خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد) ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيە يادىكارلىقلار ئىدارىسىنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى دۆلەت مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىدارىسىنىڭ نۇقتىلىق قوغداش تۈرى بولغان «شىنجاڭ خوتەن چىرا دامكو تام رەسىملىرىنى قوغداش تۈرى» 23 – دېكابىر رەسمىي تۈردە مۇتەخەسىسلەرنىڭ باھالىشىدىن ئۆتتى.
ئىگىلىشىمچە، خوتەن ۋىلايىتى قەدىمدە ئۇدۇن دەپ ئاتىلىدىغان بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان يۇرت بولۇپ، چىرا ناھىيەسىدىكى دامكو خوتەن ۋىلايىتىدىكى بۇددا دىنى خارابىلىرى ئەڭ كۆپ تارقالغان، بۇ يەردىن نۇرغۇن بۇددا دىنى خارابىلىرى مەيلى سان ياكى كۆلەم جەھەتتىن بولسۇن ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن. 2002 – يىلىدىن 2010 – يىلىغىچە جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئارخېلوگىيە تەتقىقات ئورنى بۇ يەردىن 1 – نومۇرلۇق ئىزنا (بۇددا مۇنارى)، 2 – نومۇرلۇق ئىزنا (بۇددا سارىيى)، ۋە 3 – نومۇرلۇق ئىزنا (راھىبلار ھويلىسى) نى قېزىپ چىققان. بۇ قېتىم شىنجاڭ موزېيىدا «شىنجاڭ خوتەن چىرا دامكو تام رەسىملىرىنى قوغداش تۈرى» نى باھالاشمۇ دەل دامكوغا بولغان 10 يىلدىن بۇيانقى قېزىش ۋە ئېچىش جەريانىدا بايقالغان تام رەسىملىرىگە قارىتا چىقىرىلغان زور ئىلمىي يەكۈن ئىكەن.
2013- يىلى 20 – ماي دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە 1 مىليون 730 مىڭ مەبلەغ ئاجرىتىشىدا ئاپتونوم رايون چىرا ناھىيەسىدىن 100 گە يېقىن تام رەسىمىنى شىنجاڭ موزېيىغا ئېلىپ كېلىپ، دۇنخۇاڭ تەتقىقاتى ئورنى بىلەن ھەمكارلىشىپ مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى باشلىغان. 2013 – يىلى 20 – مايدىن بۇ يىل ئۆكتەبىرگىچە 98 پارچە تام رەسىمىگە نومۇر قويۇپ چىقىپ، ئۇنىڭ 62 پارچىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، رامكىغا ئالغان. قالغانلىرىغا رەسىم يۈزىدىكى توپىسىنى تازىلاش، رەڭ قەۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىق قوغداش تەدبىرلىرىنى قوللانغان.
مەنبە: خەلق تورى
مۇھەررىر : ئامانگۈل
بەدىئىي سۈرەتلەر
كۈمۈش تۈسكە كىرگەن تەڭرىتاغ
سىرلىق قىياپەتتىكى گۈزەل توغراقلىق
شىمالىي شىنجاڭنىڭ كەچ كۈزدىكى گۈزەل كارتىنىسى
كەنتكە چۈشكەن كادىرلار
كەڭ ساي كارتىنىسى
ئۈرۈمچى غەربىي چوڭ كۆۋرۈك كارتىنىسى
كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان سايرام كۆلى
ئۇيقۇدىن ئويغانغان شەيتانكەرىش
3ئەل خىزمىتىدىن ئارىيە
قاراماي غەربىي چوڭ جىلغىسىنىڭ تۈگۈنچى باھاردىكى كۆركەم مەنزىرىسى
ئۆرۈك چېچىكى ساياھەت بايرىمىدا ئاز سانلىق مىللەت كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى