىگىنى قىلماستىن، ئۇنىڭ ئورۇنىنى ئىگەللىگەن، ئەمدى ماۋزېدۇڭنىڭ شىنجاڭننىڭ جۇڭگۇ خەلىق جەمھۆرىيېتىنىڭ تەركىبىگە شەرتسىز قوشۇلىشىنى قوللىمىغان ئەخمەتجان قاسىمى ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى، ئىككى ئۇلۇق داھىنىڭ تىل بىرىكتۈرىشى بىلەن، ئۇلار ياخشى كۆرىدىغان، سوۋىتكە ئېلىپ كىتىلدى. ئالمۇتىدا ئانچە ئۇزۇن سوزۇلمىغان ماقۇللىققا كەلتۈرىش سوھبېتىدىن ۋە موسكۋادىكى ئۇزۇن قىيىن قىستاقلىق سوراقلاردىن كىيىن ئاتاقلىق لۇبيانكا تۈرمىسىنىڭ زىندانلىرىدا ئۆلتۇرىلدى. ستالىن ۋە ماۋ، خۇدانى تونىمىغاندەكلا ، ئار- نۇمۇسنى ھەم بىلمەيتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ۋەھىشىيانە قانلىق ئىزلىرىنى، ئالېكساندر ئىككىدەك پۇختا يوشۇرىشقا ئۇرۇنمىدى. جىمى گۇۋاچىلارنى دىگىدەك ئۆلتۈرىۋىتىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىدىن كىيىن جىمى ئىش ئايان بولدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەققىللىق خىيالى، مانا شۇنداق، كوممۇنىزىم تۇمانىدا غايىپ بولدى.
ماقالە، 2010- يىلى 11- ئايدا يېزىلغان رۇسچە نۇسخسى ئاساسىدا 2013- يىلى 11- ئايدا يېزىلدى.
ت. سەرگارى.
سالامۇ ئەلەيكۇم ئاكا، ئەگەر سىز مۇۋاپىق كۆرسىڭىز بۇ تېمىنى مۇستەققىل بىر يېڭى تېما قىلىپ نەشىر قىلىپ قوياي. خەۋرىڭىزنى كۇتمەن.
سۇئال: سالامۇ ئەلەيكۇم ئاكا، ئەگەر سىز مۇۋاپىق كۆرسىڭىز بۇ تېمىنى مۇستەققىل بىر يېڭى تېما قىلىپ نەشىر قىلىپ قوياي. خەۋرىڭىزنى كۇتمەن.
جۇۋاپ: ئۇنداق قىلسىڭىز ياخشى بولاتتى ، چۇنكى بۇ ماۋزۇ ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن «ئاق قەغەز»، ۋەتەندە نۇرغۇن ھۆججەتلىك ماتېرىئالار بېسىلدى، ئامما ئۇلار جىق بۇمېۋىتىلگەن.