ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام قادىر خەۋىرى: ئىلى ئوبلاستى 2015-يىلىدا خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، 26 خىلدىكى 98 تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ ھەممىسى نەقلەشتۈردى. 29 مىڭ ئائىلىگە ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش تۇرالغۇسى سېلىپ بەردى. 28 مىڭ يۈرۈش كاپالەتلىك تۇرالغۇ ۋە كەپىلىك رايونلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەر ئۆزگەرتىپ ياخشىلاندى. شەھەر- بازارلاردا 49 مىڭ 600 ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىپ، سىرتقا چىقىرىلغان يېزا ئېشىنچا ئەمگەكچى قېتىم سانى بويىچە 525 مىڭ ئادەمگە يېتىپ، 3 مىليارد 500 مىليون يۈەن كىرىم يارىتىلدى. نامراتلارنى يۆلەش – ئېچىش، خەلقنى بېيىتىشتىكى «قوش 100» قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈم يارىتىپ، كەنتلەر بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش تۈرىدىن توققۇزى تاماملىنىپ، 23 مىڭ دېھقان – چارۋىچى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى. 95 مىڭ ئادەمنىڭ بىخەتەر ئىچىملىك سۇ مەسىلىسى ھەل قىلىندى، توك يەتكۈزۈلۈش ھەممە كەنتنى قاپلىدى. 1100 كىلومېتىر يېزا تاشيولى ياسالدى. «27- ئىيۇن» دىكى يامغۇر ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولدى. پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىدە يېڭىلىق يارىتىلىپ، خەلقنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى ئاشتى.
مۇھەررىر : پەرھات ئەزىز
بەدىئىي سۈرەتلەر
كۈمۈش تۈسكە كىرگەن تەڭرىتاغ
سىرلىق قىياپەتتىكى گۈزەل توغراقلىق
شىمالىي شىنجاڭنىڭ كەچ كۈزدىكى گۈزەل كارتىنىسى
كەنتكە چۈشكەن كادىرلار
كەڭ ساي كارتىنىسى
ئۈرۈمچى غەربىي چوڭ كۆۋرۈك كارتىنىسى
كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان سايرام كۆلى
ئۇيقۇدىن ئويغانغان شەيتانكەرىش
3ئەل خىزمىتىدىن ئارىيە
قاراماي غەربىي چوڭ جىلغىسىنىڭ تۈگۈنچى باھاردىكى كۆركەم مەنزىرىسى
ئۆرۈك چېچىكى ساياھەت بايرىمىدا ئاز سانلىق مىللەت كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى